«يولدا قالغانلار» ناملىق رومان تۈركىيەدە نەشر قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە يازغۇچىسى ئاخمەت دوغان يازغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان «يولدا قالغانلا» ناملىق رومانىنىڭ مۇقاۋىسى.
تۈركىيە يازغۇچىسى ئاخمەت دوغان يازغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان «يولدا قالغانلا» ناملىق رومانىنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى مائارىپنى چەكلەپ، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر تارىخى، مەدەنىيىتىگە دائىر كىتابلار تۈركىيەدە ئارقا-ئارقىدىن نەشر قىلىنغاندىن سىرت، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا تۈرك يازغۇچىلار ئۆزلىرى تۈرك تىلىدا يازغان رومانلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئەنە شۇنداق رومانلارنىڭ بىرى تۈركىيە يازغۇچىسى ئاخمەت دوغان يازغان، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كۆچۈش سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان «يولدا قالانلار»، يەنى «يولدا قالغانلا» ناملىق روماندۇر.

140 بەتلىك مەزكۇر روماننى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى «كارىنا» نەشرىياتى نەشر قىلغان بولۇپ، كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا بالا-چاقىلىرى ۋە يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن.

مەزكۇر روماننىڭ ئاپتورى ئاخمەت دوغان ئەپەندى كىتابنىڭ ئاخىرىدا روماننىڭ مەزمۇنى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دەپ يازغان: «بۈگۈن ئۇيغۇرلار مەۋجۇدىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا. خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. 2013-2016-يىللىرىدا تايلاند ۋە مالايسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن 7-8 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ بىر قىسمى تۈركىيەگە يېتىپ كېلەلىگەن، 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. مەزكۇر كىتابتا مانا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن 8 ئۇيغۇرنىڭ سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان».

كىتاب ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ھەربىي سەپتىن پېنسىيىگە چىققان يازغۇچى ئاخمەت دوغان ئەپەندى «يولدا قالغانلار» ناملىق روماننى يېزىش پىكرىنىڭ پەيدا بولۇش جەريانى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، مۇنداق دېدى: «مەن 2007-يىلى 47 ياشتا ھەربىي سەپتىن پېنسىيىگە چىقتىم. ئۇ كۈنگىچە پەقەتلا چەتئەلگە چىقىپ باقمىغان ئىدىم. ھاياتىمدىكى تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتىمنى شەرقىي تۈركىستانغا ئېلىپ باردىم. بۇ بالىلىق چېغىمدىن تارتىپ باشلانغان بىر ئارزۇيۇم ئىدى. 2008-يىلى تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستانغا باردىم. 2016-يىلىغىچە شەرقىي تۈركىستانغا جەمئىي 6 قېتىم بېرىپ كەلدىم. شەرقىي تۈركىستاندىكى شەھەرلەرنىڭ كۆپىگە بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ياشىدىم».

ئۇ، 6 قېتىملىق ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدە ھېچقانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىمىغانلىقىنى، بەزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە تۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بەزىدە مېھمانخانىدا بەزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدىم. ھېچقانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىمىدىم، ئۇيغۇرلار ئۆز قېرىندىشىمدەك ئىدى. 1000 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلاردىن ئايرىم ياشاۋاتقان بولساقمۇ تىل جەھەتتىن ئۆزئارا چۈشىنەلىدۇق. ئۇيغۇرلار مېنى باغرىغا باستى، بەك ياخشى كۈتۈۋالدى، دوستلۇق ئورناتتۇق، بۇ سەۋەبتىن بۇنداق بىر روماننى يېزىش پىكرى مەندە پەيدا بولدى».

يازغۇچى ئاخمەت دوغان ئەپەندى 2008-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە بولغان 6 قېتىم ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتىدە كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرى ئورناتقان. لېكىن ئۇ، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2016-يىلى ئۈرۈمچىگە بارغىنىدا ۋەزىيەت ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرى تېلېفونىغا جاۋاب بېرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىغان. ئۇ، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «مەن تۇنجى قېتىم 2008-يىلىدا، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم بولسا 2016-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا باردىم. 2016-يىلى بارغىنىمدا بۇرۇن تونۇشقان دوستلىرىم مەن بىلەن پەقەتلا كۆرۈشمىدى. تېلېفونلىرىنى ئېتىۋېلىپ مەندىن ئۇزاق تۇردى، تېلېفون قىلسام ئاچمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھىيمىلەر ھۆكۈم سۈرگەنىدى. مەسىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ھەممىلا يېرىگە ھەر 500 مېتىر ئارىلىققا بىر ساقچى پونكىتى قۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ھەممە يەرگە كامېرالار ئورنىتىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى 24 سائەت كۆزىتىلىدىغان ھالغا كەلگەنىكەن، خىتاي ساقچى دۆلىتىگە ئايلىنىپ بوپتىكەن، ئۇيغۇرلار ساقچىدىن قورقۇپ چەتئەللىكلەر بىلەن كۆرۈشمەيدىغان بولۇپ بوپتىكەن. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى بەكلا ئېغىر ئىدى».

ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بويىچە ماگىستىرلىقنى پۈتتۈرگەن مەخمۇتجان قەشقەرلى ئەپەندى روماننى ئوقۇغانلىقىنى، مەزمۇن ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىن ياخشى رومان بولغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىش جەھەتتىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

1980-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر تىلىدا كۆپ ساندا تارىخىي رومان ئېلان قىلىندى. ئۇنداقتا تارىخىي رومانلارنىڭ تارىخ تەتقىقاتىدىكى ئورنى نېمە؟ ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە ئىزاھات بەردى.

تۈركىيەدە رومانلاردىن «سۇلتان ساتۇق بۇغراخان»، «مەخمۇت قەشقىرى»، «ئىدىقۇت» قاتارلىقلار تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن سىرت، تۈرك يازغۇچىلار تەرىپىدىن «جىمجىت كۆچۈش»، «ئوسمان باتۇر» قاتارلىق تارىخىي رومانلارمۇ يېزىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت