كىلىنتون بۇ چاقىرىقىنى، 11 كۈن داۋام قىلىدىغان ئاسىيا -تىنچ ئوكيان رايونىدىكى 6 دۆلەت سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتىدە بايان قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېي بۈگۈن كلىنتوننىڭ مەزكۇر چاقىرىقىغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسىگە قول تىقماسلىققا قايتا دەۋەت قىلغان.
خىتاي يىللاردىن بېرى، مەزكۇر رايوندىكى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىنى، تالاش-تارتىشتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆزلىشىشنى تەشەببۇس قىلماقتا. ئامېرىكا بولسا، تالاش-تارتىشتىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەسىلىنى ئورتاق مۇزاكىرە بىلەن ھەل قىلىشىنى تەۋسىيە قىلماقتا.
ئامېرىكا يەنە بۇنىڭدىن كېيىن ئىستراتېگىيىلىك نىشانىنى ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە بۇ رايوندىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، كىلىنتون خانىم دۈشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتايدا زىيارەتتە بولىدۇ.
ئۇ خىتاي تەرەپ بىلەن جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى مەسىلىسى، سۈرىيە، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ. كىلىنتون خىتايدىن كېيىن، شەرقى تىمۇر، برۇنىي ۋە رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىدا زىيارەتتە بولىدۇ.