قۇتادغۇ بىلىگ ئىنستىتۇتى خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 71-يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن تور سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى
2020.10.05
30-سېنتەبىر، يەنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 71-يىلى ھارپىسىدا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈرلۈك ئۇسۇللاردا نامايىش ۋە پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈپ، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئېتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتتى، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇتەخەسسىسلەر يەنە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھاكىمىيەت ئورنىتىش تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتۈپ، خىتاينىڭ يېڭى كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ھەققىدە ئەتراپلىق تور سۆھبەت يىغىنى ئىلىپ باردى.
«شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىشغالى ۋە خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى» ناملىق تور سۆھبىتى پائالىيىتى قۇتادغۇبىلىگ ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، يىغىن بەيكەنىت ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئىلىپ بېرىلدى. يىغىنغا ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى خىتاي تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى، پروفېسسور ۋارىس چاقان قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرنىڭ دەردى ۋە داۋاسى دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلدى. چوڭ دۆلەتلەر خىتايغا جىنايەت ئىشلەۋاتىسەن دېيەلىدى. بۇ باسقۇچتا ئۇيغۇرلار جىم يىتىۋالماسلىقى كېرەك، قولىدىن كېلىشىچە تەشۋىق قىلىشى كېرەك. شۇڭا بىز خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 71-يىلىدا سۆزلىيەلىگىنىمىز بويىچە بۇ زۇلۇمنى ئاڭلىتىشقا تىرىشتۇق. قانداق قىلىپ مۇشۇ باسقۇچقا كەلدۇق؟ خىتاي قانداق قىلىپ ۋەتىنىمىزنى بېسىۋالدى؟ ھازىر نېمە قىلىۋاتىدۇ ؟قاتارلىق نۇقتىلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ سۆھبەت پروگراممىسىنى ئىلىپ باردۇق. پروگراممىنى تۈركىيە تۈركچىسى بىلەن ئىشلىدۇق. بىزگە خەلق ھېسداشلىق قىلىدۇ. لېكىن ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتماپتۇ دېگەندەك بەزى دىنداش، قانداش دەپ ئىشەنگەن دۆلەتلىرىمىز دۆلەت سەۋىيەسىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. بۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى يېرىم قىلىدىغان ۋە ئازابلايدىغان ئىش. شۇڭا قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن، بۇنى خەلققە بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق.»
پائالىيەت دوكتور مەغپىرەت كامالنىڭ پروفېسسور ۋارىس چاقاندىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قولىغا قانداق ئۆتكەنلىكى توغرىلىق سورىغان سوئالى بىلەن باشلاندى. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ 1-ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ۋەزىيەتنى، خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوزغالغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي كۈرەشلىرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىشغالىيىتىگە ئۆتۈش جەريانى ۋە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنكى يولغا قويغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنىڭ كۈنسېرى ئېتنىك قىرغىنچىلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىشى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.
دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى خىتاينىڭ 1980-يىللاردا ئىشىكنى ئىچىۋېتىش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كىيىن ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلغانلىقى، يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ «بىر يول بىر بەلۋاغ» قۇرۇلۇشى ۋە شەرقى دېڭىز رايونىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق كۈچەيگەن كېڭەيمىچىلىك پائالىيەتلىرىنى «خىتاي چۈشى» سىياسىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تەپسىلىي ئانالىز قىلدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ ھالاكىتىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى دۇنيانى چۆچۈتۈشكە باشلىدى. بۈگۈن خىتاينىڭ يامان نىيىتى ۋە ئەپتى-بەشىرىسى پاش بولغانسېرى، خەلقئارادا يالغۇز قىلىشقا باشلىدى. دۆلەتلەر خىتايدىن ئۇزاق تۇرۇشقا، ھەتتا قارشى تۇرۇشقا باشلىدى. خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىك ئىدىيەسى تەرەققىي قىلغانسېرى دۇنيا بۇ مەسىلىگە بۇندىن كىيىن تېخىمۇ قارشى تۇرۇشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، خىتاينىڭ دۇنياغا بولغان قارا نىيىتى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ بېشىنى يەيدىغىنى ئېنىق.»
1-ئۆكتەبىر تارىخ پەنلىرى دوكتورى شەۋكەت ناسىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە، يازغۇچى ۋە تەتقىقاتچى تۇرگاي تۈفەكچى ئوغلى، ئىلاھىيەتشۇناس، پروفېسسور دوكتور ھابىپ تۈركەر ۋە دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر «كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ 71-يىلىدا شەرقى تۈركىستان» نامىدا تور سۆھبەت يىغىنى بولۇپ ئۆتتى.
سۆھبەت يىغىنىدا كوممۇنىست خىتاي ئىشغالىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار قاراتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنىڭ تارىخى جەريانى، تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىشغالى ۋە كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئىسلام دۇنياسىنىڭ پاسسىپ ئۇيغۇر سىياسىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ئەتراپلىق ئانالىز قىلىندى.
پروفېسسور ھابىپ تۈركەر ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئۆزىمىزنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت ئەڭ يىرىك مەنبەلەرنى شەرقى تۈركىستاندىن ئالدۇق. ‹تۈركىي تىللار دىۋانى› بولماي تۇرۇپ تۈرك دۇنياسىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنى بولمايدۇ. بىزنىڭ پەخىرلىنىپ سانىغان تارىخىي شەخسلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى شەرقى تۈركىستانلىقتۇر. ھازىر خىتاينىڭ ئىشغالى ئاستىدا ئەڭ ۋەھشىي شەكىلدە قىرغىن قىلىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ۋەتىنى، دەل بىزنىڭ تىلىمىز ۋە مەدەنىيىتىمىز قەرزدار بولغان جۇغراپىيەدۇر. بۇ مانا مۇشۇنداق بىر خەل ۋە مۇشۇنداق بىر تۇپراق ھەققىدە توختىلىۋاتىمىز.»
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىم زىيارىتىمىز جەريانىدا بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ خاراكتېرى ۋە كۆلىمىنى خۇلاسىلەپ ئۆتتى.
بۇ يىل 21-مارت كۈنى تۈركىيە، ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 47 نەپەر ئۇيغۇر، تۈرك ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن مەركىزى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەركىبىدە «قۇتادغۇبىلىگ تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇلغان بولۇپ، ھەر خىل تارىخ ۋە مەدەنىيەت پروگراممىلىرى ۋە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلمەكتە.