خوڭكوڭ پالاتا ئەزالىرى بېيجىڭپەرەس باشلقىنى ئەيىبلىمەكچى

خوڭكوڭ پالاتا ئەزالىرى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن رايون باشلىقىنى «باشقۇرۇش ئىستىلى ناچار بولۇش» بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.01.09

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى ياقىلىغۇچى پالاتا ئەزالىرى نۆۋەتتە خوڭكوڭنىڭ باشلىقى لىياڭ جېنيىڭنى ئەيىبلەيدىغان بىر قانۇن لايىھىسى تونۇشتۇرغان.

قانۇن لايىھىسىدە لىياڭ جېنيىڭنىڭ خوڭكوڭلۇقلارنى خاتا يولغا باشلاپ، ھەشەمەتلىك داچىسىنى قانۇنسىز بېزىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

ئەگەر مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ماقۇللانسا لىياڭ جېنيىڭ رەسمىي ئەيىبلىنىدىكەن.

لىياڭ بېيجىڭنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە بېيجىڭپەرەس ئەمەلدارلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ خوڭكوڭدىكى نارازىلىق نامايىشلىرى ۋە نارازىلىق پىكىرلىرىنىڭ ئۇلغىيىشىغا سەۋەب بولماقتا ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.