خىتاي ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىدى

ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق يادرو بىخەتەرلىك مەسىلىسى يىغىنىدا سۆز قىلغاندا، خىتاينىڭ يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى مەيدانىنى بىلدۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.04.13

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ سۆزىدە، نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە بارغانسېرى كۆڭۈل بولۇۋاتقانلىقى، شۇ سەۋەبتىن دۆلەتلەرنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى ھەققىدىكى ۋەدىلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش، يادرو بىخەتەرلىكىگە ئائىت خەلقئارا قانۇننى كۈچەيتىش، يادرو بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يادرو بىخەتەرلىك قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ھەمدە يادرو بىخەتەرلىكى بىلەن يادرونى تىنچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ بىلەن باراك ئوبامانىڭ ۋاشىنگتوندىكى ئۇچرىشىشىدا ئىراننىڭ يادرو پىلانى مەسىلىسى ۋە خىتاينىڭ ب د ت نىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا نىسبەتەن قارار چىقىرىشىغا قاتنىشىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا ئىمبارگو قوللىنىش مەسىلىسىدە ئۆزىنىڭ مەيدانىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ئاساسەن يېقىنلاشقانلىقىنى ئىپادە قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.