بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، بۇ خەۋەرنى ئەڭ دەسلەپ ھازىر ئامېرىكىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي قانۇن پروفېسسورى تېڭ بياۋ تىۋىتتېر تورى ئارقىلىق ئاشكارىلىغان. ئۇ نۇرمەمەت ياسىننىڭ شاياردا ئۆزى يېتىۋاتقان تۈرمىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن 2011-يىلى ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدە ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن خەۋەر ئالغانلىقىنى، ئەمما ۋەقەلىكنىڭ تەپسىلاتىغا ئائىت ھېچنېمە بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
گېرمانىيە ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىرتىدىكى ئالاقىدار ئورگانلار ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان كىشىلەردىن ئىگىلىشىچە، نۇرمەمەت ياسىننىڭ ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر بىر قانچە ئاي بۇرۇنلا تارقالغان ئىكەن. ئەمما ئەھۋالنى سۈرۈشتۈرگۈچىلەر نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئائىلىسىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ، قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ئائىلىسى بۇ ھەقتە ھېچقانداق يىپ ئۇچى بەرمىگەن.
ئىستانسىمىزنىڭ خىتايچە بۆلۈمى بۈگۈن بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقان قانۇن پروفېسسورى تېڭ بياۋنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، تىڭ بىياۋ ئۆزىنىڭ بۇ خەۋەرنى بىر دوستىدىن ئاڭلىغانلىقىنى، گەرچە يۈزدە-يۈز جەزملەشتۈرەلمىسىمۇ، ئەمما ئاساسەن ئىشەنچلىك دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، نۇرمەمەت ياسىننىڭ تۈرمىدە كېسەل بولۇپ قالغىنىغا خېلى ئۇزۇن بولغانلىقىنى، ئۇ تۈرمىنىڭ شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقىنى، نۇرمەمەت ياسىننىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئۇنى يوقلىشىغىمۇ يول قويۇلمىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلغان.
نۇرمەمەت ياسىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مارالبېشى ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئەينى چاغدا ئۆزىنىڭ قىسقا ھېكايىلىرى ۋە بىر قىسىم شېئىرلىرى بىلەن نام چىقارغان ئىدى. ئۇ 2004-يىلى قەشقەر دە «ياۋا كەپتەر» ناملىق پروزىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان ۋە 2005-يىلى مەخپىي سوت بىلەن 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ۋە كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى نۇرمەمەت ياسىننى تۈرمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئىدى.