شىنزو ئابې ياسۇكۇنى قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلدى

پەيشەنبە كۈنى ياپونىيىدىكى ئۆكتىچى پارتىيە لىدىرى شىنزو ئابې ۋە ئىككى كابېنت مىنىستىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئون نەچچە پارلامېنت ئەزاسى توكيودىكى ياسۇكۇنى ئۇرۇش قۇربانلىرى قەبرىگاھىنى زىيارەت قىلغان.

شىنزو ئابېنىڭ بۇ زىيارىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقەگە دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، شىنزو ئابېنى «قەستەن جۇڭگونىڭ چىشىغا تېگىش» بىلەن ئەيىبلىدى.

ياسۇكۇنى قەبرىگاھى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ياپونىيە ئوفىتسېر-جەڭچىلىرى ۋە پۇقرالىرى دەپنە قىلىنغان خاتىرە ساراي. بۇ جايغا يەنە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ 1930-ۋە 40-يىللىرىدىكى خىتايدا ئېلىپ بارغان ھەربىي ئىشغالىيىتىگە قاتنىشىپ ئۆلگەن ئوفىتسېر -جەڭچىلەر، شۇنداقلا يەنە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن يىراق شەرق خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن ئۇرۇش جىنايەتچىسى دەپ ئەيىبلەنگەن 14 نەپەر گېنېرالىمۇ دەپنە قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ياسۇكۇنىنى ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ چەتئەلگە تاجاۋۇز قىلىش تارىخىنىڭ سىمۋولى، دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى زىيارەت قىلىشقا قاتتىق قارشى تۇرۇپ كەلگەن.

ياپونىيىنىڭ سابىق باش ۋەزىرى شىنزو ئابې دەل ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق داۋاسى كۈچەيگەن مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ نامزاتلىق سايلىمىدا ئۇتۇپ چىقىپ پارتىيىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان ئىدى. ئۇنىڭ ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر يىرىكلەشكەن مەزگىلدە قەبرىگاھنى زىيارەت قىلىشى خىتاي دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلدى. ئۇلار ئابې نىڭ بۇ ھەرىكىتى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زەخىم يەتكۈزىدۇ، دەپ ئىنكاس قايتۇردى.