«قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك توسۇقى» نىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى نېمە؟

0:00 / 0:00

خىتاي يېقىندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن «قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش توسۇقى» بەرپا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ «قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك توسۇقى» نىڭ خىتاي تەشۋىق قىلغاندەك «نەتىجىلىك» ۋە «غەلىبىلىك» قۇرۇلۇش ئەمەسلىكىنى ۋە خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار بۇ تۈرنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىگە نوپۇس يۆتكەپ ئۇيغۇرلارنى مەڭگۈ خىتايغا بېقىندى قىلىش، خىتايدىكى «تېخنىكىلىق يېڭىلىق» نى دۇنياغا نامايان قىلىپ، تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى كۆزلەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقى ئەتراپىغا دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن «قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش توسۇقى» بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىرغا يەتكەن. پۈتكۈل تەكلىماكان قۇملۇقىنى چۆرىدىگەن ئېكولوگىيەلىك قوغداش توسۇقى خوتەن كېرىيە ناھىيەسىدە تۇتاشتۇرۇلغان، توسۇقنىڭ كەڭلىكى 50 مېتىر ئەتراپىدا بولغان. نىيە ناھىيەسىدە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 46 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا «قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك توسۇقى» بەرپا قىلىنغانلىقى ۋە بەزى يەرلەرگە چىلان مايسىلىرى تىكىلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئارقىدىنلا، خىتاي ھۆكۈمىتى «قۇملۇقنى تىزگىنلەش قانۇنى» غا يېڭى ماددىلارنى قوشۇپ، بۇ «نەتىجىلەر» ۋە «غەلىبە مېۋىلىرىنى مۇستەھكەملەش» نى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى بولغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇملۇقنى تىزگىنلەش قانۇنى› نى يولغا قويۇش چارىسى» نى 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

موسكۋا ئىلمى تەتقىقات مەركىزىنىڭ سابىق تەتقىقاتچىسى، قازاقىستانلىق ئۇيغۇر گېئولوگ ئابدۇللام سامساقوف ئەپەندى خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ «قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش توسۇقى» ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن «نەتىجىلەر» ھەققىدىكى بايانلىرىغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئېلىدە بىر تەرەپتىن پىلانسىز تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىپ، قالايمىقان نېفىت ۋە گاز ئېچىش، تۇپراققا زىيان بېرىپ ۋە مۇھىتنى بۇلغاش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىتاي قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش توسۇقى بەرپا قىلالمايدۇ».

-2023 يىلى 6-ئىيۇن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا قۇملۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ھەمدە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق مۇھىم ئېكولوگىيەلىك قۇرۇلۇشلارنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ يەنە بىلىم ئارقىلىق چۆللىشىشنى كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ھەمدە قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ، يېڭى دەۋردە ئۇيغۇر ئېلىدە قۇملۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش ئۈچۈن يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى مەركەزدىن كەلگەن بۇ باش يوليورۇققا بىنائەن 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك قۇملۇقنى تىزگىنلەش «جېڭى»، يەنى سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنى باشلىغان ئىدى.

ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى ۋە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى قۇملۇقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك قۇملۇقنى تىزگىنلەش «جېڭى» نى باشلايدۇ؟ خىتاي كۆزلىگەن مەقسىتىگە يېتەلەمدۇ؟ «قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك توسۇقى» نىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى بارمۇ؟

بىز بۇ بىر قاتار سوئاللارنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور ھېنرىك شاجىۋسكى (Henryk Szadziewski) ئەپەندىگە سۇندۇق. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ ھەقتە كۆز قارشىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «‹قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك توسۇقى› نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى تۆۋەندىكى ئىككى تەرەپتىن چۈشەندۈرۈشكە بولىدۇ. بىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا خىتايلارنى كۆچۈرۈشى ۋە كۆچۈشىگە ئىلھام بېرىشى سىر ئەمەس. بۇنىڭ مەقسىتى ئەلۋەتتە بۇ رايوننىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇش ۋە ئۇنى بېيجىڭ بىلەن، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ خىتايغا باغلاشتىن ئىبارەت. يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ مۇنبەت تۇپراق بەرپا قىلىش ئارقىلىق دېھقانچىلىق ئۈنۈمى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش. مەركىزى ھۆكۈمەت بۇ رايوننى ئېچىلمىغان يەر دەپ تەسۋىرلەيدۇ، يەنى ئۇيغۇر رايونى ھەر زامان ئىشلەپچىقىرىش ۋە تالان-تاراج قىلىنىشقا تەييار، دەپ قارىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا بۇ تۈرنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ دېگەندە، مەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئۇرۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، خىتاي دۇنياغا ئۆزلىرى ياراتقان ‹يېڭىلىق› نى نامايان قىلىشقا ۋە ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئۇيغۇر رايونىنى، يەنى شەرقى تۈركىستاننى ئەركىن، ئۇچۇق ۋە گۈللەنگەن رايون سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە ئېھتىياجى بار. بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا داۋاملىق كۆچۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ».

«شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاشلىق ئومۇمىي تېرىلغۇ كۆلىمى 42 مىليون 372 مىڭ موغا يېتىپ، خىتايدىكى ئومۇمى ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ 61.4 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلغان. 2023-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 20 مىليون توننىدىن ئېشىپ، خىتايدىكى ئاشلىق ئەڭ كۆپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئەنقەرەدىكى «ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى چۆللىشىشىنىڭ جۇغراپىيە، ئىقلىم ۋە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شەرقى تۈركىستاندىكى چۆللىشىش بىۋاسىتە سۇ ۋە نوپۇس بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستانغا خىتايلارنىڭ كۆچۈشىگە ئىلھام بېرىۋاتىدۇ. سۇ يىلدىن يىلغا ئازىيىۋاتىدۇ. بۇ ھال چۆللىشىشىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ.»

خىتاي تاراتقۇلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان «قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش توسۇقى» نىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىرەر پايدىسى بارمۇ؟

ئامېرىكىدىكى سىياسىي ئانالىزچى گوردون چاڭ (Gordon G. Chang) بۇ سوئالنى سورىغىنىمىزدا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا، قازاق ياكى باشقا خىتاي بولمىغان تۈركىي مىللەتلىرىگە پايدا ۋە نەپ يەتكۈزۈش ئۈچۈن ھېچ ئىش قىلمايدۇ. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان (قۇملۇق ئېكولوگىيەلىك توسۇقى) خىتايلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ھەرگىزمۇ خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدۇ».

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قۇملۇق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش توسۇقى» قۇرۇلۇشى جىددىي كېڭەيتىلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور خېيىم-خەتەردىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك پىكىرلەر داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقماقتا.