بولۇپمۇ، مەزكۇر سىياسەتنىڭ خىتايدا قىز - ئاياللار سانىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ۋە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىپ كېتىشىدەك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى خىتاي تور بەتلىرىدە مۇلاھىزە قىلىنىشقا باشلىغان.
خىتايدىكى بەزى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە قايتا ئويلىنىپ، ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
بۈگۈن، "خىتاي گېزىتى" ئېلان قىلغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەتلىك نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى باشلىقى لى بىن بۇ ھەقتە توختىلىپ، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇ، "بۇنداق چوڭ تارىخى قارار ئۈستىدە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىش ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدۇ. بۇ سىياسەت يەنە نەچچە ئون يىل داۋام قىلىدۇ" دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى بولسا بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ زىيىنىغا ئەڭ كۆپ ئۇچراۋاتقان خەلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، خىتايدا يولغا قويۇلۇۋاتقان بۇ سىياسەتنى ئەسلىدىلا ئاز ساندا بولغان ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يولغا قويۇشنىڭ ئىنتايىن ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى، بۇ سىياسەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەيلى ئىجتىمائىي، مەدەنىي ۋە مەيلى دىنىي جەھەتتىن بولسۇن باب كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دىلشات رىشىت سۆزىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئېقىپ كىرىۋاتقان خىتاي نوپۇسىنى كونترول قىلمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئاتالمىش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.