ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارىي مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ تۆت قېرىندىشى تۈرمىگە تاشلانغان

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020.08.21
erkin-emet-qerindashliri-1.jpg

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ قېرىنداشلىرىدىن (سولدىن ئوڭغا) ئەنۋەر ئەمەت 11 يىللىق كېسىلگەن، نۇرەلا ئەمەت ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان، نۇرنىسا ئەمەت 14 يىللىق كېسىلگەن. RFA/Azigh

erkin-emet-qerindashliri-2.jpg

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ قېرىندىشى مەمتىمىن ئەمەت(ئوڭدا) 11 يىللىق كېسىلىپ، يوپۇرغا پەيلۇ تۈرمىسىدە. RFA/Azigh

erkin-emet-qerindashliri-3.jpg

ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ تۈركىيەگە ساياھەتكە كەلگەن قېرىندىشى نۇرنىسا ئەمەت ۋە يولدىشى قادىر مەمەت. 2013-يىلى، ئىستانبۇل. RFA/Azigh

erkin-emet-qerindashliri-4.jpg

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شۆبىسىنىڭ ئەركىن ئەمەتنىڭ تۇغقانلىرى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنامىسى(1-بەت). RFA/Azigh

erkin-emet-qerindashliri-5.jpg

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شۆبىسىنىڭ ئەركىن ئەمەتنىڭ تۇغقانلىرى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشنامىسى(2-بەت). RFA/Azigh

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ، جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ تۆت قېرىندىشى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئون يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. دوكتور ئەركىن ئەمەت ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈمى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ خىزمەت قىلغان، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى شۆبە ئىشخانىسى تاقىلىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر ئىشخانىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن.

ئەركىن ئەمەت 2020-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا 13 تۇغقىنىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن دوكتور ئەركىن ئەمەت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قەشقەر شۆبىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە يازغان مەمەت ئەمەت، ئۆمەر ئەمەت، نىسا ئەمەت ۋە ئەنۋەر ئەمەت قاتارلىق تۆت قېرىندىشى ھەققىدىكى ئەيىبلەشنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئەيىبلەش خېتىدە خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيە ۋەتەنداشلىقىدىكى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەركىن ئەمەت ئەپەندىنى «تېررورچى» دەپ ئېلان قىلغان بولۇپ، قېرىنداشلىرىنى ئەركىن ئەمەتكە سوۋغات بەرگەنلىكى ئۈچۈن «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم قىلغان» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئالغان.

خىتاي دائىرىلىرى ئەركىن ئەمەتنىڭ تۆت قېرىندىشىنى «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئەركىن ئەمەت بىلەن 2006-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئالاقە قىلغان» دەپ ئەيىبلىگەن. ئەيىبلەشنامىدە ئەركىن ئەمەتنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەركىن ئەمەت ۋە ئايالى ئەسرا خانىمغا سوۋغا قىلغان ئالتۇن ئۈزۈك (تۆت گرام)، دۇتار، تىللا ئۈزۈك (500 دوللار) ۋە باشقا تۇرمۇش بۇيۇملىرى (2000 يۈەن) نىڭ خاراكتېرىنى «تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە بېرىلگەن ياردەم» دەپ بېكىتكەن. ئەركىن ئەمەتنىڭ قېرىندىشى نۇرنىسا ئەمەت خانىم يولدىشى قادىر مەمەت بىلەن ساياھەت مەقسىتىدە 2013-يىلى يانۋاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان قېرىندىشىنىڭ ئۆيىدە پەقەت ئۈچ كۈن قالغان. خىتاي قانۇن ئورگانلىرى نۇرنىسا ئەمەتنىڭ قېرىندىشى ئەركىن ئەمەتنىڭ ئەنقەرەدىكى ئۆيىدە 3 كۈن تۇرغانلىقىنى «تېررورچىلار بىلەن ئالاقە قىلغانلىق» دەپ بېكىتكەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دوكتور ئەركىن ئەمەت بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن بېيجىڭدا بىر قانچە يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغانلىقىنى، 1989-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن تۈركىيەگە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقىنى پۈتتۈرۈپ، 1992-يىلىدىن بۇيان تۈركىيەدىكى دۆلەت قارمىقىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ «تېررورلۇق بىلەن ئالاقىسى بولغان بىرى تۈركىيەدىكى دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانداقسىگە خىزمەت قىلالايدۇ؟» دېگەن سوئالنى قويۇپ، مۇنداق دەيدۇ: «قېرىنداشلىرىم بىلەن 22 يىلنىڭ ياقى ئالاقىلىشىپ باقمىدىم، كۆرۈشمىدىم، ھەتتا تېلېفون ئالاقەممۇ يوق. سىڭلىم 2013-يىلى ساياھەت ئۆمىكى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن، تۈركىيەدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتۈم، ماڭا سوۋغات ئىلىپ كەپتىكەن، بۇ سەۋەبتىن تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ماددىي ياردەم قىلغان دەپ كېسىۋېتىشىنى ‹ئوچۇق-ئاشكارا قانۇنسىزلىق› دەپ قارايمەن. بۇنى ئۇيغۇرلارغا ئوچۇق-ئاشكارا ئىلىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى رەزىل بىسىم سىياسىتىنىڭ تىپىك مىسالى دېيىشكە بولىدۇ.»

