مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئىخلاسمەنلىرىنى ماتەمگە چۆمدۈردى.
يار مۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق 1958-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاتۇشنىڭ شورۇق كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ 1983-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1997-يىلى ئۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن خىزمەتتىن ئىستېپا بېرىپ، ئۆز ئالدىغا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان.
مەرھۇم مەرھۇم يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى، مەدەنىيەت تەتقىقاتى ۋە پېداگوگىكىغا ئائىت تېمىلاردا نۇرغۇن ماقالىلەرنى، «ئوغلۇم، ئالدىڭغا قارا»، «ھايات ۋە مۇۋەپپەقىيەت»، «قائىدە يوسۇنلىرىمىز» ناملىق تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ، جامائەتچىلىككە تونۇلۇپ، ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان.
مەزكۇر ئەدىب ۋە پەلسەپە تەتقىقاتچىسىنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنغان ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭغا بۇلتۇر جىگەر راكى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان بەزى يېقىن كىشىلىرى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە باشقا ئالىي مەكتەپلەردىكى بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭغا جەمئىيەتتىن ۋە ئالىي مەكتەپلەردىن ئىئانە يىغىش ئارقىلىق بۇ پۇلغا ئۆزىنى داۋالىتىش تەكلىپىنى بەرگەن. لېكىن، يارمۇھەممەد ئەپەندى باشقىلارنىڭ ئىئانە پۇلىغا داۋالىنىشنى توغرا تاپماي، بۇ ئىشقا قەتئىي قوشۇلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئەدىبنىڭ ئىخلاسمەنلىرى بولغان بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىي بولۇپ تەشكىللىنىپ، يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى زاكاز قوبۇل قىلىپ سېتىپ، ئۇنىڭدىن يىغىلغان پۇللار ئارقىلىق ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى باشلىغان.
كېيىن ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرگە يېيىلغان بۇ پائالىيەت يۇقىرىدىن كەلگەن بۇيرۇق بىلەن توختىتىپ قويۇلغان. بەزى ئىنكاسلاردا يەنە، مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېت بۇ كىتاب سېتىش پائالىيىتىنى باشلىغان مەلۇم ئوقۇغۇچىلارنى تەنقىدلەپ، ئۇلارغا تەكشۈرۈشنامە يېزىشقا بۇيرۇلغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
ياردمۇھەممەد تاھىرنىڭ «قۇتادغۇبىلىك» تەتقىقاتى ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ۋە ئۇنىڭ ئىجتىمائىي-ئەخلاقىي مەسىلىلەرگە بېغىشلىغان ئەسەرلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي روھى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاراشلىرى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە جامائىتىنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.