رەيھان ئەسئەت: «ئىنىم ئەكبەرنى ۋە باشقا مىليونلىغان ئىنسانلارنى نابۇت قىلغانلار جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.01.13
رەيھان ئەسئەت: «ئىنىم ئەكبەرنى ۋە باشقا مىليونلىغان ئىنسانلارنى نابۇت قىلغانلار جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان كۈنلەر چوقۇم كېلىدۇ» رەيھان ئەسئەت ئامېرىكانىڭ ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان «دېموكراتىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى» غا تور ئارقىلىق قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2921-يىلى 8-دېكابىر.
state.gov

ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇقتىلىق خەۋەر ۋە مۇلاھىزە تور بەتلىرىدىن بولغان «باغداش» تور سەھىپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، تېخنىكا كارخانىچىسى ۋە ساخاۋەتچى ئەكبەر ئەسئەت خىتاي ھۆكۈمىتى 2016-2017-يىللىرىدىن باشلاپ رايوندا يولغا قويغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، كارخانىچىلىرى، سەنئەتكارلىرى، دىنىي زاتلىرى قاتارلىقلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنىپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانىدى.

شۇندىن بېرى ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ھەدىسى رەيھان ئەسئەت ئىنىسى ئەكبەر، لاگېر ۋە تۇرمىلەرگە سولانغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھۆرلۈككە چىقىشى، ئادالەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلماقتا. ئىنىسى ئەكبەرنىڭ بۇ يىل 5-يانۋار كۈنىدىكى 35 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى يۇقىرىدا سىلەر ئاۋازىنى ئاڭلىغان تەسىرلىك قىسقا فىلىمنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىتىش ئارقىلىق خاتىرىلىگەن رەيھان ئەسئەت ئىنىسىغا «ھامان بىر كۈنى دۇنيا سەن بىلەن تونۇشىدۇ، بىز ھەممىمىز بىرلىكتە سېنى ئۆيگە قايتۇرۇپ كېلىمىز» دەپ ۋەدە قىلىدۇ.

رەيھان ئەسئەت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئىنىسىنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى ئازاب-ئوقۇبىتىنىڭ بۇ يىلمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقىدەك بۇ ئاچچىق ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنى تولىمۇ ئازابلايدىغانلىقىنى، بۇ ئازابىنىڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمما رەيھاننىڭ كۆڭلى ئۇ كۈنلەردە ئەكبەر ئەسئەتنى ئۇنتۇپ قالمىغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، پائالىيەتچىلەرنىڭ ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ خاتىرە سۆزلىرى بىلەن ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپقان. رەيھان ئەسئەت سۆزىدە «ئىنىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئازاب تارتىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ مەسىلىسى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ سەمىگە سېلىنغان بولدى» دېدى.

ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى تىۋىتتېر ئارقىلىق «بېيجىڭ ئولىمپىكىگە 30 كۈن قالدى. بىراق خىتاينىڭ بۇ يىلمۇ تۇغۇلغان كۈنىنى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆتكۈزگەن ئەكبەر ئەسئەت ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئادەملەرگە قىلىۋاتقان رەھىمسىزلەرچە زىيانكەشلىكى توختاپ قالمىدى» دەپ يازغان.

شۇ كۈنى يەنە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ماركو رۇبىيو، كىرىس كۇنىس، ئاۋام پالاتا ئەزاسى مايك لېۋىن، كىم ياڭ، ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى لىندا توماس گىرىنفىيلد ۋە لىتۋا پارلامېنت ئەزاسى دوۋىلى ساكالىنى قاتارلىقلار، شۇنداقلا جەيمىس مىلۋارد، سوفېي رېچاردسون قاتارلىق نۇرغۇنلىغان باشقا تونۇلغان شەخسلەر ئەكبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىگەن. ئۇلار تىۋىتتېر ئۇچۇرلىرىدا بىردەك ئەكبەر ئەسئەت ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پەقەت ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈنلا تۈرمىلەردە ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا دەرھال خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشكەن.

رەيھان ئەسئەت ئامېرىكانىڭ ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان «دېموكراتىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى» غا تور ئارقىلىق قاتناشقان كۆرۈنۈش. 2921-يىلى 8-دېكابىر.

رەيھان ئەسئەت بىزگە قىلغان سۆزىدە ئىنىسى ئەكبەرنىڭ ئىنتايىن ياخشى تەلىم-تەربىيە كۆرگەن، ئۆز ساھەسىدە ئۇتۇق قازانغان ۋە ئامېرىكاغا كېلىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتايىن نوپۇزلۇق پروگراممىسىغا قاتناشقان بىر ئىستىقباللىق ياش بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكىنىڭ زور دىققەت قوزغىغانلىقى، چۈنكى ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان «بۇ كىشىلەر ئاشقۇن، تەربىيەلەشكە ئېھتىياجلىق كىشىلەر» دېگەندەك سەپسەتىلەرنىڭ پۈتۈنلەي يالغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رەيھان ئەسئەت نۆۋەتتە ئۆتكەن ئايدا ئامېرىكانىڭ ھەر يىلدا بىر ئۆتكۈزىدىغان «دېموكراتىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى» غا قاتناشقاندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا ئىنىسىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشـتۇرغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەكبەر ئەسئەتنى قويۇۋېتىشكە چاقىرغان.

ئۇيغۇر تىلىدىكى نۇقتىلىق خەۋەر ۋە مۇلاھىزە تور بەتلىرىدىن بولغان «باغداش» تور سەھىپىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، تېخنىكا كارخانىچىسى ۋە ساخاۋەتچى ئەكبەر ئەسئەت 2016-يىلى فېۋرالدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى بىلەن «خەلقئارالىق زىيارەتچى رەھبەرلەرنى تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا قاتنىشىش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئاز ساندىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بىراق ئۇ مۇشۇ سەپەردىن قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا يەنى 2016-يىلى 4-ئايدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ئارىدىن 4 يىل ئۆتكەندە يەنى 2020-يىلى يانۋار ئېيىدا ئۇنىڭ «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى» بىلەن 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغانىدى.

رەيھان ئەسئەت ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ ھازىر شارائىتىنىڭ ئەڭ ناچارلىقى ۋە زالىملىقى بىلەن نامى پۇر كەتكەن ئاقسۇ تۈرمىسىدە ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئەكبەرنى ۋە باشقا مىليونلىغان ئىنسانلارنى نابۇت قىلغانلارمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغان كۈنلەرنىڭ چوقۇم كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.