​راھىلە كامال: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىگە قاراتقان قىزىل تەشۋىقاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىنى ھەرگىزمۇ يوقىتالمايدۇ»

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر مىللىي ئىدېئولوگىيەسى ۋە پىكىر ئېقىمىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن بولغان ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى سەرخىللارنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يازغۇچى-شائىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىش گىردابىغا يۈزلەندۈرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ سۈرئىتى قەدەممۇ-قەدەم تېزلىشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنى «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ شىنجاڭ بابىنى يېزىش» ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا چاقىرغان. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنخۇا» تورىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي 1-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسى بىرلەشمە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشقاندا، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى كۆزلەپ، خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى يارىتىش كېرەك» دېگەن.

دەرۋەقە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىگە قاراتقان يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي چاقىرىقلىرى، شۈبھىسىزكى، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەم ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. لوندوندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئاڭلارمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» نامىدىكى تەشۋىقاتىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە تەدرىجىي كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن يەنە ما شىڭرۇينىڭ بۇ قېتىملىق چاقىرىقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر رايونىدا مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنى يوقىتىش ۋە ئۇنى خىتايچىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاينىڭ «شىنخۇا» تورى تارقاتقان خەۋەردە يەنە، ما شىڭرۇي خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويۇشتا «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» تىن بۇ خىزمەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يۆنىلىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان.

مەلۇمكى، خىتاينىڭ 2016-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن باشلانغان زور تۇتقۇنىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى يېتەكلەپ كەلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئاۋانگارت شەخسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇتقۇن قىلىنىپ، تۈرمىلەرگە ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا تولدۇرۇۋالغۇسىز بوشلۇق شەكىللەندى.

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شائىرە راھىلە كامال خانىم بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىلىۋاتقان ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكى ختايچىلاشتۇرۇش شامىلى ۋە تۈرلۈك قىزىل تەشۋىقاتلارنىڭ ياش بىر ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن ئۇلارنىڭ كاللىسىنى يۇيۇشنى ۋە خىتاي ئىدېئولوگىيەسى بىلەن پروگراممىلاشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئەڭ چوڭ نەشرىيات بولغان شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتىغا دائىر بىرەر پارچىمۇ كىتاب نەشر قىلمىغانلىقى مەلۇم. خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارا قىلغان ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، موڭغۇللارنىڭ «جاڭغىر» داستانى بىلەن نادام بايرىمىنى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانىنى، قازاقلارنىڭ «ئاقىن» لىرىنى ۋە باشقا كىچىك مىللەتلەرنىڭ ئەسەلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاساسلىق يەرلىك ئاھالىسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق بىر مەدەنىيەت مىراسى ياكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان. شائىرى راھىلە كامال خانىم 2017-يىلىدىن بۇيان ئېغىر پاجىئە ۋە تىراگىدىيەگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئەدەبىيەت-سەنئىتى، مەتبۇئات ۋە نەشرىياتچىلىقى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەندىشىلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىشقا رۇخسەت بېرىلگەن ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاينىڭ قىزىل مەزمۇندىكى سىياسىي تەشۋىقاتلىرى بىلەن تولغانلىقىنى، ئۇنىڭدا ھەقىقىي ئەدەبىياتقا خاس پۇراقلارنىڭ پۈتۈنلەي غايىب بولغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ما شىڭرۇي بۇ قېتىملىق سىياسىي-كېڭەش يىغىنىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىلەر گۇرۇپپىسىدا قىلغان سۆزىدە، «خىتايچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى بەرپا قىلىش» تا «قاتتىق ئەمەلىي كۈچ» نى تىرەك قىلىشقا، «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ» نى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە تاشقىي تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يول ۋە كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى «شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش» نى تەلەپ قىلغان.

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىغا قاراتقان مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ باستۇرۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە 2000-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپلا كۈنسايىن كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ۋە ئاخبارات-نەشرىياتچىلىقىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

راھىلە كامال خانىم ئاخىرىدا، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان كەڭ كۆلەملىك مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى نۆۋەتتە قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ھاياتىي كۈچىنى ئەسلا يوقاتمىغان ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىنىڭ ھامان بىر كۈنى قايتا گۈللىنىشكە ئېرىشىدىغانلىقىنى؛ ئۇيغۇر مىللىي روھى ۋە مىللىي تەپەككۇرىنىڭ ئۇچقۇنلىرى ئۆچمەيدىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەت مېۋىلىرىنىڭ ھامان بىخ سۈرۈپ چىقىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.