قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ «توردىن قانۇنسىز ماتېرىياللارنى كۆرۈش» قاتارلىق «جىنايى» قىلمىش بىلەن تۇتۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر سەھىبە سايرامئوغلۇ ئۆتكەن ھەپتە ئىنىسى قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ 3 ئاي ئاۋۋال سەۋەبسىز ۋە قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ۋە بۇ خەۋەر بىر قىسىم خەلقئارا جامائەتنىڭ بەلگىلىك دىققىتىنى تارتقانىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ مەلۇم بىر «چوڭ» دېلوغا چېتىلىپ 50 نەچچە گۇماندار بىلەن بىرلىكتە قۇمۇل شەھەرلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە «توردىن قانۇنسىز ماتېرىياللارنى كۆرۈش» ئۇنىڭ ۋە دوستلىرىنىڭ «جىنايى» قىلمىشلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مۇھاجىر سەھىبە سايرامئوغلۇ ئىنىسى قۇددۇس ئابدۇۋەلى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئىنىسى نوپۇسقا ئېلىنغان بورتالا شەھىرىدىكى ساقچى ئورگانلىرى ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئەلچىخانىسىدىن مەلۇمات سورىغان ۋە ئۇلاردىن جاۋاب كۈتكەن. ئۇ، تېگىشلىك جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن يەنى ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەندە ئەھۋالنى خەلقئارا ئاخباراتقا ئاشكارىلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، دەسلەپتە ئۇنىڭ سوئاللىرىنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلغان خىتاي ئەلچىخانىسىمۇ، ئۇنى ئېغىزىنى يۇمۇشقا بۇيرۇغان بورتالا ساقچىلىرىمۇ، ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئەھۋالنى خەلقئاراغا يايماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان. ئۇ بۇ جەرياندا ئىنىسىنىڭ بورتالادا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، ئارقىدىن قۇمۇلغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ قۇمۇلدا يۈز بەرگەن بىر دېلوغا چېتىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

قۇددۇس ئابدۇۋەلى ئانىسى بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
قۇددۇس ئابدۇۋەلى ئانىسى بىلەن. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس) (Sehibe Sayram’oghlu)

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان قۇمۇل شەھەرلىك دۆلەت ئامانلىق ساقچى ئەترىتى باشلىقى، قۇددۇس ئابدۇۋەلى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بورتالادىن يۆتكەپ كېلىنگەن بىر گۇماندارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى.

بورتالادىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم قۇددۇس ئابدۇۋەلىنىڭ قۇمۇلغا يۆتكەپ ئەكېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.

سەھىبەنىڭ دېيىشىچە، قۇددۇس ئابدۇۋەلى قۇمۇلدا ئوقۇپ قۇمۇلدا قالغان ئىنتىزار ئىسىملىك بىر دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن قۇمۇل شەھىرى ئىچىدىكى بىر قاتناش-يۈك توشۇش شىركىتىدە ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىنتىزار ئارقىلىق قۇمۇلدا بىر تۈركۈم ياشلار بىلەن دوستلاشقان ۋە باردى-كەلدى قىلىشقان. سەھىبەنىڭ غەيرىي-رەسمىي يوللاردىن ئىگىلىشىچە، ئۇنىڭ قۇمۇلدا تونۇشقان دوستلىرىدىن «مەسىلە» چىققاندىن كېيىن دوستى ئىنتىزار بىلەن بىرلىكتە شۇ دېلوغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان.

بىز مەزكۇر دېلونىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن، قۇددۇسنىڭ دوستى ئىنتىزارنىڭ ئوقۇغانلىقى ئېھتىمالى بولغان قۇمۇل پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان خادىم، مەزكۇر دېلونىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە ياتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەلۇم بىر خادىم، قۇمۇل پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىن يېقىندا چوڭ يىر دېلو بايقالغانلىقى، دېلوغا مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشقا، ئۇلارنىڭ قۇمۇل سىرتىدىكى بىر قىسىم دوستلىرىنىڭمۇ چېتىشلىقى بايقالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. ئۇ بۇ دېلونىڭ قۇمۇل ۋىلايەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت بىخەتەرلىك ئەترىتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ۋە دېلونىڭ تەپسىلاتىنىڭ قاتتىق مەخپىي تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تور ئارخىپلىرىدا بايان قىلىنىشىچە قۇمۇلدا شەھەرلىك قاماقخانا، تۆمۈريول قاماقخانىسى ۋە بوزيەر ئۆزلەشتۈرۈش مەيدانى قاماقخانىسى قاتارلىق 3 قاماقخانا بار بولۇپ، بۇلاردىن شەھەرلىك قاماقخانىدا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ساقچى ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولغان، جۈملىدىن دۆلەت بىخەتەرلىك دېلولىرىغا چېتىشلىق بولغان گۇماندارلار تۇتۇپ تۇرۇلىدىكەن.

تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان، قۇمۇل شەھەرلىك قاماقخانىنىڭ بىر خادىمى، پېداگوگىكا تېخنىكومىدىكى «چوڭ» دېلوغا چېتىلىپ ھازىرغىچە جەمئىي 91 كىشىنىڭ تۇتۇپ سورالغانلىقى ۋە بۇلاردىن 50 نەچچە كىشىنىڭ ھېلىھەم تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بۇ قاماقخانىنىڭ يەنە بىر خادىمى تۇتقۇندىكى 50 نەچچە گۇمانداردىن 20-30 چە كىشىنىڭ بورتالا قاتارلىق شەھەر ۋە ناھىيەلەردىن تۇتۇپ كېلىنگەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يۇقىرىقى ئالاقىدار خادىمنىڭ دېيىشىچە مەزكۇر دېلوغا چېتىشلىق گۇماندارلار، قانۇنسىز توپلىنىش، ئىنتېرنېتتا تامدىن ئاتلاش، يەنى توردىن «قانۇنسىز» ماتېرىياللارنى كۆرۈش، مىللىي ئۆچمەنلىك تارقىتىش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە ئۇرۇنۇش قاتارلىق «جىنايەت» گۇمانلىرى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

شەھەرلىك قاماقخانىدىكى يەنە بىر خادىمنىڭ پاش قىلىشىچە، بورتالادىن تۇتۇپ كېلىنگەن قۇددۇس ئابدۇۋەلى كومپيۇتېردىن مەلۇم بىر «قانۇنسىز» نەرسىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان.

بۇ خادىممۇ قۇددۇس ئابدۇۋەلى ۋە دوستلىرىنىڭ «جىنايىتى» نىڭ بۇلا ئەمەسلىكى، ئەمما دېلونىڭ قالغان تەپسىلاتىدىن ئۆزىنىڭ خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

يۇقىرىدا، بورتالالىق مۇھاجىر سەھىبە سايرامئوغلۇنىڭ ئىنىسى ۋە دوستلىرىنىڭ مەلۇم بىر «چوڭ» دېلوغا چېتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە نۆۋەتتە قۇمۇل شەھەرلىك قاماقخانىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەردۇق.