خىتاي ھۆكۈمىتى 9-ئاپرىل كۈنى بېيجىڭدا «شىنجاڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى 7-قېـتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى» نى چاقىرىپ چەتئەللەردىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىنكار قىلغان. لاگېر شاھىتلىرىنى، شۇنداقلا ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلغانلارنى يالغانچىلىق قىلدى، دەپ قارىلىغان. بۇلار ئىچىدە ئەينى چاغدا لاگېرغا قامالغان ئاپىسى ۋە ئىنىسى ئۈچۈن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىق بەرگەن رادىيومىز مۇخبىرى گۈلچېھرە قېيۇممۇ بار. دىققەت قوزغايدىغىنى شۇكى، خىتاي دائىرىلىرى گۈلچېھرەنى 2017-يىلى ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان «تېرورلۇق گۇماندارى» دېگەن.
خىتاي دائىرىلىرى گۈلچېھرە ھەققىدىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «گۈلچېھرە قېيۇم، ئايال، 1973-يىلى تۇغۇلغان، ئۈرۈمچىلىك. ھازىر ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى ۋە خەۋەر رىياسەتچىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ تېرورلۇق تەشكىلاتىغا قاتناشقانلىق گۇمانى بىلەن جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئورگىنى تەرىپىدىن توردا قوغلاپ تۇتۇش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.»
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئامېرىكادا مۇخبىرلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ۋە خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ئاخبارات ۋە كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن گۈلچېھرەنى «تېرورلۇق گۇماندارى» دەپ ئەيىبلىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ گۈلچېھرەنى تېرورلۇققا چېتىپ ئەيىبلىشىنى «دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك يېڭى تەرەققىيات» دەپ ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ دىققەت قوزغاشقا تېگىشلىك يېڭى تەرەققىيات. خىتاي گۈلچېھرەنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى دېيىش ئارقىلىق بۇ ئورگانلارنىمۇ تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلىمەكچىمۇ. مەنچە، بۇ بىر يېڭى تەرەققىيات. بۇ خىتاينىڭ ھەرقانداق قارشىلىقنى جىنايەتچى دەپ قارىلاش ئىستراتېگىيەسى، ئۇنىڭ بارلىق ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچى دەپ قارىلاۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى.»
خىتاي دائىرىلىرى گۈلچېھرەنى يىغىندا «تېرولۇق گۇماندارى» دەپ قارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا دائىر ھېچقانداق ئىسپات كۆرسەتمىگەن، ئۇنىڭ قايسىي تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلىقتىن ‹تېرورلۇق تەشكىلاتى› غا ئەزا بولۇش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنىمۇ دېمىگەن. بىز خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسىغا ئېلخەت يېزىپ بۇنى سۈرۈشـتۈرگەن بولساقمۇ، بىر جاۋاب ئالالمىدۇق.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۈگۈن خىتاينىڭ ئۆزىگە قاراتقان ئاساسسز ئەيىبلەشلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. ئۇ خىتاينىڭ ئۆزىگە قاراتقان بۇ ھۇجۇمى ئۇنىڭ ھەرقانداق ئۇيغۇرنى جىنايەتچى قىلىپ قارىلىيالايدىغانلىقىنىڭ يەنە بىر ئىسپاتى، دېدى.
خىتاي دائىرىلىرى باياناتىدا گۈلچېھرە قېيۇمنى «2018-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقىنى ئېيتتى. 2019-يىلى 3-ئايدائاتالمىش لاگېردىن ھايات قالغۇچىلار ۋە ئائىلىسىدىكىلەر لاگېرغا قامالغانلار سۈپىتىدە پومپېيو بىلەن كۆرۈشتى. ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى نورمال تۇرمۇش كەچۈرمەكتە،» دېگەن. ئۇلار بۇنىڭغا ئىسپات سۈپىتىدە گۈلچېھرەنىڭ ئاپىسى چىمەنگۈل زىكرى ۋە ئىنىسى قەيسەرنى ئېكرانغا چىقىرىپ سۆزلەتكەن. ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ خاتىرجەملىكىنى، نورمال ياشاۋاتقانلىقىنى، گۈلچېھرەنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ خاتالىقىنى دېگۈزگەن.
گۈلچېھرە خىتاينىڭ ھۇجۇمىدىن ھەيران قالمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز ئىرادىسىگە قارشى سۆزلەشكە مەجبۇرلانغان ئاتا-ئانىسى، ئىنىسى ئۈچۈن قاتتىق ئۆكۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ: «بىز خىتايدەك بىر چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتىغا قارشى خىزمەت قىلىۋاتىمىز. مانا مەنمۇ ئۆزۈم ئىشلەۋاتقان شۇ ھېكايىلەرنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندىم،» دېدى.
ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى سوفىي رىچاردسون خىتاينىڭ گۈلچېھرەنى «تېرورلۇق گۇماندارى» دېيىشىنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ گۈلچېھرەنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاپىسىنى سۆزلەشكە مەجبۇرلىشى خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوچۇق نامايەن قىلىپ بېرىدىكەن.
سوفى مۇنداق دېدى: «مەنچە، بىرىنىڭ ياشىنىپ قالغان ئاپىسىنى قورقۇتۇپ سۆزلىتىش ئىنتايىن يىرگىنىشلىك، نەپرەتلىك بىر ھەرىكەت بولۇش بىرگە ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چارىسىزلىقىنى نامايەن قىلىدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت بىلەن جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك، دەپ تەلەپ قىلىشىمىزدىكى نۇرغۇن سەۋەبلەرنىڭ بىرى.»
سوفى رىچاردسون ئاخبارات ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەۋجۇت دۆلەتلەردە خەلقلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش ھوقۇقى ۋە قابىلىيىتى مەۋجۇتلۇقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «خىتاي نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ سۆزىگە ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەنلەردىن بەك، گۈلچېھرەگە ئوخشاش تونۇلغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر ۋە شۇنداقلا ئۆز ساھەسىدە مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن بىرىگە ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارغا تۇتقان دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيىسى ھەممىگە ئايان.»
دەرۋەقە، گۈلچېھرە ئۆزىنىڭ خىزمىتى سەۋەبلىك «خەلقئارالىق ماگنېتىسكىي ئادالەت ھەرىكىتى» تەرىپىدىن تارقىتىلىدىغان «سېرگىي ماگنېتىسكى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «خەلقئارا ئاياللار ئاخبارات فوندى» تەسىس قىلغان «ئاخباراتچىلىقتىكى جاسارەت مۇكاپاتى» قاتارلىق نوپۇزلۇق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. ئۇ شۇنداقلا يەنە «ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى» قاتارلىق نوپۇزلۇق يىغىنلارغا سۆزلىگۈچى بولۇپ قاتناشقان ئىدى.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ باشلىقى بەيفاڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلچېھرەگە قاراتقان ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ھەرقانداق چەتئەل ھۆكۈمىتى ياكى ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇخبىرلىرىمىزغا يامان غەرەز بىلەن پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى ۋە نىشانغا ئېلىشىنى ئەيىبلەيدۇ،» دېدى. ئۇ 2017-يىلى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى مۇخبىرلىرى رايوندا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنى دۇنياغا تۇنجى بولۇپ ئاشكارىلىغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پەۋقۇلئاددە بېسىمىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى ۋە ھەتتا ئۇلارغا يالغان تۆھمەتلەرنى چاپلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق ئۇلارنى جىمىقتۇرماقچى بولدى. ئەمما بۇۋىجدانسىزلارچە قورقۇتۇش ھەرىكىتى كارغا كەلمىدى،» دېدى.
مەركىزى نيۇ-يوركتىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق فوندىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلچېھرەنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىنى قوللىنىپ تۇرۇپ قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا ئېچىلغان 7-نۆۋەتلىك ئاخبارات يىغىنىدا گۈلچېھرەدىن سىرت، لاگېر شاھىتلىرى زۇمرەت داۋۇت، مېھرىگۈل تۇرسۇن، تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇن، گۈلزىرە ئاۋۇلقانقىزى قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىغا تۆھمەت چاپلىغان ھەم شۇنداقلا ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان فىرقەت جەۋدەت، مامۇتجان، قۇززات ئالتاي، زەمىرە ئىمىنجان، ئارافات ئەركىنلەرنىڭ «يالغان گۇۋاھلىق» بەرگىنىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇ كۈندىكى ئاخبارات يىغىنىدا لاگېرلارغا قامالغانلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىۋاتقان، خەلقئارانى ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەۋاتقان، تەتقىقات قىلىۋاتقان ئورگان ۋە شەخسىلەرنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلغان.
ئاخبارات يىغىنىدا خىتاي مۇنۇلارنى دېگەن: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خەلقئارادىكى خىتايغا قارشى بىر قىسىم كۈچلەر ئاتالمىش ‹شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات تۈرى›، ‹زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى› ۋە‹ئۇيغۇر ئۆتكۈنچى مەزگىل ئەدلىيەلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرى›نى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى بىر قىسىم ‹گۇۋاھچىلار ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا ۋە غەربتىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر تەرىپىدىن ياللانغان، چېگرا سىرتىدا شىنجاڭغا قارا چاپلاشقا تايىنىپ كۈن كەچۈرىدىغان ئارتىسلاردۇر.»
تەتىقاتچى ئادرىيان زېنز خەلقئارانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گۈلچېھرە قاتارلىقلارغا قوللىنىۋاتقان بۇ ئىستراتېگىيەسىنى نەزەردە تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يەنىمۇ كۆپ ياردىمىگە، كۈچلۈك قوللىشىغا مۇھتاج. ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدە خىتاينىڭ پاراكەندە قىلىشىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن كۈچلۈك قوغدىلىشى كېرەك. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىۋاستە زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر پاكىتى.»
ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى كۈچلۈك ئەيىبلەشكە دۇچ كەلمەكتە ۋە بۇ ۋەجىدىن خىتاي ئۈستىدىكى بېسىممۇ كۈچەيمەكتە. ئامېرىكا، كانادا ۋە گوللاندىيە ئۇيغۇر قىرغىنىچلىقىنى بېكىتكەندىن كېيىن يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتە قارار ئېلىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى ۋە 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بويقۇت قىلىش چاقىرىقلىرىنىڭمۇ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقى مەلۇم.