خىتاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىمۇ ئېلىپ بېرىش قارارىغا كەلدى

خىتاي خەلق تورىنىڭ 24 - ئاۋغۇست خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي مەركىزى تەشۋىقات مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەمدە مىللىي ئىشلار كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلىرى بىرلىكتە، پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرماقچى ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.08.25

دائىرىلەرنىڭ بۇ ھەقتە دۈشەنبە چاقىرغان تېلېۋىزىيە، تېلېفون يىغىنىدا، خىتاي مەركىزى كومىتېت تەشۋىقات مىنىستىرى ليۇ يۈنشەن "مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى ساقلاشنىڭ، تەرەققىياتنىڭ ئاساسى" دەپ كۆرسەتكەن.

شۇنداقلا " دۆلەتنىڭ پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئۈچ ئايرىلالماسلىق ئىدىيىسىدە تەۋرەنمەي، جەمئىيەتتە مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاق، پاراۋانلىق يارىتىشقا بارلىق مىللەت خەلقلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش كېرەك،" دېگەن شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى مەملىكەت بويىچە ھەر مىللەتكە كىچىكىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە ئوخشاش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىل تەربىيىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ھەتتا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق دەرسىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتكەن.

بەزى كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، 26 - ئىيۇن شاۋگۇەن ۋەقەسى ۋە ئارقىدىن 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى قوللانغان ئاز سانلىق مىللەت سىياسىتىگە قايتا قاراپ چىقىشىغا ۋە تاكتىكا ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.