شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر پىلان لايىھىسى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ھەمدە خىتاي ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تىللاردىن بىر-بىرىگە تەرجىمە قىلىنغان ئەسەرلەرنى توپلاپ، نەشىر قىلىش ئۈچۈن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ھەم ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلىدىكەن.
ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر قايسى مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ رومان، پوۋېست، شېئىرلار توپلىمى، ئەدەبىي ئوبزورلار توپلىمى ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرىدىن بولۇپ، 92 پارچە كىتابنى تاللاپ بېكىتكەن. مەزكۇر لايىھىگە تاللىنىدىغان ئەسەرلەرگە قاتتىق تەلەپ قويۇلىدىغان بولۇپ، ئۈچ خىل باھالاش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇقىملاشتۇرۇلىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 1949-يىلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى بىلەن يېزىلىپ نەشىر قىلىنغان رومانلار تەخمىنەن 200 ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە كۆپلىگەن نەشىر قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان رومانلار، پوۋېستلار ۋە باشقا خىلدىكى ئەسەرلەرنىڭ بارلىقى، بىراق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ، سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك كونتروللۇقلار تۈپەيلىدىن ئۆز ئەسەرلىرىنى ئەركىن نەشىر قىلىشقا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا.