ئانالىزچىلار: نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن خەلقنى قوراللىق ئەسكەر بىلەن باستۇرۇش پەقەت خىتايدەك مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە مەنسۇپ
2024.09.09
يېقىندىن بۇيان چەت ئەللەردىكى ئىجتىمائىي ئالاقە مۇنبەرلىرىدە بولغان مۇنازىرىلەردە X تورى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلاش بەلگىلىمىلىرى سەۋەبلىك ئۇزۇن يىللارغىچە ئۆزى قاتناشقان قانلىق باستۇرۇشنى ھېچقانداق كىشىگە ئاشكارىلىيالماسلىق، قانلىق باستۇرۇش مەيدانىدىكى ئەسلىمىلەرنى ئۇنتۇيالماسلىق سەۋەبىدىن ھەتتا ئۇزۇن مۇددەتلىك روھى بېسىملار ئىچىدە قېلىش، ھەتتا ئېغىر روھى بېسىم ياكى ئەقلىدىن ئېزىپ قېلىشتەك روھى كېسەللەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلار قايتىدىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان.
«لى لاۋشى بۇشى نى لاۋشى» تەخەللۇسىدىكى ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى تەرىپىدىن 5-سېنتەبىر كۈنى X قا يوللانغان بىر ئىنكاستا ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق قارشىلىق ھەرىكىتىنى توپ-زەمبىرەكلەر ئارقىلىق باستۇرۇشقا قاتناشقان بىر خىتاي ئەسكەرنىڭ ئەسلىمىسى بېرىلگەن. بۇ ئەسكەر سۆزىدە ئەينى چاغدىكى باستۇرۇش ۋەزىيىتىنى بايان قىلىپ، «بىر قانچە زەمبىرەك ئوقى يەر يۈزىدىكى نەرسىلەرنى پاكپاكىز يوقىتىۋەتتى. ھەممە نەرسە بىر كېچىدىلا يوقاپ كەتتى. مەن بىر يېزىنىڭ قىرغىن قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىدىم، ھېچكىم قۇتۇلالمىدى. قارىماققا ئۈچ كەنت يوقىتىلدى، ھەتتا توخۇ ياكى ئىتلارمۇ قالمىدى» دېگەن. بۇ ئەسكەر يەنە ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم بۇنداق قانلىق باستۇرۇشقا قاتناشقان چاغدىكى ئەھۋالنى تەرىپلەپ، «جەڭ بەك قانلىق ئىدى، تۇنجى قېتىم بۇنىڭغا قاتناشقان چېغىمدا، بىر كۈن قۇستۇم.» دېگەن. ئۇ بايانىدا يەنە «پۈتۈن يېزا يوق بولدى. كېيىن ئۆيلەرنى چېقىۋەتتى ۋە دەرەخ تىكتى»، دېگەن.
一张2009年新疆维稳的帖子,引发一众退伍老兵的回忆。
— 李老师不是你老师 (@whyyoutouzhele) September 4, 2024
其中有人提到,“抗压能力差的回来接受长时间心理干预”“整村整村的干”“不分性别年龄” pic.twitter.com/xHJoV4lNyT
X تورىدا «لى لاۋشى بۇشى نى لاۋشى» نىڭ بۇ يوللانمىسىغا ئىنكاس قايتۇرغانلاردىن ئامېرىكادىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لىيۇ جىنشىڭ ئەپەندى، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بۇ قانلىق باستۇرۇشنىڭ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ خاڭدى يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇشنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئەينى چاغدا بۇ باستۇرۇشتا نەق مەيدانغا ئۆلۈكلەرنى تىزىملاشقا بارغان بىر قىز ساۋاقدىشىنىڭ كېيىن ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى تۆۋەندىكىدەك بايان قىلدى.
«بۇ 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يۈز بەرگەن يەكەن قانلىق ۋەقەسىنىڭ ئۆزى شۇ. شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتا مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بىر قىز ساۋاقدىشىم يەنى لەنجۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رۇس تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان قىز ساۋاقدىشىم، كېيىن قەشقەردە ئۇچۇر تېخنىكا ئىدارىسىدە مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەنىدى. ئەينى چاغدا ئۇ يەكەندىكى باستۇرۇشتىن كېيىن، ئۆلۈكلەرنى تىزىملاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا بارغاندىن كېيىن ساراڭ بولۇپ قالغانىكەن. مەن بۇ ئەھۋالنى 2015-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلىكىمىزنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كۈيتۇن شەھىرىگە بارغىنىمدا باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن ئاڭلىغان ئىدىم.»
