ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان كادىرلار» نىڭ قۇربان ھېيتلىق «تۇغقان يوقلىشى» نېمىنى كۆزلىگەن؟

0:00 / 0:00

2023-يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى خەۋەر بېرىپ، بۇ يىلقى قۇربان ھېيتتا جايلاردىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى» كادىرلىرىنىڭ «قۇربان ھېيتلىق قوشماق تۇغقانلىرىنى يوقلاش» پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلدى. ئۇنىڭدا بەزى كادىرلارنىڭ بەلگىلەنگەن «قوشماق تۇغقان» لىرىنى يوقلاپ، مېھرى-شەپقەت يەتكۈزگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىنىڭ «قوشماق تۇغقانلىرى» بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇزېيلارنى زىيارەت قىلغانلىقى ياكى بىرلىكتە ساياھەت قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ» تورى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى چىقارغان «بەخت تىلەش، تۇغقاندارچىلىق ۋە سۆھبەت» ماۋزۇسىدىكى خەۋەردە، «رايونىمىزدا قۇربان ھېيت مەزگىلىدىكى دەم ئېلىشتا قوشماق تۇغقان بولغان كادىرلار تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بايرامنى كۈتۈۋالدى» دېيىلگەن ۋە جايلاردىكى «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى» كادىرلىرىنىڭ» قۇربان ھېيتلىق قوشماق تۇغقانلىرىنى يوقلاش» پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقى ھەققىدىكى ئىشلار بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە «تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 29-ئىيۇن كۈنى چىقارغان «مەن تۇغقىنىم بىلەن يۇرتۇمنى ساياھەت قىلدىم» ماۋزۇلۇق خەۋەردە، توقسۇ ناھىيەسى چاغراق يېزىسى ئالغا كەنتىدە تۇرۇشلۇق كادىرلارنىڭ «قوشماق تۇغقانلىرى» بىلەن بىرلىكتە، ئۈرۈمچىدىكى تارىخىي تەربىيە بازىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزىيى، ماۋ زېمىننىڭ ئەسلى تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى قاتارلىق قىزىل تەربىيە مەدەنىيەت بازىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانلىقى ۋە بۇ جايلاردا ئۆگىنىشتە بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ئامېرىكىدىكى لاگېر شاھىتى زۇمرەت داۋۇت خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كادىرلىرىنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە مېھمان بولۇشى، ھەتتا قونۇشى 2017-، 2018-يىللىرى ئەۋجىگە چىققان بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە مۇشۇنداق قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتقا ئوخشاش دىنىي ۋە مىللىي بايراملاردا، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن «نۇقتىلىق كۆزىتىش ئوبيېكتى» قىلىنغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنى «ھېيتلىق» يوقلاپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىدىكەن.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان، خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش خىتاي كادىرلىرىنى، ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگان قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئەۋەتىشىدىكى مەقسەت بىر تەرەپتىن مىللەتلەر ئىتتىپاق تەشۋىقاتى ئۈچۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خەلقلەرنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئىكەن.

ما جۈ ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر، قازاق، تۇڭگانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بايرام ئۆتكۈزۈش ئىككى جەھەتتە رول ئوينايدۇ. بۇنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ نەزەرىدە بۇنداق قىلغاندا سىرتقى دۇنياغا تەشۋىق قىلىۋاتقان< ھەممە مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى>دېگەن تەشۋىقاتنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ. بۇ ئۇلار تەشۋىق قىلىۋاتقان «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان» مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىش بولۇپ، بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. يەنە بىر جەھەتتىن ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ھەقىقىي مەقسىتى، كىشىلەرنىڭ دىنىي بايرام ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشتۇر» .

ما جۈ ئەپەندى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە خەلقئارادا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىگە بولغان باستۇرۇشى كۈچلۈك ئەيىبلىنىۋاتقان ئەھۋالدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاشكارە بۇيرۇق چىقىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي بايرىمى بولغان قۇربان ھېيتنى چەكلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنىڭغا ئوخشاش ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شىۋېتسىيەدىكى لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇقەددەس دىنىي بايراملىرىدا، خىتاي كادىرلار ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئاتالمىش «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىشتىكى مەقسىتىنىڭ پەقەت نازارەت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى بۇ خەلقلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىش ۋە ھاقارەتلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سايراگۈل خانىم، بۇنىڭدا 2017-2018-يىللاردا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى نەقىل ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە خىتايلارنىڭ «قوشماق تۇغقان» نامىدا ئۇيغۇر، قازاق ئائىلىلىرىدە نۇقتىلىق نازارەتكە قويۇلۇش ئەھۋالى ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىل ئاتالمىش «قوشماق تۇغقانلار» سىياسىتى ئىجرا قىلىنىش جەريانىدا قىز-ئاياللار ئەڭ چوڭ خورلۇققا ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىكەن.

سايراگۈل خانىمنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ئەمەلىيەتتە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەن.