ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلاردىن ئورۇن ئالدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020.09.17
yawropa-ittipaqi-xitay-tor-yighin.jpg ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى چارلىز مىشېل(Charles Michel)، گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل(Angela Merkel) ۋە ياۋروپا كومىسىيۇنىنىڭ رەئىسى ئۇرسۇلا ۋون دېر لېيېن(Ursula von der Leyen) خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن باشلىقلار تور يىغىنىدا. 2020-يىلى 14-سېنتەبىر.
REUTERS

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆپلىگەن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنىڭ، شۇ جۈملىدىن رۇس تىللىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قىزىقارلىق تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇنىڭغا يېقىندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مەبلەغ سېلىش ھەققىدىكى يىغىن سەۋەب بولغان ئىدى. خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن دۇنياغا تارالغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن مەزكۇر يىغىن سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن.

«نېزاۋىسىمايا گازېتا»، يەنى «مۇستەقىللىق گېزىتى» دا ئېلان قىلىنغان ۋلادىمىر سكوسىرېفنىڭ «شى جىنپىڭ ياۋروپادىكى خىتايغا قارشى فرونتنى پارچىلىماقتا» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ھەرىكەت پىلانلىرىغا قارشى تۇرغان ھالدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىغا كەڭ يول ئېچىپ بېرىشنى ۋەدە قىلغانىكەن. لېكىن بۇنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا سىياسىي مەسىلىلەرنىڭ جىددىيلىشىشى، شۇ جۈملىدىن خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى توسالغۇ بولغانىكەن. ماقالىدا يەنە ئېيتىلىشىچە، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئابرۇيى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىنىشى سەۋەب بولغان.

يەنە شۇ سكوسىرېفنىڭ مەزكۇر گېزىتتە بېرىلگەن «شىنجاڭ يەر شارىدىكى تۇنجى رەقەملىك مۇستەملىكە بولماقتا» ناملىق ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، خىتاي ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىپ، ھەممىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش تەكلىپىنى بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ بۇ ۋەدىلىرىگە قەتئىي ئىشەنمەيدىكەن.

ماقالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي پەقەت ئانچە كۆپ بولمىغان ۋە ئۆزلىرى تەكشۈرۈپ تاللىۋالغان ژۇرنالىستلار ۋە دىپلوماتلارنىڭ رايونغا سەپەر قىلىشىغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئا ق ش بۇ سەپەرلەرنىڭ قاتناشقۇچىلىرىنى ‹بېيجىڭنىڭ تەرغىباتچى قوراللىرى› دەپ ئاتىدى.» يەنى خىتاي ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى «كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى» ئېلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن. ماقالىدا پرىماكوف نامىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىنستىتۇتى مۇدىرىنىڭ ئورۇنباسارى ئالېكساندىر لومانوفنىڭ بۇ ھەقتىكى قارىشى كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆز سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىتىنى تولۇقى بىلەن ياقلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۆز سىياسىتىنى ۋە بىخەتەرلىك چارىلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىگىلىشىمىزچە، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش بەدىلىگە كەلگەن بىر مۇنچە مەھسۇلاتلىرىنى بارلىق تاموژنىلاردا تۇتۇپ قېلىشقا كىرىشكەن ئىكەن. مەزكۇر مەھسۇلاتلار ئىچىدە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىمۇ بولۇپ، پاختا ئىشلەپچىقىرىش ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېتەكچى ئىگىلىكلەرنىڭ بىرىكەن.

«ئىزۋېستىيا» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ناتالىيا پورتياكوۋانىڭ «كىيىمنى تاشلا: ئا ق ش شىنجاڭدىن كەلگەن پاختا ئىمپورتىنى مەنئى قىلىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇقلارنىڭ بۇزۇلۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى ئارقىسىدا بىر قاتار خەلقئارا كىيىم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى فابرىكالار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى چەكلەشكە كىرىشكەنىكەن. ماقالىدە يەنە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىشىگە توسالغۇلۇق قىلىش مەقسىتىدە ياۋروپاغا بارغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. چۈنكى خىتاينىڭ ئاتالمىش «تەربىيەلەش» لاگېرلىرىدا مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى دۇنياغا ئاشكارا بولغان.

ياۋروپا دۆلەتلىرى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە بىرلىككە كېلىشى مۇمكىنمۇ؟

رادىيومىز زىيارىتىنى قىلغان قىرغىزىستانلىق سىياسەتشۇناس ئادىل تۇردۇقۇلوف ئەپەندى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «مەن ئويلايمەنكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي قۇل ئەمگىكىگە سالغانلىقىنى ئەيىبلىگەنلىكى ئېنىق. لېكىن يەنە بىر مەسىلە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە باشقىمۇ مۇستەقىل مەملىكەتلەرگە ئوخشاشلا ئۆز ئالدىغا تاشقى سىياسەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇتقان تاشقى سىياسىتى مەۋجۇت. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ مەزكۇر مەملىكەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلاردا تۆۋەنلەپ كېتىشىگە باغلىق بولۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىدىن پۈتۈنلەي باش تارتىشى مۇمكىن ئەمەس، دەپ ئويلايمەن.»

ئۇنداقتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردىن ئۇيغۇرلار نېمە كۈتىدۇ؟

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنئەنىۋى دېموكراتىيىنى، كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەيدىغان ۋە ھىمايە قىلىدىغان 27 دۆلەتتىن ئىبارەت ئىتتىپاق بولسا، خىتاي ھاكىممۇتلەق ۋە دىكتاتور سىستېما ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭ ھازىرقى مەقسىتى خىتايغا قارشى بىر ئىتتىپاقداش سەپ قۇرۇش. خىتاينىڭ مەقسىتى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدا بىرلىك سەپ قۇرغۇزماسلىق، يەنى ئۆزىنىڭ ‹بىر يول، بىر بەلۋاغ› ئىستراتېگىيەسى دائىرىسىدىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى ئىلگىرى سۈرۈش. مۇشۇ ۋەزىيەتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياۋروپادا ناھايىتى كۆپ نامايىشلارنى ئۆتكۈزدى. ئۇچرىشىش جەريانىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم خىتاينى ئەيىبلەپ، ئىككى مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئىككىنچىدىن، مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنى ئەۋەتىپ، شۇلارنى پۈتۈنلەي ئۆزلىرى تەكشۈرۈپ چىقىشىغا يول قويۇشنى تەلەپ قىلدى.»

قەھرىمان غوجامبەردى بۇ جەھەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قارشى ئامېرىكانى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ، ئامېرىكا قويۇۋاتقان ئېمبارگولارغا قوشۇلۇپ، ئۆزىنىڭمۇ خىتايغا قارشى ئىقتىسادىي، سىياسىي ئېمبارگولارنى قويۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىمكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسا، ئەمدى ئىككىنچى قەدەمدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللەت سۈپىتىدە يوقىتىش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېتىراپ قىلىشىمۇ بەك مۇھىمكەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 14-سېنتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقى خوڭكوڭ مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنىمۇ بىلدۈرگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.