لىيۇ جىنشىڭ ئەپەندى يەنە، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قانلىق» ۋەقەسىنىڭمۇ خىتاينىڭ قوراللىق ساقچىلىرى ۋە باشقا يۇرتلاردىن يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 5-ئىيۇل كۈنىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ نارازىلىق نامايىشى دەسلەپ خەلق مەيدانىدا تىنچ باشلانغان سائەت 3:00 لەردە، مەيدانغا چىققان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن نامايىشچىلار ئۆزلۈكىدىن باشلانغان، ئەمما چۈشتىن كېيىن سائەت بەشلەردە نامايىشنىڭ توپىلاڭغا ئايلانغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. كەچ سائەت 7 دىن كېيىن بولسا پۈتكۈل ئۈرۈمچى شەھەرنىڭ توكلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىلىپ، يۆتكەپ كېلىنگەن قوراللىق ئەسكەرلەر كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى باشلانغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتراتقۇلۇق خەۋەرلىرى سەۋەبلىك، ئۆچمەنلىككە تولغان خىتايلارنىڭ 7-ئىيۇل كۈنى توقماق كۆتۈرۈپ كوچىلاردا ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ ئۇرۇش ۋەقەسى تېخىمۇ قانلىق بولغان.
ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىلىرىدىن ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قانلىق باستۇرۇشقا قاتناشقان خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ روھى كەيپىياتى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلارنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق شىركەتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت قوراللىق ئەسكەرلەر تەرىپىدىن باستۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1989-يىلدىكى بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دېموكراتىيەنى تەلەپ قىلىش نامايىشىمۇ، شۇ يىلى 4-ئىيۇن كۈنى سىچۈەندىكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق تانكىلار بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان ئىكەن.
خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنداق باستۇرۇشلارغا قاتناشقان ئەسكەرلەردە بولىدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى روھى بېسىم، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ، ھۆكۈمەتكە نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئەمما قولىدا قۇرايلى بولمىغان ئاۋام خەلقنى باستۇرۇشقا قاتناشقانلىقىدىن ۋە نەق مەيداننىڭ تولىمۇ قانلىق ۋە پاجىئەلىك بولغانلىقىدىن يۈز بەرگەن ۋىجدان ئازابىغا ئوخشاش ئېغىر روھى بېسىملار سەۋەبىدىن ئىكەن.
نيۇ-يوركتىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوراللىق ئەسكەرلەر ئارقىلىق باستۇرۇش ئومۇملاشقان ئەھۋال بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتى يەرلىك ساقچىلارنى ئەمەس بەلكى خىتاي ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ كېلىش ئارقىلىق باستۇرىدىكەن.
ما جۈ ئەپەندى، 1997-يىلدىكى 5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەل ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوراللىق ساقچى قىسمى ۋە بىڭتۈەندىن ئەسكەر يۆتكەپ كېلىپ باستۇرغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ ئۆتتى.
نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى ئۆمەر ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىنى باستۇرۇشتا، خىتاي ئەسكەرلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ باستۇرۇشىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنىڭ بىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقاچان ئۇيغۇرلاردىن بولغان يەرلىك ساقچىلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىدىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھالبۇكى ما جۈ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىق نامايىشلىرىغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان خەلقلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ئارمىيەسىنى يۆتكەپ كېلىپ باستۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتە كومپارتىيەنىڭ ھاكىمىيىتىنى قوغدايدىغان كوممۇنىست پارتىيەنىڭ ئارمىيەسى بولغانلىقىدىن ئىكەنلىكى، شۇڭا مۇستەبىت خىتاي كومپارتىيە ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاشتا ئەلۋەتتە ئارمىيەنى خەلقنى باستۇرۇشنىڭ قورالىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
ما جۈنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى ۋە باشقا ئۆكتىچىلەرنى قوراللىق ھەربىي كۈچلەر ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇشتەك بۇ قىلمىشى، خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە تەنقىدىنى قوبۇل قىلىدىغان غەرب دېموكراتىك ھۆكۈمەتلىرىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولۇپ، بۇ خىتايغا ئوخشاش مۇستەبىت زوراۋان ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.