خۇ جىنتاۋ بىلەن دمىترى مېدۋېدېف ئۇچراشتى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯜﺩﯞﺍﺭ
2010.05.09
2010.05.09
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ دمىترى مېدۋېدېف بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا پۈتۈن رۇسىيە خەلقىنى غالىبىيەت بايرىمى بىلەن تەبرىكلىگەن ھەمدە "بۇ بىزنىڭ ئورتاق بايرىمىمىز" دېگەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئىككىنچى جاھان ئۇرۇشى تارىخى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن ئوخشاش مەيداندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
شىنخۇئانىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مېدۋېدېف خۇ جىنتاۋنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 65 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىغا كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خۇ جىنتاۋ سۆزىدە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا مەسىلىلەردە تېخىمۇ ماسلىشىۋاتقانلىقى ۋە رۇسىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى تەكىتلىگەندىن سىرت يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە تۆت خىل تەكلىپ بەرگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە "تېررورچىلىققا قارشى ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 'ئۈچ خىل كۈچلەر'گە ئورتاق زەربە بېرىش" دېگەندەك تەشەببۇسمۇ بار.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى خۇ جىنتاۋ رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە ئورتاق زەربە بېرىش مەسىلىسىنى تىلغان ئالغان.
خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە ئورتاق قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە بىرلىشىپ زەربە بېرىش، سابىق پرېزىدېنت بورىس يېلتسىن دەۋرىدە پۈتۈشۈلگەن بولۇپ، ۋلادىمىر پۇتىن بۇ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن ئىدى.
خىتاي، رۇسىيىنىڭ چېچەن پىدائىيلىرىنى يوقىتىش ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ھەرىكىتىنى، رۇسىيە بولسا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە زەربە بېرىش كۈرىشىنى ئۆزارا قوللاش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلغان.