17-ئىيۇن كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدىكى «گالېرېيە م» ناملىق سەنئەت ئورگىنىنىڭ «يازلىق رەسىملەر كۆرگەزمىسى» باشلاندى. كۆرگەزمىگە قىرغىزىستاننىڭ مەشھۇر ئىجاتكارلىرىنىڭ ئەسەرلىرى قويۇلدى، ئۇلارنىڭ قاتارىدا: سابىتجان باباجانوف، ئالېكسېي كامېنسكىي، تائالاي ئۇسۇبالىيېف، ژىلىكچى ژاكىپوف، مومۇن ئاستار، كونستانتىن شكۇرپېلا، ئالاپاي ئابدىقاسىموف ۋە باشقىلار بار.
مەزكۇر كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قىرغىزىستان رەسساملار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تائاليبېك ئۇسۇبالىيېف، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموف، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇھەررىرلىرى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ پائالىيەتچىلىرى، قىرغىزىستاندىكى سەنئەت ھەۋەسكارلىرى ۋە بىرقىسىم زىيالىيلار قاتناشتى.
رەسساملار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تائاليبېك ئۇسۇبالىيېف نۇتۇق سۆزلەپ، سابىتجان باباجانوفنى جانكۆيەر، مېھنەتكەش ۋە ماھىر رەسسام دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى يۇقىرى باھالىدى. بۇ كۆرگەزمىگە سابىتجان باباجانوفنىڭ كۆپ ساندىكى ئىجادىي ئەسەرلىرى قويۇلغانىدى.
سابىتجان باباجانوف 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. بوۋىسى سالىجانباي باباجانوف شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەر-سۇ نازارىتىنىڭ نازىرى بولۇپ خىزمەت كۆرسەتكەنىدى. سابىتجان باباجانوف 1955-يىلى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن بىرگە قىرغىزىستاننىڭ تالاس ئوبلاستىغا كۆچۈپ چىقىپ كىروف رايونىغا ئورۇنلاشقان.
سابىتجان باباجانوف بۇ كۆرگەزمىگە 40 دىن ئوشۇق يېڭى رەسىملىرىنى تەقدىم قىلغان بولۇپ، ئۇ مەزكۇر كۆرگەزمىدىكى ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىگەن. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سابىتجان ئەپەندى، ئۆز ئەسەرلىرىدە ۋەتىنىنى سېغىنىش تۇيغۇلىرىنى تەسۋىرلەپ ياش ئەۋلادلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىدا تەربىيەلەشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
سابىتجان باباجانوف ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۆز شېئىرلىرىنى بېغىشلىغان رۇس شائىرى گېننادىي سمىرنوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «سابىتجان باباجانوف ئۆز ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇلۇغلىدى» دەپ ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «مېنىڭچە ئۇ ئۇلۇغ بىر ئادەم، چۈنكى ئۇ ئۆز ۋاقتىدا بىرىنچىلەردىن بولۇپ چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ يازغۇچى تالانتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز رەسىملىرىدە جانلاندۇردى. ئۇ يازغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى ئۇلۇغلىدى، بىز بۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. مېنىڭ تىلىكىم بۆلىكىمىزدە بۇنداق كىشىلەر كۆپ بولسىكەن!»
ئادەتتە سابىتجان باباجانوف گرافىك رەسسام دەپ قارىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ يەنە ماي بوياق ۋە باشقا تۈرلەردىمۇ سىزىش تېخنىكىسى يۇقىرى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئىجادىيىتىدە تەبىئەت ۋە ۋەتەن تېمىلىرى مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان ئارخىتېكتور ۋە جامائەت ئەربابى ئەنۋەر ھاشىموف، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ چوڭقۇر مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
سابىتجان كامال ئوغلى باباجانوف قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەدەنىيىتىگە زور ھەسسە قوشقان شەخس. ئۇ، 1993-يىلى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ «خىزمەت كۆرسەتكەن رەسسامى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر قىرغىزىستان رەسساملار ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك رەسساملىرىنىڭ بىرى بولۇپ قارىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى موسكۋا شەھىرىدىكى شەرق خەلقلىرى دۆلەت مۇزېيىدا، قازاقىستان، قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ سەنئەت مۇزېيلىرىدا شۇنىڭدەك يەنە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تارىخ مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ بىرقىسىم رەسىم ئىجادىيەتلىرى يەنە گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا، ئىتالىيە، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتتە چىققان رەسىملەر توپلاملىرىدىن ئورۇن ئالغان.
