مەلۇم بولۇشىچە، فلورىدا، ۋىرگىنىيە، مىسسىسىپى، ئالاباما ۋە لۇئىسىئانا قاتارلىق شتاتلاردىن 3 مىڭغا يېقىن ئۆي ئىگىسى خىتايدا ئىشلەنگەن كۆيمەس تامنى ئىشلىتىپ چاتاق چىققانلىقىنى دوكلات قىلغان.
نەتىجىدە ئامېرىكا ئىستېمالچىلار بىخەتەرلىك كومىتېتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، بۇ خىلدىكى تاملارنىڭ پۈتۈنلەي چېقىلىپ قايتا سېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
جۈمە كۈنى كومىتېت رەئىسى ئىنېز تەنەنبائۇم: "بىز ئۆي ئىگىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تاملارنى پۈتۈنلەي قومۇرۇۋېتىپ، ئوينىڭ ئىچكى قىسمىنى قايتا ياسىشىنى ۋە ھاياتىنى قايتىدىن باشلىشىنى تەلەپ قىلىمىز" دېدى.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتايدا ئىشلەنگەن بۇ خىلدىكى تاملار توك يوللىرى، ھاۋا ئالماشتۇرۇش سىستېمىسى، كومپيۇتېر، ئىشىك تۇتقۇچلىرى ۋە زىننەت بۇيۇملىرىنىڭمۇ چىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ خىلدىكى تاملارنىڭ ھەتتا ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىنېز تەنەنبائۇم خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان قۇرۇق تاملار چىقىرىدىغان گىدرو سۇلفىد خىمىيىلىك ماددىسىنىڭ مىقدارى باشقا يەردە ئىشلەنگەن قۇرۇق تاملارغا قارىغاندا 100 ھەسسە يۇقىرى ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل تاملار يېقىنقى يىللاردا ئامېرىكا ئوي بازىرىدا كۆرۈنگەن ئۆرلەش ھادىسىسى جەرياندا بىر قەدەر كۆپ ئىمپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى تاملار يېڭى سېلىنغان ئۆيلەردە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىكەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى بىل نېلسون نۆۋەتتە ئوي ئىگىلىرى تارتقان زىياننى كىمدىن تۆلىتىۋېلىش مەسىلىسىنىڭ مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: " بۇنى ئۆي ئىگىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى يوق. بەلكى خىتايدىكى زاۋۇت ئىگىلىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇڭا بىز بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشىمىز كېرەك."
2007 يىلى خىتاي ئىشلىگەن بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ۋە ئەرمەك ھايۋان يېمەكلىرىدە زەھەرلىك ماددا مېلامىن بايقىلىپ، ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرىدا جىددىيلىك پەيدا قىلغان ئىدى.