خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزۇلغان «قارا قوللىرى» نىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىگە تايىنىپ قېلىۋاتقان ئاجىز دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنى «ئوۋ نىشانى» قىلىۋاتقانلىقى يېقىندا «ئامۇ دەرياسى جەمئىيىتى» بىلەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىرلىشىپ تەييارلىغان «ئاسماندا تور، يەردە قاپقان: خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى» سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا ئالاھىدە شەرھىلەندى. بۇنىڭدا ئاپتورلار پاكىستاننى خاس مىسال قىلغان ھالدا بۇ رېئاللىقنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تەپسىلىي بايان قىلدى.
دوكلات ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، ۋاشىنگتون شەھرىدىكى «ۋىلسون مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى برادلېي جاردىن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمز جەريانىدا پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا باغلىنىشلىق ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەر توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «پاكىستاننى بىز خىتاينىڭ ئەڭ كونا ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىل قوشنالارچە دوستلۇقى نەچچە ئون يىللىق تارىخقا ئىگە. يەنە بىر ياقتىن ئالغاندا، پاكىستاننىڭ ئىزچىل ھىندىستان بىلەن پۇرچىقى پىشماي كېلىۋاتىدۇ. خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي سۈركىلىشلەر بولسا تەبىئىي ھالدا پاكىستان بىلەن خىتاينىڭ دوستلۇق رىشتىنى تېخىمۇ چىڭىتىش رولىنى ئويناۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىپادىسى خىتاينىڭ پاكىستاننى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن قوراللاندۇرۇشىدا ئەڭ ئېنىق ئەكس ئېتىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن دوستلۇق ئورنىتىشىمۇ زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاي دۆلىتىگە قارشى بولغان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا ئاكتىپ ھەمكارلاشقۇچى رولىنى ئوينىدى. بۇنىڭ ھەققىگە پاكىستان ناھايىتى كۆپ ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىۋاتىدۇ. يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي ھۆكۈمىتى غايەت زور مەبلەغ سېلىپ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› قۇرۇلۇشىنى پاكىستاندا كېڭەيتىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىستان دۆلىتىگە يەتكۈزگەن ئىقتىسادىي ياردىمىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتە پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار قۇربانلىق قىلىنىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ پاكىستان ھۆكۈمىتى خىتاينى خوشال قىلىش ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق گۇرۇھلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىسىمۇ ئۇلارنى ‹تەھدىتنى يوقىتىش› نامىدا تۇتۇپ خىتايغا يوللاپ بېرىۋاتىدۇ.»
سۆھبەت جەريانىدا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ پاكىستاننى «بۇنداق بىر ئىسلام دۆلىتى شۈبھىسىز بىزگە پاشپاناھ بولىدۇ» دەپ ئويلىغانلىرىنىڭ ئەكسىچە ئاقىۋەتكە ئۇچرىشى ھەققدە سۆز بولدى. شۇنىڭدەك پاكىستاننىڭ بۇ خىلدىكى «ئىككى يۈزلىمىلىكى» نىڭ «كەڭ مەنىدىكى ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن بىر سەلبىي ئۈلگە بولۇپ قېلىش ئېھتىمالى بارمۇ؟» دېگەن مەسىلىگە قارىتا برادلېي ئەپەندى بۇنىڭ ھازىر ئاللىقاچان ئېھتىماللىقتىن رېئاللىققا ئايلىنىپ بولغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
«ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە چېتىشلىق بىرنەچچە تۈرلۈك ئەھۋالدا ئالدى بىلەن دىققىتىمىزنى تارتىدىغىى بۇنىڭ يالغۇز پاكىستان بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى، كەڭ مەنىدىكى ئىسلام دۇنياسىدا، جۈملىدىن ئوتتۇرا شەرق رايونىدىمۇ بۇ رېئاللىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىدۇر. بۇنىڭغا يەنە تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر قاتارلىقلارنىمۇ قوشۇشقا بولىدۇ. بۇ رايونلار ۋە ئۇنىڭدىكى ھەرقايسى مۇسۇلمان ئەللىرى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان باستۇرۇشلارغا قارىتا سۈكۈت قىلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئېلان قىلىنغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەش مەزمۇنىدىكى بىرلەشمە مەكتۇپقا قارشى مەزمۇندىكى مەكتۇپقا ئىمزا قويدى. بۇنىڭدا ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ بىخەتەر ۋە ساغلام راۋاجلىنىشىنى، شۇنىڭدەك تېگىشلىك ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە ئېرىشىشنى كۆزلىمەكتە. بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ئۇيغۇرلارنى ئۇلارمۇ قۇربانلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ مەسىلىدە يالغۇز پاكىستانلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىدىكى ھاكىمىيەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. قارايدىغان بولساق باياتىن سىز ئالاھىدە تىلغا ئالغان پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشىنى مىسىرمۇ ئوخشاش شەكىلدە قىلدى. مىسىردىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى تېرورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدۇ. يېقىنقى بىرنەچچە كۈندە بولسا ماراكەش ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇ سەپكە قېتىلىپ ئايرۇدۇرۇمدا بىر ئۇيغۇر بالىنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئاڭلاۋاتىمىز. شۇڭا قارايدىغان بولساق خىتاينىڭ تەسىرى كېڭەيگەنچە ئۇلارنىڭ بۇ ئىسلام ‹ئىتتىپاقداشلىرى› غا چۈشۈرگەن بېسىمى ئېشىپ مېڭىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشىمۇ ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ.»
