ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي سىياسىتى مەغلۇپ بولدى

ياۋروپا ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرىدىن ياۋروپا تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى جۈمە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سودىدىن تارتىپ كىشىلىك ھوقۇققىچە بولغان ھەر قايسى سەھەلەردىكى سىياسىتىدە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش بولمىغانلىقىنى، ياۋروپانىڭ سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا يۇمشاق ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىش بىلەن تەڭ يەنە قەتئىي بولۇشىنى تەۋسىيە قىلدى.

دوكلاتتا مۇنداق دەيدۇ: "شەرتسىز ھەمكارلىشىش ئىستراتېگىيىسى ئاقمىدى. خىتاي كۈچى ياۋروپانىڭ تۇتقان يولىنى نەزىرىگە ئىلمىدى. ئۇلار ياۋروپانىڭ ئاجىزلىقىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، دېموكراتىيىلىشىشنى رەت قىلدى."

ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپلا قالماي ئۇلارنىڭ يەنە تىبەت مەسىلىسىدە زور ئىختىلاپى بار ئىدى. 2008 ‏ - يىلى 10 ‏ - ئايدا فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان باشلىقلار يىغىنىنى بىكار قىلغان.

دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېگەن": ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيىسى، خىتاي ياۋروپانىڭ تەسىرىدە ئىقتىسادىنى لىبىراللاشتۇرۇپ، قانۇنى بىلەن ئىدارە قىلىش، سىياسەتنى دېموكراتىيىلەشتۈرۈشنى يولغا قويىدۇ، دەيدىغان قېلىپ ئاساسىغا قۇرۇلغان."

لېكىن، دوكلاتتا خىتاينىڭ بۇنىڭغا پەرۋا قىلىپ قويمىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.