خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارغا تەۋە بولغان بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ يوقىتىش ئوبيېكتى بولۇۋاتقانلىقى ياكى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مەدەنىيىتى» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە قايتا ئىزاھلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تارىخىي ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئۆزگەرتىش ياكى قايتا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا يۈزلەرچە مۇزېي، كۆرگەزمىخانا، قىزىل گېن تەربىيە بازىىسى، «ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە سارىيى» دېگەندەك ناملاردىكى قۇرۇلۇشلارنى قۇرۇشقا باشلىغان. شۇلارنىڭ ئەڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى، 31-ماي كۈنى ئۇل سېلىش ۋە ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» دۇر.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى تۇنجى ئۇنىۋېرسال غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمە سارىيى- «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» نىڭ ئۇل سېلىش ۋە قۇرۇلۇش باشلاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇلاقتاغ (شۈيموگو) رايونىدىن ئورۇن ئالغان بۇ زور قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 13000 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسلىق قۇرۇلۇش بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىناكارلىق لايىھەسى ئۈچۈن خىتاينىڭ مەشھۇر مېمارچىلىق مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ قىلىنغان ئىكەن. ئۇنىڭدا قويۇق خىتاي قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىكەن، شۇنداقلا خىتايدىكى 56 مىللەتكە سىمۋول قىلىنغان 56 ئاساسلىق تۈۋرۈك ئورۇن ئالىدىكەن.

خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» نىڭ 18-ماي كۈنى مەخسۇس خەۋەر بېرىپ، «شىنجاڭنى مۇزېي ئىچىگە قاچىلاش» دەيدىغان سىياسىي خاراكتېرلىك شوئارنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىدە «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» نىڭ قۇرۇلۇش باشلىغانلىقى، چەت ئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلار، ئۇيغۇر فولكلور مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىلىرى ۋە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى.
رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ Rune Stenberg) ) ئەپەندى بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى ئۈچ يىل مابەينىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قاراتقان قىرغىنچىلىقىنى كۈنسايىن كۈچەيتىپ، ئۇيغۇر رايونىدا مۇزېي ۋە كۆرگەزمىخانا قۇرۇشقا نۇرغۇن مەبلەغ سالغانلىقىنى، ئاتالمىش «يېڭى ھېكايە» ، «يېڭى تارىخ» بەرپا قىلىش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر كىملىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ رايوندىكى ئاساسلىق يەرلىك مىللەتلىك ئورنىنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دوكتور رۇنې سىتېنبېرگ ئەپەندى يەنە خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېيتىمىدىن ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسى تىكلەپ بەرگەن رامكا ۋە قېلىپ بويىچە ئىزاھلىنىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ، خىتاينىڭ يېڭى مۇزېيخانىلارنى قۇرۇش، كونىلىرىنى كېڭەيتىش ۋە كۆپەيتىش، ئۇلارنىڭ ئىچىنى خىتاينىڭ سىياسىي تەشۋىقات ئېھتىياجى بويىچە تولدۇرۇش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەدەنىيەت مىراسلىرىنى خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى قىلىپ كۆرسىتىش ياكى يوقىتىش سىگنالىنى بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، «شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى» پۈتكەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقام-مەشرەپلىرى، تۇرمۇش مەدەنىيەت ئۆرنەكلىرى كارىز ۋە ئەنئەنىۋىي ھويلا-ئارام كۆرۈنۈشلىرى، قازاقلارنىڭ يايلاق مەدەنىيىتى، قىرغىزلارنىڭ «ماناس» داستانى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرلىك خەلقلەرنىڭ بارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرى بۇ سارايغا قاچىلىنىدىكەن، شۇنداقلا خىتاي ئىچى ۋە چەت ئەللەردىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئېچىۋېتىلىدىكەن.
ئىلگىرى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە ئوقۇتقۇچى بولغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان مېھرىئاي مەمتېلى خانىم بۇ ھەقتە رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدا مۇزېيخانىلارنى قۇرۇش ۋە يېڭىلاش دولقۇنىنىڭ كېڭەيتىلىشى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى جانلىق ھەم رېئال ھاياتتىن مۇزېي ۋە كۆرگەزمىخانىلارغا قاچىلاشقا باشلىغانلىقىنىڭ بىر سىگنالى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
دەرۋەقە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئائىت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، شۇنداقلا تارىخ، ئارخېئولوگىيە، قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرى ۋە يەرلىك ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ كۆلەملىك «قايتا قۇرۇش» قۇرۇلۇشى باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمەت مۇتەخەسسىسلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئۇيغۇرلارغا تەۋە پۈتكۈل تارىخىي ئىزلار ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئۆزگەرتىش، قايتا ياساش ۋە ئۇنى خىتاي مەدەنىيىتىگە باغلاپ ئىزاھلاشقا تۇتۇش قىلغان ئىدى.
ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تۈرلۈك لايىھە-پىلان، سىياسىي تەشۋىقات ۋە زور كۆلەملىك قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى توسۇپ قالالمىغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە تەكىتلىدى:

«دۇنيانىڭ ھېچ بىر يېرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش ئوت بىلەن سۇنى ئارىلاشتۇرۇپ قىيامەت قوپۇرىدىغان ھېچقانداق بىر دۆلەت مەۋجۇت ئەمەس. تولىمۇ ئەپسۇس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا قارشى چىقارغان قارارلىرى ۋە ئەمەلىي تەدبىرلىرى تېخىچە يېتەرلىك ئەمەس. گەرچە ئۇيغۇر خەلقى ئاجايىپ ئېغىر ئازابلارغا، ھەقسىزلىكلەرگە ۋە چارىسىزلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مېنىڭچە ئۇلار پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاخىرىغىچە تىركىشىدۇ.»
ما جۈ ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەتكە چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ئىرقىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ھەققىدە كەسكىن ئويلىنىشنى، ئىنسانلىق ۋىجدانى ۋە مەسئۇلىيىتى بويىچە ئەمەلىي تەدبىر ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى:
«ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ئىنسانىيەت تارىخىدا، بولۇپمۇ 1948-يىلى ئېلان قىلىنغان ب د ت ‹كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى› دىن بۇيان يۈز بەرگەن ئەڭ ئېچىنىشلىق پاجىئە ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىق پۈتكۈل ھەقىقەتلىرى ۋە دەلىل-ئىسپاتلىرى بىلەن ئالدىمىزدا تۇرسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا دۇنيا قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت ھەم ئىنسانىيەت جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا. مەن مۇشۇ پروگرامما ئارقىلىق، ئېيتقانلىرىمنىڭ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەردە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا نىسبەتەن مەلۇم تونۇش پەيدا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن يەنە كىشىلەرنىڭ 1948-يىلى ئېلان قىلىنغان «كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» نى قايتا نەزەر سېلىشىنى؛ ئەينى زاماندا تۈزۈلگەن خەلقئارا تەرتىپنىڭ بۈگۈنكى كۈندە خىتاي تەرىپىدىن قانداق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى؛ پۈتۈن دۇنيانىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا بۇنداق سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئويلاپ كۆرۈشنى سورايمەن! »