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بېقىنىپ قالغان نامرات ۋە ئاجىز دۆلەتلەردە داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، غەرپ دۇنياسىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بۇنداق قىسمەتكە ئۇچرىمىغان. ئەمما بۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋروپا ۋە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا چېقىلمايدۇ، دېگەنلىكتىن بىشارەت بەرمەيدىكەن.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر دەل ئاشۇنداق مەزمۇندىكى يېڭى بىر دوكلاتقا ئىشلەۋاتىمەن. بۇ دوكلات تەخمىنەن بىر يېرىم ئايدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ ئامېرىكا، ياۋروپا، ئاۋسترالىيە قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىگە قانداق شەكىللەردە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا قارشى تور خاككېرلىقىنى قانداق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى، بۇ پائالىيەتچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قانداق سورۇقچىلىقلارغا سېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنى خۇددى ميۇنخېندىكى پاش بولغان دېلولارغا ئوخشاش جاسۇس بولۇشقا قىستاش قىلمىشلىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىرلا ئىشنى مەقسەد قىلغان. ئۇ بولسىمۇ بۇ پائالىيەتچىلەرنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ بىرلىكسەپ بۆلۈملىرى، ئەلچىخانىلار ۋە كونسۇلخانىلار، شۇنىڭدەك ساقچى تەشكىلاتلارنىڭ زىچ ئىش ھەمكارلىقىدا بۇنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئەمىلىيەتتە ئەركىن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارغا خىرىس قىلغانلىق بولۇپلا قالماستىن يەنە كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىنغان غەرپ دۇنياسىنى ئاستا-ئاستا چىرىتىش ھېساپلىنىدۇ.»
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى بۇ مەسىلىنىڭ باشقا تەرەپلىرىنىمۇ دىققەتتىن ساقىت قىلماسلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ يات ئەللەردە سەرسان-سەرگەردان بولۇشىغا ھەمدە تۇتقۇن قىلىنىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە ئۈزېل-كېسىل خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى مۇشۇنداق ۋەيرانچىلىققا سالغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە خىتاينىڭ زۇلۇملىرىغا خاتىمە بېرىش لازىم ئىكەن. يەنە بىرى بولسا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى يېڭى ھاياتلىق ماكانىغا ئىگە قىلىدىغان خاس قانۇنلارنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم ئىكەن. نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر شەخسلىرىنىڭ ياۋروپا ياكى ئامېرىكا تەۋەسىگە يېتىپ بېرىش ئارقىلىق ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۇرۇنىشىدا بولۇۋاتقانلىقى، ئەمما بۇلارنى ئوتتۇرا يولدا چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قولغا ئېلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ھەققىدە سۆز بولغاندا ئۆمەت قانات ئەپەندى بۇ مەسىلىنى ئىككى تەرەپتىن كۆزىتىش لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.
نۆۋەتتە بۇ خىلدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېغىشلانغان دوكلاتلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەمىسى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارشى پائالىيەتلەردە ئىجابىي رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا ئىكەن.