خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيە زىيارىتى مىڭلىغان ياپونىيىلىكنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى

خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋنىڭ ياپونىيە زىيارىتى مىڭلىغان ياپونىيىلىكنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى. نامايىش ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئېچىلىۋاتقان يوكوخاما شەھىرىدە شەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشقا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىش تىنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.11.13

مەزكۇر نامايىش بۇ يىل 7 - سېنتەبىردە سېنكاكۇدا يۈز بەرگەن خىتاي بېلىقچى كېمىسى ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان 4 - قېتىملىق نامايىش.

ئالدىنقى ھەپتە توكيودىمۇ ياپون مىللەتچىلىرى گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى تاشىئو تاموگامىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن مۇشۇ خىلدا چوڭ تىپتىكى بىر نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

بۇ يىل 7 - سېنتەبىر، خىتاينىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە دېڭىز چارلىغۇچى قىسىملىرىنىڭ كېمىسىگە قەستەن سوقۇلغاندىن كېيىن، ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچىلارنى قولغا ئالغان. باشقا بېلىقچىلار قويۇپ بېرەلىگەن بولسىمۇ، خىتاي كاپىتانىنى 10 نەچچە كۈن تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن 24 سېنتەبىر قويۇپ بەرگەن ئىدى. مەزكۇر ھادىسە ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئېغىر دەرىجىدە يىرىكلەشتۈرگەن.

شەنبە كۈنىدىكى نامايىشنىمۇ، ياپون مىللەتچىلىرى گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى تاشىئو تاموگامى تەشكىللىگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاسىيا ئاسىيا -تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى داۋامىدا ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتو كان خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بىلەن ئۇچراشقان. ئۇچرىشىش يېرىم سائەتلەر ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان. ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى تەسۇرو فۇكۇياما، ئۇچرىشىشتا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارال مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقانلىقىنى بىلدۈردى.

فۇكۇياما: "بۇ رەسمىي شەكىلدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى، ياپونىيە -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قەدەم" دېدى.

فۇكۇميا ئىككى تەرەپنىڭ ئارال مەسىلىسىدە سۆزلەشكەن تەپسىلاتلار ئۈستىدە توختالمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.