مىنىستىر ياردەمچىسى روبېرت سىلۋېرس: ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلار ھەمىشە يالغان گەپ قىلىدۇ

«تۆۋەن ئۆتكەللىك كەچۈرۈم» بويىچە كىرگەن، قىممىتى 800 دوللاردىن ئاز بولغان پوسۇلكىلاردىن سانلىق مەلۇمات توپلاش ئاز بولغاچقا، ئۇ توغرۇلۇق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش قىيىن بولماقتا.

ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى روبېرت سىلۋېرس بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەخسۇس سۆھبەت كۆرۈنۈشى. 2024-يىلى مارت، ۋاشىنگتون

ئامېرىكا ئانا ۋەتەن خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ئىستراتېگىيە، سىياسەت ۋە پىلان ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىر ياردەمچىسى روبېرت سىلۋېرس يېقىندا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنىنى» نىڭ ئىجرا قىلىنىش جەريانى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى رادىيو ئاڭلىغۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ، زىيارەت جەريانىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ دائىم يالغان ئېيتىدىغانلىقىنى، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىسىنىڭ سۆزلىنىشىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن باستۇرىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

— مۇئاۋىن مىنىستىر سىلۋىرس، بۈگۈنكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت

— رەھمەت ئالىم

— سىز يېقىندا شىمالى ۋېرجىنىيەدىكى  ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ كەلدىڭىز. سىزنىڭ ئۇلارغا يەتكۈزگەن ئۇچۇرىڭىز نېمە بولدى؟

— ۋىرجىنىيەدىكى فايىرفاكىستا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار بار ئىكەن، ئۇ يەرگە مەشەدىن 45 مىنۇت ماشىنا ھەيدىسىلا بارغىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىم ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈشۈمنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ بولدى ھەم مېنى بەك ئىلھاملاندۇردى. ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەندىشىلىرىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم ھەمدە ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈندىلىك خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتىم. مەن بۇ يەردە ئۇيغۇر جامائىتىنى قوغداش كېرەك ۋە قوغدىشىمىزغا موھتاج دېگەن ئۇچۇرنى يەتكۈزدۈم. ئۇيغۇرلارنىڭ ھېكايىلىرى سۆزلىنىشى كېرەك، چۈنكى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدەك كۈچلەر ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىتىشنى خالىمايدۇ؛ ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۇلارنىڭ ھېكايىسىنى باستۇرىدۇ، تازىلاپ يوقىتىدۇ. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايدۇ.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org