رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەدنىڭ ھېكايىسى: يېڭى زېلاندىيەلىك ئۇيغۇر قىزىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى قەيسەر ھاياتى
2024.08.21
يېڭى زېلاندىيە ئىسلام ئاياللار كېڭىشى (Islamic Women's Council of New Zealand) نىڭ يېڭى زېلاندىيەدىكى ئۈلگىلىك مۇسۇلمان ئاياللارنى تونۇشتۇرۇش پىروگراممىسى- «راھەتلىگىن» (CHILL) دە، يېڭى زېلاندىيەلىك ئۇيغۇر قىز رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەدنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان.
مەزكۇر پىروگراممىدا رىزۋانگۈل توغرىسىدىكى بايانلار مۇنداق تونۇشتۇرۇلغان: «رىزۋانگۈلنىڭ ھېكايىسى قەيسەرلىك، جەمئىيەت ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىش، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ئوبرازىنى ياخشىلاش ھېكايىسىدۇر. ئۇ ئىككى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، شۇنداقلا ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان فۇلبرايت ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ناھايىتى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ كىشىلەرنى روھلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا پەخىرلەندۈرىدۇ.»
رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد 2010-يىلى يېڭى زېلاندىيەگە ماگىستىرلىق ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزى ئوقۇغان بۇ دۆلەتنىڭ جەمئىيەت مۇھىتىغا ماسلىشىپ ۋە تىرىشچانلىق بىلەن خىزمەت قىلىپ، يېڭى زېلاندىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق كۆچمەنلەرگە ئوخشاش رىزۋانگۈلمۇ، ئوقۇش، خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ھالبۇكى، 2017-يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئىنىسى تۈرمىگە تاشلىنىپ، يۇرتىدىكى بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسى كېسىپ تاشلانغان.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ باشقا كۆچمەنلەرگە ئوخشاش يېڭى زېلاندىيەدە پۇت تىرەپ ياشاشتىن باشقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە مىللىتىگە قاراتقان ئادالەتسىز سىياسىتىگە قارشى كۈرەش قىلىشنى ئۆزىگە بۇرچ دەپ قارىغان ھەمدە بۇ يولدا توختاۋسىز تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
رىزۋانگۈل نۇرمۇھەممەد بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.