خىتاي دائىرىلىرى ئەركىن ئەمەتنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەيىبلەشنامىدە ئۇنىڭ قايسى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى ياكى قايسى خىلدىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئىلىپ بارغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن. تۈركىيەدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەركىن ئەمەتنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «تېررورلۇق» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئەركىن ئەمەتنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى بولۇپ خىزمەت قىلغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.

ئەركىن ئەمەت 2006-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن، 2001-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى شۆبە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

ئەركىن ئەمەتنىڭ «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 4 قېرىندىشىدىن نۇرنىسا ئەمەتكە 14 يىل، قالغان قېرىنداشلىرىغا 11 يىل قاماق جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، نۇرنىسا ئەمەتنىڭ يولدىشى قادىر مەمەتكە 23 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن، 3 مىليون يۈەن جەرىمانە قويغان. ئەركىن ئەمەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، جەرىمانە قويغان 3 مىليون يۈەننى تۆلەش قۇربى بولمىغانلىقى ئۈچۈن مال مۈلكى دۆلەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان.

دوكتور ئەركىن ئەمەت ئادۋوكاتلارنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە، قېرىنداشلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى بىر تۈرك پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەردوغانغا، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يازما شەكىلدە بىلدۈرگەن. دوكتور ئەركىن ئەمەت بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئەيىبلەشنامىدە ئېيتىلغىنىدەك، قېرىنداشلىرىمنىڭ كېسىلىپ كېتىشىگە پەقەتلا مەن سەۋەب بولۇپتىمەن. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىنىڭ قانداق كىشى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ. شۇڭا خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك يوللار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئەھۋالنى ئېيتىپ، قېرىنداشلىرىمنى قۇتۇلدۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ پرېزىدېنتقا خەت يازدىم، تېخى ماڭا ئېنىق جاۋاب كەلمىدى. خىتايدىن سورالغان ياكى سورالمىغانلىقىنى بىلمەيمەن. ماڭا ھازىرغىچە تېخى ئېنىق جاۋاب كەلمىدى.»

خىتاي بىلەن تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېقىنلىشىغا ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرى چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقان، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە كېلىۋاتقان خىتاينىڭ بېسىمى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكىدەك ۋەزىيەتتە، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى خىتايدىن قوغداش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان ياكى كۆرسەتمەيدىغانلىقى قىزىقىش قوزغىماقتا.

يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ يەكشەنبە بازىرىدىن چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ تېخى قايتىپ كەلمىگەن 123 كىشىنىڭ، چەتئەلدىكى «ئۈچ خىل كۈچ» لەر ئۈچۈن يوپۇرغا ۋەزىيىتىدىن خەۋەر بېرىدىغان قۇلاققا ئايلانغانلىقى ۋە دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ چەتئەلدىكى يوپۇرغۇلۇق «ئۈچ خىل كۈچ» لەرنىڭ كاتتىۋېشى ئىكەنلىكىگە ئوخشاش مەزمۇنلار خاتىرىلەنگەن مەخپىي دوكلاتنىڭ يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتكومدىن قەشقەر ۋىلايىتىگە يوللانغانلىقى بۇنىڭدىن بۇرۇن رادىيومىز تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغانىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان يوپۇرغا ناھىيەسىگە ئائىت بىر «قارا تىزىملىك» تە يوپۇرغا يەكشەنبازاردىن چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن 17 كىشىنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنغان ۋە مەزكۇر «تېررورچىلار تىزىملىكى» نىڭ ئەڭ بېشىغا دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ ئىسمى يېزىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلىق ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلغان ۋە پاش قىلغان كىشىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن دائىم تەكىتلىنىپ كېلىنىۋاتقان بىر تېمىدۇر. خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ياكى خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى پاش قىلغان ژۇرنالىست ۋە زىيالىيلارنىڭ ئائىلىسىنى تۇتقۇن قىلىش ۋە لاگېرلارغا سولاش ئارقىلىق ئۇلارغا روھى جەھەتتىن بىسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.