ئۇيغۇرلار مەسىلىسى رۇس تىللىق مەتبۇئاتلارنىڭ ئاساسىي تېمىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا

0:00 / 0:00

مەلۇمكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئومۇمىييۈزلۈك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى، ئايرىم دۆلەت ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى، دۇنيا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئۆزىنىڭ يارقىن ئىپادىسىنى تاپماقتا. بولۇپمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا چېخىيە پايتەختى پراگىدا ئۆتكەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەم شۇنىڭدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ۋە ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ رۇس تىللىق مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىق تېمىسىغا ئايلانغان.

«ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ قازاق بۆلۈمى ئېلان قىلغان رىد ستېندىشنىڭ «پەقەتلا شەرمەندىچىلىك: ئۇيغۇرلار خىتايغا قارشى دۇنياۋىي ھەرىكەتلەرنىڭ يوقلۇقىدىن كۆڭلى يېرىم بولدى» ناملىق ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، چېخىيەدە ئۆتكەن 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقى توغرىلىق كۆپلىگەن پاكىتلار كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ، خەلقئارا سىياسىي ۋە قانۇنىي ھەرىكەتلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئېلىپ بېرىلمايۋاتقانلىقىدىن، شۇنىڭدەك بۇ جەھەتتە خىتايغا قارشى بېسىمنىڭ كەملىكىدىن ئېچىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدە گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس ئادرىئان زېنس ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇيغۇرلار ئۈمىدىنى ئۈزمەكتە، سەۋەبى دۇنيا ئۇلارنى ئالداپ قويدى» دېگەن. يەنى زېنس ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە مۇناسىۋەتلىك يېتەرلىك پاكىت توپلىسىمۇ، ئۇيغۇرلارغا بولغان كۆزقاراش ئۆزگەرمىگەن، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان.

ئەمدى رۇسىيەنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مەدەنىيەت فوندى» ئانالىتىكىلىق تورىدا ئېلان قىلىنغان يېلېنا پۇستوۋويتوۋانىڭ «بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتونغا كېلىشىمگە كېلىش نېسىپ بولمىدى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى، ئۇيغۇرلارنى ئۇلارغا قان-قېرىنداش بولغان مىللەتلەردىن ئايرىۋېتىش ئىكەن. ئۇيغۇرلار بۈگۈنلى كۈندە پەقەتلا خىتاي تەركىبىدىلا ئەمەس، بەلكى يەنە قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىمۇ ياشاۋاتقان بولۇپ، پەقەت خىتايدىلا ئۇيغۇرلارغا قەغەز يۈزىدىكى «ئاپتونومىيە» بېرىلگەن ئىكەن. لېكىن ماقالە ئاپتورى ئۇيغۇرلارغا قانداق قىلىپ «ئاپتونومىيە» بېرىلگەنلىكىنى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالمىغان.

«ئاۋرورا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا بېرىلگەن بورىس مېجۇيېفنىڭ «ئا ق ش نىڭ تاشقىي سىياسىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنىڭ توقۇنۇشى ھەققىدە» ناملىق ماقالىدا جوۋ بايدېن ۋە شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىنىڭ جىددىي ئۆتكەنلىكى ئېيتىلىپ، ئۇنىڭدا خوڭكوڭ ۋە تەيۋەن مەسىلىسى بىلەن بىر قاتاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ھەم شۇنىڭدەك ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەم بۇلاردىن كېلىپ چىققان ئۇيغۇر مەسىلىسى، شۇنداقلا ئامېرىكا-خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەر نېمە دەيدۇ؟

رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ بىر ئىتتىپاققا كېلىشى ھەمدە ئۇيغۇر ۋە باشقىمۇ تۈركىي خەلقلەرنىڭ تەقدىرى مەسىلىسىدە بىرلىشىشى ھەم ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىگە قارشى تۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس پيوتر سۋويىك ئەپەندى مۇنداق دېدى: «رۇسىيە-خىتاي شېرىكلىكىنى ھېچ بۇزۇلمايدىغان شېرىكلىق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. قانداقتۇر بىر مەسىلىلەر سەۋەبىدىن پۇتىننىڭ خىتاي بىلەن جېدەللىشىپ، ئامېرىكا يا بولمىسا غەرب تەرەپنى ياقلىشىغا ھېچ قانداق ئاساس يوق. شۇنداقتىمۇ رۇسىيە بىلەن خىتاي بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى دۇنيادۇر. ئۇلار رىقابەتچىلەر بولسىمۇ، ئەمما بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشقا چۈشىدىغانغا ھازىرچە ھېچ سەۋەب يوق، يەنى ئۇلار رىقابەتچى بولۇپ ھەمكارلىشىشى مۇمكىن. ھازىر دۇنيا بىر نەچچىگە بۆلۈنۈۋاتىدۇ. بۇ بۆلۈنۈش ئاياقلاشقاندا، رۇسىيە ۋە خىتاي بىرىنچىلىك ئۈچۈن بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشى مۇمكىن. ھازىرچە ئۇلار ئىتتىپاقداشلار، شىرىكلەر. شۇنداق بولغاندا رۇسىيە ھازىر شىنجاڭ ۋە تىبەت كارتىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلىمايدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇڭلاشقا رۇسىيە ھازىرچە شىنجاڭدا ھېچ قانداق يىغىۋېلىش لاگېرلىرى يوق دەپ جار سالىدۇ. رۇسىيە دۆلىتى ئۆز تەركىبىدە تۈركىي خەلقلەر ياشاۋاتقان بولغاچقا، خىتاي تەركىبىدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشقۇسى كەلمەيدۇ. رۇسىيە ۋە خىتاي ئامېرىكا ۋە غەربكە نىسبەتەن ھەر قايسىسى ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا تىرىشىدۇ.»

ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئىتىراپ قىلىشى، لوندوندا «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھىتلىرىنىڭ كەلتۈرگەن پاكىتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا» دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلامدۇ؟ بۇ جەھەتتە خەلقئارا جامائەتچىلىك خىتايغا يېتەرلىك بېسىم كۆرسىتىۋاتامدۇ؟

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «كېيىنكى ئۈچ ئاي ئىچىدە ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› نىڭ مەجلىسى جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان پاكىتلار لاگېر شاھىتلىرىنىڭ سوتتا، خەلقئارا ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بەرگەن پاكىتلىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى خىتايغا بىز كۈتكەندەك قاتتىق بېسىم ئىشلەتمىدى. بۇ يېتەرلىك بولمىدى. بۇنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبىرى دولقۇن ئەيسا ھەر يەردە دەۋاتىدۇ. مەقسەت ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق بېسىمىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر. پەقەت شۇ ۋاقىتتىلا خىتاي ئېغىر ئەھۋالغا چۈشىدۇ.»

قەھرىمان غوجامبەردى يەنە مۇسۇلمان ۋە تۈركىي دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا ئەمەلىي بېسىم ئىشلىتىشتىن چەتتە تۇرغانلىقىغا ئەپسۇسلاندى ۋە بەزى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ، دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ كۆرۈشىگە ئۈمىد قىلدى.

قەھرمان غوجامبەردى ئاخىرىداجوۋ بايدېننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈردى.