خىتاي، ئامېرىكا بىلەن ھەر قانداق جەڭگە كىرىشكە ھازىر ئىكەنلىكى ھەققىدە قۇرۇق ھەيۋە كۆرسەتكەن
2025.03.07
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ئاقسارايغا كىرگەندىن باشلاپ، ئامېرىكادىن كۈتكەنلىرىگە ئېرىشەلمەي، بەلكى سودا ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن زەربىگە ئۇچراۋاتقان خىتاي ئاخىر ئامېرىكا بىلەن ئاخىرىغىچە ئېلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
5-فېۋرال، «ۋال-سىترىت ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يولغا قويۇۋاتقان ئىستراتېگىيەلىك سىياسەتلەردىن ئەندىشىگە چۈشكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
بۇ سىياسەتلەرنىڭ بىرىنچىسى خىتايغا قويۇلغان تاموژنا بېجى بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ ئېكسپورت كۆلىمى تارىيىپ، ئىقتىسادى داۋاملىق چېكىنىدىكەن؛ ئىككىنچىسى، پاناما قانىلىنىڭ ئامېرىكاغا قايتۇرۇۋېلىنىشى بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» نى مەركەز قىلغان يەر شارى ئىقتىساد چەمبىرى ئاجىزلايدىكەن. ئۈچىنچىسى، رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىپ، ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى توختىتىش بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقى ئۇزاققا بارمايدىكەن. خىتاي ئەسلىدە رۇسىيە ۋە ياۋروپا بىلەن بىرلىشىپ، دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئورنىتىشنى خىيال قىلغان بولسىمۇ، نۆۋەتتە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. خىتاي ھازىر سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش يېتىم قالدۇرۇلۇشىدىن، قاتمۇ قات سودا چەكلىمىسى ۋە ئىقتىسادىي جازاغا ئۇچرىشىدىن، ماللىرىنى سېتىش يوللىرىنىڭ ئازىيىشىدىن، ھالقىلىق تېخنىكىلارنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ بارغانچە قىيىن بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.
ماقالىدە دېيىلىشىچە، 2018-يىلدىن باشلانغان سودا جېڭىدىن خىتاي تېخىچە ساۋاق ئالمىغان. 4-مارت كۈنى دونالد ترامپ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنى 20 پىرسەنتكە چىقارغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكانىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن ئالىدىغان باجنى 10 پىرسەنتتىن 15 پىرسەنتكىچە ئۆستۈرگەن. ھالبۇكى، خىتاي بۇنداق قىلسا، تارتىدىغان زىيىنى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن. چۈنكى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ساتىدىغان ماللىرى ئامېرىكادىن ئالىدىغان ماللىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھەر خىل يوللار بىلەن ماللىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنغان؛ تاموژنا بېجىدىن قېچىش ئۈچۈن ماللىرىنى ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق ماڭدۇرغان، فېنتانىلدەك زەھەرلىك بۇيۇملار ياكى ئۇنىڭ خام ئەشيالىرىنى ئامېرىكاغا كىرگۈزگەن. پىرېزىدېنت ترامپ كانادا، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگىمۇ 25 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇش ئارقىلىق بۇ يولنى ئەتكەن.
دونالد ترامپنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنى 20 پىرسەنتكە چىقىرىشى بېيجىڭنىڭ «ئىككى يىغىن» مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېرۋىسىغا تەگكەن. 5-فېۋرال، «بلومبېرگ خەۋەرلىرى» دە دېيىلىشىچە، خىتاي ئامېرىكانىڭ بېسىمىغا تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، «2025-يىل خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى 5 پىرسەنت ئۆستۈرۈش، ئىچكى ئىستېمال ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇش» نىشانىنى بېكىتكەن؛ BBC نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ: «ئەگەر ئامېرىكا ئۇرۇش قوزغايمەن دېسە، مەيلى ئۇ تاموژنا بېجى جېڭى بولسۇن، سودا جېڭى بولسۇن، ياكى باشقا ھەر قانداق جەڭ بولسۇن، بىز ئاخىرغىچە جەڭ قىلىشقا تەييار» دېگەن. بۇ، خىتاينىڭ پىرېزىدېنت ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئامېرىكاغا بىلدۈرگەن ئەڭ كۈچلۈك ھەيۋىسى ئىكەن.
ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ باياناتىنىڭ ئامېرىكاغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر باياناتنى بەرگەن كۈنى خىتاينىڭ «ئىككى يىغىنى» ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى «خەلق ۋەكىللىرى» ۋە خىتاي خەلقىگە، «سودا جېڭىنىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقۇپ قالماي، ئىشەنچلىك ھالدا خىتاي ئىقتىسادىنى داۋاملىق گۈللەندۈرۈش» كە چاقىرغان. خىتاي باش مىنىستىرى لى چىياڭ خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى 7.2 پىرسەنت ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە سۆز قىلىپ: «دۇنيادا ھازىر يۈز يىلدا كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلمەكتە» دېگەن.
