ئاندېرس كور: «دۇنيا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇمنى بىرلىكتە توختىتىشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
ئەتراپى سىم تور ۋە قوراللىق ئەسكەرلەر بىلەن قورشالغان «تەربىيەلەش لاگېرى».
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى يۇقىرى پەللىگە چىقىۋاتقاندا بۇ ھالنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقى، ئەكسىچە بۇنىڭ دۇنيا ئۈچۈنمۇ جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئامېرىكادىكى سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور(Anders Corr,Ph.D) نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر قاتار ماقالىلىرىنى ئەنە شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن دېيىش مۇمكىن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار سىستېمىسى دوكتور ئاندېرسنىڭ يازمىلىرىدا ئەڭ نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر مەسىلىسىنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى يەنە بىر قېتىملىق زور پاجىئەگە سەۋەب بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىكىدىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئېتنىك قىرغىنچىلىق خىتايلار ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ تارىخىدا كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ زور كۆلەملىك قىرغىنچىلىق 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى مانجۇلار ئۇيغۇر دىيارىغا تۇنجى قېتىم تاجاۋۇز قىلغاندا يۈز بەرگەن: شۇ ۋاقىتتا چىڭ ئىمپېرىيەسى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان جۇڭغار خانلىقى مەغلۇپ قىلىنىپ، مانجۇلار ھازىرقى جۇڭغارىيە ۋادىسىدىكى 500 مىڭدىن 800 مىڭغىچە ساندىكى جۇڭغار ۋە باشقا خەلقلەرنى پاك-پاكىز قىرىۋەتكەن. شۇڭا خىتاي تارىخىدا كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى ھادىسىلەرنىڭ يەنە بىر قېتىم كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى ھازىر بارغانسېرى كېڭىيىۋاتقان لاگېرلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادىلەنمەكتىكەن.

دوكتور ئاندېرس بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا ئۇ بۇ نۇقتىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى: «ھازىرقى كۈندە شىنجاڭدا ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بەك چوڭ، دەپ قارايمەن. نېمىشقا دېگەندە، بىر ھاكىمىيەت بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئىنساننى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قامىۋالغاندا، ئېنىقكى، بۇ كىشىلەردە خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان ئۆچمەنلىكنى پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا تىنچ شەكلىدە ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن بۇ كىشىلەر لاگېرلارغا قامىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلسە، ئۇلارنىڭ ئوبدانلا بىر قىسمى زورلۇق كۈچىگە ماھىل كىشىلەرگە ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ نۇقتىنى خىتاي كومپارتىيەسىمۇ ياخشى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ دېگەندە، بۇ خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقاندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ ئۇيغۇرلار لاگېرلاردىن قويۇۋېتىلسە ئۇلار زورلۇق كۈچىگە ھەمدە شىنجاڭنىڭ مۇستەقىللىقى دېگەندەك ئىشلارغا تېخىمۇ بەكرەك مەھلىيا بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ خىتاي ئۈچۈن ناھايىتىمۇ چوڭ بىر باش ئاغرىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاپەت خاراكتېرلىك بىر قارارغا قول سۇنۇپ قىرغىنچىلىقنى باشلىشى مۇمكىن.»

دوكتور ئاندېرسنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە باغلىشى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلاردىكى ئىسلام ئېتىقادىنى «زەھەرلىك ئۆسمىنى كېسىپ تاشلىغاندەك كېسىپ تاشلاش»، «خىمىيەۋىي ئوغۇت چېچىپ ياۋا چۆپلەرنى يوقاتقاندەك يوقىتىش» دېگەندەك ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىشى ئويلىنىشقا تېگىشلىك ھادىسە ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر ياقتىن بۇنى خىتاينىڭ تۈركىي خەلقلەرنى مۇستەملىكىلەشتۈرۈش تارىخىنىڭ زامانىمىزدا قايتىدىن داۋام ئېتىشى، دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ تەسۋىرلىشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى سەگىتىشىنى، ئۇلارنى بۇ ھەقتە تېگىشلىك تەدبىر ئېلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش رولىنى ئوينىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بولغانىكەن، خەلقئارا جامائەت ۋە دۇنيانىڭ يېتەكچىلىرى بۇ ئىشلارغا ناھايىتى زور دەرىجىدە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى لازىم، دەپ ئويلايمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتايغا قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتە زور كۆلەملىك جازالاشنى ئىجرا قىلىش بەكمۇ زۆرۈر. شۇ ئارقىلىق قاماققا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېزدىن لاگېرلاردىن قويۇپ بېرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش لازىم. چۈنكى ئۇلارنىڭ لاگېرلاردا قاماقلىق تۇرغان ھالىتى قانچە سوزۇلۇپ كەتسە قىرغىنچىلىقنىڭ ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە زورىيىپ ماڭىدۇ. يەنە كېلىپ ئەگەر خىتاينىڭ بۇ خىلدىكى رەزىل قىلمىشلىرىنىڭ داۋام قىلىشىغا خەلقئارا دۇنيا داۋاملىق يول قويۇۋەرسە، خىتاي شۈبھىسىز يەنە بىر مەيدان قىرغىنچىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز جەزمەن بىر ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشىمىز لازىم. خۇددى كۆپلىگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى يىللاردىن بۇيان ئېيتىپ كېلىۋاتقاندەك بىز ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوغداشتەك بۇ مەجبۇرىيىتىمىزگە ھەقىقەتەن سەل قاراپ كەلدۇق. شۇڭا بۇنىڭدا بىز قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار.»

