خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نامىدا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىشىدىكى سىياسىي غەرەزلەر

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز شادىيە تەييارلىدى
2024.06.26
saqchi-ussul-qurban-heyt-manas-1024 ماناس ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى تەۋەلىكتىكى ئاممىنىڭ ئۆيىدە ئۇسسۇل ئويناپ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى. 2024-يىلى 17-ئىيۇن، ماناس
ts.cn

خىتاي تاراتقۇلىرىدا قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھېيتنى «ئىناق-ئىتتىپاقلىق ۋە شاد-خۇراملىق» ئىچىدە كۈتۈۋالغانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر كەڭ تارقالدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلقى قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلەشكە يەنە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە بىر ئائىلە» تەشۋىقاتنىمۇ بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭدا قۇربان ھېيتنىڭ رايوندىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلىرىنىڭ ئورتاق ئۆتكۈزىدىغان بايرامى سۈپىتىدە كۆرسىتىشمۇ ئالاھىدە نۇقتىغا ئايلانغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» ، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قۇربان ھېيتىنى كۈتۈۋېلىش ھەققىدىكى خەۋەرلىرىدە، قۇربان ھېيتى مۇناسىۋىتى بىلەن شىخەنزە، كورلا، ئاقسۇ، لوپنۇر قاتارلىق جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا قانات يايدۇرۇلغان بىر يۈرۈش ھېيتلىق پائالىيەتلەردە «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈش دوستلۇق پائالىيىتى» ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېيت شادلىقى» دىن ئىبارەت خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقاتى نامايان قىلىنغان. بۇنداق پائالىيەتلەر شۇ جايلاردىكى ھۆكۈمەت، ساقچى ۋە يېزىلارغا چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرى قاتارلىقلار تەرىپىدىنمۇ تەشكىللەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، 5-6 يىللاردىن بۇيان بىرقانچە مىليون ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا سولاپ، ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادىنى چەكلىگەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى دىنىي بايراملىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتىنى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق كىملىكىنى كۈچلەندۈرۈش» شوئارى ئاستىدا خىتاي بىلەن ئورتاق ئۆتكۈزىدىغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» بايرىمىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتىكى غەرەزلىرى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋەرلىرىدە يەنە ساقچى، سوت، تەپتىش، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رايونلاردا تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ئەترىتىدىكى خىتاي كادىرلارنىڭ ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېيت شادلىقى» غا چۆمگەنلىكى داۋراڭ سېلىنغان. مەزكۇر خەۋەرلەردە يەنە، «قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلىسى» پائالىيەتلىرىگە دائىر كۆپلىگەن فوتو سۈرەتلەر ئېلان قىلىنىپ، ئۇلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىچىدىكى قۇربان ھېيتى تەنتەنىسى» دىن ماختانغان. ھەتتا بەزى جايلاردا ساقچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بىرلىكتە ئۇسسۇل ئويناپ قۇربان ھېيتىنى تەنتەنە قىلغانلىقىغا ئائىت سۈنئىي كۆرۈنۈشلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان.

ئامېرىكادىكى خىتاي ئانالىزچىسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، لاگېرلارغا قاماشتا ساقچى، سوت تەپتىش قاتارلىق پارتىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىتاينىڭ سىياسەت يوليورۇقلىرىنى شەرتسىز ئىجرا قىلغۇچىلارنىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نىقابى ئاستىدا بۈگۈنى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ، ئەتىسى كۈندە ئۇلار بىلەن «ئىناق-ئىتتىپاقلىق، دوستانە» مۇناسىۋەت ئورنىتىشى ماھىيەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاشتۇر. ئۇ بۇ ھەقتىكى قارىشىنى مۇنداق شەرھلىدى:

«مەزكۇر خەۋەردىكى سۈرەتلەردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇلار پۈتۈنلەي خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ياسالغان ساختا كۆرۈنۈشلەردۇر. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى قۇربان ھېيتىنى ئاتالمىش ‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى› غا تولغان شاد-خۇرام بايرام كەيپىياتىدا ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدەك سۈنئىي كۆرۈنۈشنى يارىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا خىتايلارنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىمەيدىغانلىقىنى ئەقلىي ھوشى جايىدا كىشىلەر بىر قاراپلا بىلەلەيدۇ. ھالبۇكى، خىتاي كومپارتىيەسى دائىرىلىرى ساختا ۋە ياسالما كارتىنالار ئارقىلىق ئەكسىچە ئۆزىنىڭ رەزىللىكىنى ئاشكارىلىغان، خالاس. چۈنكى ھەقىقەت شۇكى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن مەسىلىلەر ئاشكارىلانغان بولۇپ، بۇنىڭدىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى تېز سۈرئەتتە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلالايمىز. »

خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى رايوندا تۈرلۈك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋە خىتايلاشتۇرۇشنى جىددىي رەۋىشتە تېزلىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇ غەرەز-مەقسەتلىرىگە ھەرگىزمۇ يېتەلمەيدىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى:

«خىتاي دائىرىلىرى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ئەنئەنىسىنى زور كۆلەمدە باستۇرۇپ، ئۇلارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئەمما بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇلار بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇلمايدۇ. چۈنكى پۈتۈن دۇنيا يەر شارىلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى ۋە ئىنتېرنېت دۇنياسى تەرەققىي قىلغان پەيتتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇن تارىخىي ئەنئەنە ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەتنى يوقىتالىشى مۇمكىن ئەمەس.»

ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ساقچى، سوت، تەپتىش، ئەدلىيە، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رايونلاردا تۇرۇشلۇق «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ئەترىتىدىكى خىتاي كادىرلارنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېيت شادلىقى» دىن ئىبارەت بۇ خىلدىكى ياسالما ۋە ساختا بولغان سەھنىلەشكەن سۈنئىي سىياسىي تەشۋىقاتنىڭ ئارقىسىغا غايەت زور مەسىلىلەر يوشۇرۇنغان. چۈنكى، مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇر ئىلىدا باشلىغان زور تۇتقۇنىدا مىڭلىغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى تۇتقۇن قىلىش، لاگېر ۋە تۈرمىلەرگە قاماش ھەمدە ئۇلارغا ئاتالمىش «جىنايەت بېكىتىش» تە «ئۈچ ئەل خىزمىتى» دىكى كادىرلار ۋە سوت، تەپتىش، ساقچى ئورگانلىرى خادىملىرى ئاساسلىق رول ئوينىغان ئىدى.

ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىلدە ساقچى، سوت، تەپتىش ئورگانلىرىدىكى خادىملارنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر ئاھالىلىرى بىلەن ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىشى ماھىيەتتە، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى يوشۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 «مېنىڭچە بۇ ئىنتايىن كۈلكىلىك بىر ئىش. خىتاي كومپارتىيەسى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويماقتا. ئۇ، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى، مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى سىستېمىلىق يوقىتىۋاتىدۇ. بۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن كىشىلەر جازا لاگېرلىرىغا قامالدى، ئۇ يەردە قىيىن-قىستاققا ئېلىندى ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارغا مېڭە يۇيۇلۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى. ھەتتا بەزىلىرى شۇ يەردە ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككى خىل زىددىيەت مەۋجۇت. بىرى ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت بولۇپ، بۇ خەلقنى ئاساسىي ھوقۇقى ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنىڭ رەسمىي دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىشى ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر خىل زىددىيەتنى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ياكى خىتايلار بىلەن خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت دېيىشكە بولىدۇ. ۋاھالەنكى، نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى مىللىي ئىتتىپاقلىق ۋە خۇشاللىق كەيپىياتنى يارىتىش ئۈچۈن پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن پۇقرالار ئارىسىدا بۇ خىلدىكى تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنى مەقسىتى ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى يوشۇرۇش بولۇپ، بۇ ماھىيەتتە رايوندا مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچسىزلىك ۋە مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ سۆزىدە، خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى مىسال ئېلىپ، دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر تەنھەرىكەت يىغىنىدا بىر ئۇيغۇرنى مەشئەل يەتكۈزۈشكە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ نۆۋەتتە كەڭ كۆلەملىك تۈردە تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» كارتىنىسى ئەنە شۇ مەشئەل كۆتۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرنىڭ كۆرۈنۈشىدەك تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىمىغانلىقىدىن ئىبارەت سىياسىي غەرەزلىرىنى كۆرسىتىشنىڭ تىپىك نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى:

 «خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا مەيلى تەپتىش، ساقچى ياكى سوتچى ۋە باشقا مەمۇرىي ساھەلەر بولسۇن ھەممىسى خىتاي ھۆكۈمىتى ھوقۇقىنىڭ مەركەزلەشكەن بىر سىستېمىسى بولۇپ، ئادەتتە بۇ ئورگانلار پۈتۈنلەي خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمەت ھوقۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى ماشىنىلارنىڭ بىر قىسمىدۇر خالاس. يەنە بىر تەرەپتىن ھەممىمىزگە ئايان، ئۇيغۇر رايونى ھازىر ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ھالەتتە. خىتاي كومپارتىيەسى ئاشقۇنلۇق، تېررورلۇق ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش نامى بىلەن ھەر خىل يۇقىرى تېخنىكىلارنى ئىشلىتىپ رايوندىكىلەرنى مەركەزلىك نازارەت قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مەيلى مەمۇرىي كادىرلار بولسۇن ياكى ئادەتتىكى كىشىلەر يەنى، خىتاي ۋە ياكى ئۇيغۇر بولسۇن، ھەممىسى چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويغان تۈرلۈك ۋەھشىي بولغان رەسمىي سىياسىي تۈزۈملىرىگە ھەمكارلىشىشقا مەجبۇر قېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، ئۇلار چوقۇم ئىنتايىن ئېغىر ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدۇ»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە 2014-يىلىدىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلۇپ كېلىۋاتقان «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» دېگەن نام ئاستىدىكى ئاتالمىش «ئۈچ ئەل خىزمىتى» سىياسىتىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە، ھۆكۈمەت كادىرىنى يەرلىك ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى بىۋاسىتە كونتروللۇق ئاستىغا ئالغانىدى. تېڭ بىياۋ زىيارەت داۋامىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «ئۈچ ئەل خىزمىتى» ئەترىتىدىكى خىتاي تەپتىش خادىملىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ خىلدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» سىياسىي تەشۋىقاتلىرىغا قارىتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سەگەك تۇرۇشىنى تەكىتلىدى:

 «ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈرلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنىڭ ماھىيىتى تېخى توختاپ قالغىنى يوق. شۇڭا مەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ قىلمىش ھەرىكىتى بىلەن ئالدىنىپ قالماسلىقىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىغا ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق بىر ھەقىقەتنىڭ يوشۇرۇنغانلىقىنى كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. »

خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ تەپتىش مەھكىمىسى» تورىنىڭ 2018-يىلى ئېلان قىلىنغان خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئەينى چاغدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، كورلا، ئاقسۇ، غۇلجا، قورغاس، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردا قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئائىلە رىشتىسىنى باغلاش ھەپتىلىكى» ئۆتكۈزۈلگەن. دېمەك خىتاي دائىرىلىرى ئەنە شۇ چوڭ تۇتقۇن ۋە لاگېر، تۈرمىلەرگە تاشلاشنى كۈچەيتكەن 2018-يىلىدىلا مۇنداق تەشۋىقاتنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارغانىدى. مانا ھازىر تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.