ئامېرىكادىكى رەند سىياسەت تەتقىقات مەركىزى ئىستراتېگىيە ۋە خەۋپسىزلىك مۇتەخەسسىسى رايموند كو (Raymond Kuo) ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشنىڭ كوممۇنىست خىتاينىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تەھدىت سالىدىغان چوڭ مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە خىتايدىكى ئاساسلىق مەسىلە ئىستېمالنىڭ يېتەرسىزلىكى، يەنى ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تولۇق ئىستېمال قىلىنماسلىقى. نەتىجىدە، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىش ئارتىپ كەتكەن، ئىستېمال تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇڭا خىتاي ماللىرىنى كۆپلەپ ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق ئىقتىسادىنى ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئەمما تاموژنا بېجى ئۆستۈرۈلسە ئەھۋال يامانلىشىدۇ. ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بازىرى، ئەگەر ئامېرىكا تاموژنا بېجىنى يەنە ئۆستۈرسە، ئىككى تەرەپنىڭ سودىسى تۆۋەنلەيدۇ؛ كوممۇنىست خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىنى تۇتۇپ تۇرغان تۈۋرۈكنىڭ ئاز دېگەندە بىرى تەھدىتكە ئۇچرايدۇ. شۇڭا خىتاينىڭ بۇ قېتىممۇ تاموژنا بېجىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىدىن قاتتىق نارازى بولۇشىدىن ئەجەبلەنمىدىم».
ئامېرىكا كارخانىچىلار ئىنستىتۇتى (AEI) ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە تاشقى سىياسەت ئانالىزچىسى زاك كۇپېر (Zack Cooper) زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، ترامپ پىرېزىدېنتلىققا سايلانغاندا، خىتاي تاموژنا بېجى چوقۇم ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەنىدى. ئەمما دەسلىپىدە 10 پىرسەنت باج قويۇلغاندا خىتاي بىر ئاز ھەيران قالدى. چۈنكى بۇ ئۇلارنىڭ مۆلچەرىدىن تۆۋەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا بەك ئىنكاس بىلدۈرۈپ كەتمىدى. ئەمما بۇ قېتىم باجنى 20 پىرسەنتكە چىقارغاندا، خىتاي بۇ باج يەنە داۋاملىق ئۆسىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. ئىشىنىمەنكى، ترامپ پات يېقىندا خىتايغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىدۇ. شۇنداقتىمۇ خىتاي ترامپنىڭ ‹خىتاي نېمە دېسە دېسۇن، تاموژنا بېجى ئالىمەن› دەپ ئويلىشىنى خالىمايدۇ».
5-مارت كۈنى «نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھېگسېتنىڭ خىتاينىڭ تاموژنا بېجى سەۋەبىدىن ئوتتۇرىغا چىققان تەھدىتكار باياننامىسىگە قايتۇرغان كۈچلۈك ئىنكاسىنى خەۋەر قىلدى. پېت ھېگسېت شۇ كۈنى فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ «بىز ھەر قانداق ئۇرۇشقا تەييار» دېگەن سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بىزمۇ ئۇنىڭغا تەييار، تىنچلىق ئىزدىگۈچىلەر ئۇرۇشقىمۇ ھەر ۋاقىت تەييارلىق قىلىشى لازىم. شۇڭا بىز ئارمىيەنى قايتا قۇرۇپ چىقىۋاتىمىز؛ ئەسكەرلىرىمىزنىڭ روھىدىكى جەڭگىۋارلىقنى قايتا ئويغىتىۋاتىمىز. بىز ھازىر يېڭىدىن قۇدرەت تاپقان، ئەمما ئىدېئولوگىيەسى بىز بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەر مەۋجۇت بولغان خەتەرلىك بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز» دېگەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا جېڭى كۈچىيىپ بارسا، باشقا توقۇنۇشلارغا، ھەتتا ئۇرۇشقا سەۋەب بولامدۇ دېگەن مەسىلىدە مۇتەخەسسىسلەر پىكىر بايان قىلدى. رايموند كو مۇنداق دېدى: «بۇنى پەرەز قىلىش ناھايىتى تەس. سىياسەت ئىلمىدە شۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىقكى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىش رولىنى ئوينايدۇ. كاپىتالىزم بىلەن خەلقئارا سودا تىنچلىق بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ئىككى تەرەپ سودا قىلىۋاتقاندا، بىر-بىرىدە يوق نەرسىنى پۇل تۆلەپ ئالىدۇ، نېمىشقا مەلۇم نەرسىنى تالىشىپ سوقۇشسۇن؟ مەسىلەن، نېفىتنى دەيلى، بۇنىڭ سودىسى ناھايىتى ئاسان، سەن ماڭا نېفىت بېرىسەن، مەن ساڭا پۇل بېرىمەن. توقۇنۇشنى تىزگىنلەشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى سودا جېڭىنى ئاياغلاشتۇرۇش. شۇڭا، خىتاي بىلەن ئامېرىكانىڭ سودىسى ئازايسا، ئۇرۇش ئۆزلۈكىدىن پارتلايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنى كۈچەيتىدۇ».
ئانالىزچى زاك كوپېر بۇ مەسىلىنى ئۇنچە چوڭ تەرەپكە باغلىۋالماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى ئىنكاسى ئادەتتىكىدىن كەسكىنرەك بولسىمۇ، ئۇ خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان چاغدا ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇڭا مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ گەپلەرنى خىتاي خەلقى ئاڭلىسۇن دەپ دېدى. شۇڭا پېت ھېگسېتمۇ خىتايغا جىددىي ھەرىكەت قوللانمايدۇ، مەن بۇ ئىشنى ئەڭ كۈچلۈك توقۇنۇش دەرىجىسىگە بارمايدۇ دەپ قارايمەن».
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت ھېگسېت يەنە، ئەگەر خىتاي ياكى باشقا دۆلەتلەر ئۇرۇش قوزغايمەن دەپ قالسا، ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن؛ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ھەر قانداق ۋەزىيەتكە تەييارلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى مۇداپىئەسىگە ئاجرىتىدىغان چىقىمنى كۆپەيتىپ، ئارمىيەنىڭ كۈچى، قورالى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى پېت ھېگسېتنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەنلىكىنى، دۇنيادىكى چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ دائىم كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەردىن باشلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.