دوكتور ئاندېرسنىڭ پىكرىچە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىدارە قىلىشىدا بارغانسېرى كۆپلەپ مەلۇم بولۇۋاتقان تېررورلۇق ئېلېمېنتلىرى نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنى ھالاكەتكە قىستاشتىن باشقا، تاشقى دۇنيا، جۈملىدىن ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ بارغانسېرى چوڭ بىر ئاپەت تەرىقىسىدە مەلۇم بولماقتا. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، خىتاينى خەلقئارا دىپلوماتىيە سورۇنىدىكى «ئەڭ قەبىھ ئارتىس» دەپ ئاتاش تامامەن مۇمكىن. بۇ خىلدىكى «قەبىھ ئارتىس» دۇنياۋى سىستېمىنى بۇزۇۋەتمەكچى بولۇۋاتقاندا خەلقئارا جامائەت جەزمەن بۇ خىلدىكى رەزىللىككە قارشى بىرلىكتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە تاشقى دۇنيانىڭ ئۆزلىرىنى قوغداش ھەرىكىتى بولۇپ قالىدۇ، خالاس.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دېدى: «شەخسەن مەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى بىر تېررورچى ھاكىمىيەت، دەپ قارايمەن. چۈنكى ئۇلار ھازىر شىنجاڭدىكى ئىنسانلارغا تېررورلۇق شەكلىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. بېيجىڭ بولسا بۇ جەھەتتە ئىجتىمائىي كىرېدىت سىستېمىسىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا بۇ ئىشلارغا ئومۇملاشتۇرۇپ قارىغىنىمىزدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئوتتۇراھال دەرىجىلىك تېررورلۇقتىن ئۇچىغا چىققان تېررورلۇق شەكىللىرىگىچە بولغان بارلىق ۋاسىتىلەرنى، شۇنىڭدەك زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى ئۆزى خالىغانچە قوللىنىپ خەلق ئاممىسىنى ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز. ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن يەنە خىتاي چېگراسىنىڭ سىرتىدىكى ئىنسانلارنىمۇ ۋەھىمىگە سېلىپ كېلىۋاتىدۇ. مەسىلەن قارايدىغان بولساق، فىلىپپىن قىرغاقلىرىدىن تارتىپ تەيۋەنگىچە بولغان جايلاردىكى خىتاينىڭ قىلىۋاتقان ئۆكتەملىكلىرى پۈتۈنلەي دۆلەت تېررورىزىمىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار مۇشۇ جايلاردا شىمالىي كورېيە، رۇسىيە قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەرگە قارشى تېررورلۇق خاراكتېرىدىكى قىلمىشلار بىلەنمۇ كۆپلەپ مەشغۇل بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلار يەنە پاكىستان، تالىبان ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار بىلەنمۇ ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ ئاۋام پۇقرالارغا زىيانلىق كۆپلىگەن شۇملۇقلارنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا مۇشۇ ئەھۋاللارغا قاراپ خىتاينى خەلقئارا سەھنىدىكى ئەڭ چوڭ رەزىل ئارتىس، دېسەك تامامەن بولىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، مۇشۇنداق بىر ھاكىمىيەتنى توسۇش ھەمدە ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى داۋام ئەتتۈرۈشكە يول قويماسلىق ھازىر بەكمۇ مۇھىم.»

دوكتور ئاندېرسنىڭ پىكرىچە، نۆۋەتتە ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى بۇ جەھەتتە بەلگىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن ئىكەن. گەرچە بۇنىڭدا خىتاي بىلەن بولغان خەلقئارالىق مۇناسىۋەتكە ئوبدانلا دەز كېتىشى مۇمكىن بولسىمۇ، خەلقئارالىق ئۆلچەملەر دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىشقا يارىمىغاندا كۈچ ئىشلىتىشنىڭ ھېچقانداق يامان يېرى يوق ئىكەن. ۋاقتى كەلگەندە ئۇرۇشقا تەۋەككۈل قىلىشمۇ يەنە بىر تاللاش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت