يېقىندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننىڭ ئامېرىكانىڭ سان فىرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلىدىغان «ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇنبىرى» يىغىن جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقى ئېنىق بولغان ئىدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بايدىندىن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش، شۇنىڭدەك لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان.
بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ۋە لاگېرلارنى تاقاش ئۈچۈن خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان تەشكىلاتلاردىن بىرى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىدۇر. بۇ تەشكىلات بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم ئەكبەر ئەسئەتنى ئازادلىققا چىقىرىش مەزمۇنىدىكى نامايىشلارنى تەشكىللىگەن ۋە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇلار جوۋ بايدىنغا كوللېكتىپ مەكتۇپ يوللاپ، ئەكبەر ئەسئەت مەسىلىسىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ھالدا ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش، بولۇپمۇ ئەكبەرنى ۋە لاگېرلاردىكى بىر نەچچە مىليون ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن بايدىننى شى جىنپىڭغا بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بىر قانچە يىلدىن بۇيان بىر قورساق ئىنىسى ئەكبەر ئەسئەتنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارادا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان رەيھان ئەسئەت خانىم ئامېرىكادا ئادۋوكاتلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بايدىنغا يازغان خېتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.
ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىگۇناھ ھالدا تۈرمىدە ياتقىلى يەتتە يىل بولغان ئىنىم ئەكبەر ئەسئەتنى مىسال قىلغان ھالدا ئىنىمنى ۋە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلارنى ئازاد قىلىشنى بايدىندىن تەلەپ قىلىشى چوڭ تەسىرگە ئىگە بىر ھال» دېدى. ئۇ يەنە ئامېرىكادىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكادا كۈن تەرتىپكە ئىلىپ كېلىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
ئاخىردا رەيھان ئەسئەت خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاگېرلارنى تاقىماي تۇرۇپ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ خىتاي ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە ياخشىلىنىش بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا خەلقىنىڭمۇ لاگېرلارنى تاقاش تەلىپىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەپ، بايدىننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشىنىڭ جىددىي ۋە تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
جوۋ بايدىن بىلەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدىمۇ قىزىق مۇھاكىمە تېمىسى بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدىننى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تەيۋەن مەسىلىسى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئاق ساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىكى ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى ۋە ئىسرائىلىيە-خاماس توقۇنۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.