خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستېرى ۋېن جياباۋ ئائىلىسى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ باشقا يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ سورۇنىدىكى مۇناسىۋەتلەر يورۇتۇلغان «قىزىل قىمار ئۈستىلى» ناملىق كىتاب يېقىندا ئامېرىكادا ئېنگىلىز تىلىدا نەشر قىلىندى.
كىتابتا خىتاي سودىگەر شېن دوڭ (ئېنگىلىسچە ئىسمى دېسمون شېن) بىلەن ئۇنىڭ تۆت يىل بۇرۇن بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان ئىلگىرىكى ئايالى دۇەن ۋېيخوڭ (ئېنگىلىزچە ئىسمى ۋىتنېي دۇەن) ئىككەيلەننىڭ، خىتاينىڭ يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان پۇل، ھوقۇق ۋە ئۆز-ئارا نەپكە ئېرىشىش مۇناسىۋەتىلىرى بايان قىلىنغان.
كىتاپتىكى باش پېرسۇناژ شېن دۇڭ خىتايدىكى سودا رىقابىتى جەريانىدا، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرىدىن قىمار سورۇنىدىكى شاھمەت ئۇرۇقى ئورنىدا پايدىلىنىشنى كۆزلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى ھىسابتا خىتاي ئەمەلدارلىرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ، پاجىئەلىك ھالدا قۇربانلىق قىلىنغانلىقىدەك رېئاللىق ئېچىپ بېرىلگەن.
تىجارەتچى شېن دۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ خىتاينىڭ يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان شەخسىي مۇناسىۋىتىنىڭ يېقىنلىقى نەتىجىسىدە ئۇلارنىڭ تىجارىتى بارغانچە روناق تاپقان. ئەمما ئۇلار ئەڭ بېيىغان مەزگىلدە، خەتەرمۇ تەڭ يېقىنلاشقان. ئۇ 2015-يىلى ئايالى دۈەن ۋېيخوڭ بىلەن ئاجرىشىپ، خىتايدىن ئايرىلغان.
كىتاپتا بايان قىلىنىشىچە، شېن دوڭنىڭ ئايالى دۇەن ۋېيخۇڭ خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستېرى ۋېن جياباۋنىڭ خانىمى جاڭ بېيلىغا تىجارەت مەسلەھەتچىسى بولۇشتەك يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. ئۇلار ھەتتا ۋېن جياباۋنىڭ خانىمى جاڭ بېيلى بىلەن بىرلىكتە چەت ئەللەرگە ساياھەتكىمۇ چىققان. كىتاپتا يەنە شى جىنپىڭ دەۋرىدە خىتايدا جازالانغان ئەمەلدارلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرمۇ بايان قىلىنغان.
شېن دۇڭ ئەپەندىنىڭ 7-سېنتەبىر كۈنى كىتاپنىڭ نەشر قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن باياناتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ 2015-يىلى ئايالى دۇەن ۋېيخۇڭ بىلەن ئاجراشقاندىن كېيىن، 2 ياشلىق ئوغلىنى ئېلىپ خوڭكوڭ ئارقىلىق ئەنگىلىيەگە كەتكەن. 2017-يىلى دۇەن ۋېيخۇڭ 4 نەپەر خىزمەتچىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئايالى دۇەن ۋېيخۇڭ بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان. ئەمما يېقىندا كىتاب نەشرگە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ 4 يىلدىن بۇيان ئىز-دېرىكى بولمىغان ئىلگىرىكى ئايالى دۇەن ۋېيخۇڭ خانىم تۇيۇقسىز بېيجىڭدىن تېلېفون قىلىپ، كىتابنى نەشر قىلماسلىقنى تەلەپ قىلغان ئىكەن.
شېن دۇڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئايالىنىڭ تېلېفونىدىن كېيىنمۇ كىتابىنى نەشر قىلدۇرۇشتىن ۋاز كەچمىگەن. 7-سېنتەبىر كۈنى كىتاب ئەسلىدىكى پىلان بويىچە كىتاپ نيو-يوركتا نەشردىن چىققان. بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردىن «ۋول-ستېرت ژۇرنىلى» گېزىتى، «ۋاشىنگىتون پوچتىسى»، CNN تېلىۋىزىيەسى ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىكى كۆپلىگەن تاراتقۇلاردا، يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «قىزىل قىمار ئۈستىلى» ناملىق بۇ كىتاپ ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن خەۋەر ۋە ئانالىزلار بېرىلمەكتە.
ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزدېنتى دانولد ترامپ مەزگىلىدە ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى بويىچە مۇئاۋىن مەسلەھەتچىسى بولغان ماتتىۋ پوتتىنگېر مەزكۇر كىتاپقا يازغان بېغىشلىمىسىدا: «بۇ كىتاب خىتاي ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلار، بولۇپمۇ خىتاي خەلقى ئوقۇشنى كۈتىۋاتقان بىر كىتاب. ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان مۇۋەپپەقىيەت ۋە خەتەرلەر كىشىنى مەھلىيا قىلىدۇ،» دېگەن.
«بېيجىڭ باھارى ژورنىلى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، كىتابتا خىتاينىڭ يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ كىتابتا خىتاينىڭ يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرى سورۇنىدىكى ھوقۇق-پۇل مۇناسىۋىتى ۋە پارىخورلۇق-چىرىكلىك قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان. مانا بۇ نۇقتا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەسلا كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئەھۋالدۇر.»
خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە ئۇلارنىڭ دۈەن ۋېيخۇڭنى گۆرۈگە ئېلىۋالغانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن. ئۇلار كىتابنى نەشر قىلغۇزماسلىق ئۈچۈن تەھدىت ۋاستىسىنى قوللانغان. ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى، ئەگەر كىتاب نەشر قىلىنمىسا، ئۇلارنىڭ قولىدىكى دۇەن ۋېيخۇڭغا بولغان مۇئامىلىسى ياخشىراق بولىدۇ، ئەگەر كىتاب نەشر قىلىنسا، ئۇلارنىڭ دۇەن ۋېيخۇڭغا تۇتقان مۇئامىلىسى تېخىمۇ قەبىھ بولىدۇ. خىتاي كومپارتىيە ئەمەلدارلىرى مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى شېن دۇڭغا ئۇنىڭ ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىنىڭ يەنىلا خىتايدا، يەنى ئۇلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنى مۇرەسسەگە ئۈندىمەكچى بولغان. ئەلۋەتتە، شېن دۇ ئەپەندى كىتاپنى نەشر قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، دۇەن ۋېيخۇنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ مۈشكۈل بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئەمەلىيەت بەلكىم ئۇنداق ناچار بولماسلىقىمۇ مۇمكىن.»
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە كىتابتا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستېرى ۋېن جياباۋغا چېتىشلىق ئەھۋاللارنىڭمۇ بايان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى: «ئەمما مەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ كىتابنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىدىنمۇ گۇمان قىلىمەن. چۈنكى كىتابنىڭ ۋېن جياباۋنىڭ ئوبرازىغا كەلتۈرۈدىغان زىيىنى بىر قەدەر ئېغىر، شى جىنپىڭغا بولغان زىيىنى چوڭ ئەمەس. مېنىڭ تەسەۋۇرۇمچە، شى جىنپىڭ بۇ كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشىغا ئۇنچىمۇ خاپا بولمىسا كېرەك.»
كىتاپ ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشتىن مەلۇم بولۇشىچە، «قىزىل قىمار ئۈستىلى» ناملىق بۇ كىتاپتا خۇ جىنتاۋ دەۋرىدە خىتاينىڭ باش مىنىستېرى ۋەزىپىسىدە بولغان ۋېن جياباۋ ئائىلىسى بىلەن سودىگەر شېن دوڭ ۋە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى دۇەن ۋېيخوڭ ئوتتۇرسىدىكى ئالاھىدە يېقىنلىق مۇناسىۋىتىگە ئەڭ كۆپ سەھىپە ئاجرىتىلغان.
مەلۇمكى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارخورلۇقى ۋە چىرىكلىكىگە ئائىت ئەھۋاللار چەتئەل تاراتقۇلىرىدىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىپ كەلمەكتە. خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستېرى ۋېن جياباۋ ھەققىدە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 2012-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى سانىدا بىر ئۇزۇن ماقالە ئېلان قىلىنغان.
بۇ ماقالە «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى داۋىد باربوزا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستېرى ۋېن جياباۋ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاز دېگەندە 2 مىليارد 700 مىليون دوللار پارا يېگەنلىكى پاش قىلىنغان. ماقالىدە تىجارەتچى دۇەن ۋېيخۇڭنىڭ ۋېن جياباۋ ئائىلىسىنىڭ مالىيەسىدىكى يادرولوق شەخس ئىكەنلىكىمۇ تىلغا ئېلىنغان.
خۇ پىڭ ئەپەندى يەنە سودىگەر شېن دوڭنىڭ نېمە ئۈچۈن ئارىدىن نۇرغۇن يىللار ئۆتكەندە بۇ كىتابنى يازغانلىقى، بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە مۇنداق دېدى:
«ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ بۇ كىتابنى يېزىشىغا سەۋەپ بولغان ئامىللارنى ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى سىز خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك قىلمىشلىرىغا ئائىت ئىچكىي ئەھۋاللارنى بىلگىنىڭىزدە، ئۇنى ئاشكارىلاشنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ ھىس قىلىسىز، ئۇنى كۆپچىلىككە ئاڭلىتىش لازىم دەپ قارايسىز. ئاپتورنىڭ ئۆزى ئېيتقىنىدەك، ئۇ خىتايدىكى بۇ خىل تۈزۈمدىن نارازى. شۇڭا ئۇ خىتايدىكى بۇ قاراڭغۇ تەرەپلەرى پاش قىلىشنى ئويلىغان دىسەك بولىدۇ.»
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، كىتاب مەيلى قانداق مەقسەتتە يېزىلغان بولسۇن، ئۇنىڭدا پاش قىلىنغىنى خىتايدىكى مەۋجۇت مەسىلىلەر ئىكەن. خىتاي جەمئىيىتىدە ئۆز-ئارا نەپ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆز مەقسەتلىرىگە ئېرىشىشتەك پۇل-ھوقۇق مۇناسىۋىتى، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا ئىنتايىن ئومۇملاشقان مەسىلە ئىكەن. يەنە كېلىپ بۇ خىل مەنپەئەت مۇناسىۋىتى خىتاي ئەمەلدارلىرىدا پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكنىڭ تۈگىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ھۆكۈمىتى پارىخور ئەمەلدارلار كېرەك بولغاندا، ئۇلارنى قوللىنىدۇ، كېرىكى قالمىغاندا، ئۇلارنى «پارىخورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» بىلەن جازالاپ، ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەيدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدىكى بۇ قاراڭغۇ تەرەپلەرنى خىتاي خەلقىدىن ھەر ۋاقىت يوشۇرىدۇ. بۇلارنىڭ خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي خەلقى ۋە خەلقارادىكى ئىناۋىتىنىڭ تۆكۈلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ خىلدىكى كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى، خىتاي كومپارتىيەسىنى ھەر ۋاقىت بىئارام قىلىدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغان.