رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ قازاقىستان تۇپراقلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرى جىددىي مۇنازىرە قوزغىماقتا
2022.12.02
يېقىنقى ۋاقىتلاردا قازاقىستان ۋە رۇسىيە ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئائىت كۆپلىگەن ئىنكاسلار پەيدا بولماقتا. بۇ ئىنكاسلار بولۇپمۇ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە باشقىمۇ رەسمىي شەخسلىرى تەرىپىدىن ئېيتىلغان بولۇپ، سىياسىيونلارنىڭ، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى كۈندە، يەنى ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ جىددىيلىشىۋاتقان ۋە كۈچىيىۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ ئىنكاسلار ئىككى خىل كۆز قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقىۋاتماقتا.
بىرىنچى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى دۇنيا مىقياسىدا، جۈملىدىن مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە رۇسىيەگە نىسبەتەن سەلبىي ئىنكاسلارنى كۈچەيتىۋەتكەن بۇ پەيتلەردە ئېيتىلغان رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، مۇستەقىللىقىغا چېتىشلىق سۆزلىرى قازاقىستاندا جىددىي ۋە نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى پەيدا قىلغان.
ئىككىنچى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىنكاسلىرى قازاقىستاندا قىزغىن مۇنازىرىگە ئايلانماقتا.
قازاقىستاندا جىددىي ۋە نارازىلىق ئىنكاسلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا يېقىندا رۇسىيەنىڭ «ۋلادىمىر سولوۋيوف بىلەن كېچىلىك سۆھبەت» ناملىق تېلېۋىزىيە پروگراممىسى سەۋەب بولغان. ئۇنىڭدا رۇسىيەلىك سىياسەتشۇناس، ئامېرىكانىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتى بويىچە مۇتەخەسسىس دىمىترىي دروبنىتسكىي قازاقىستانغا نىسبەتەن پىكىر ئېيتقان.
«پەرغانە» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سولوۋيوفنىڭ پروگراممىسىدا ئېيتىلغان كەسكىن پىكىرلەرگە جاۋاب قايتۇردى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، دىمىترىي دروبنىتسكىي: «ئۇ يەردىمۇ (يەنى قازاقىستاندىمۇ) ھازىر ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقاندەك شۇنداقلا مىللەتچىلىك جەريانلىرىنىڭ باشلىنىشى مۇمكىن. ئۇ يەردە رۇسلارمۇ نۇرغۇن، ۋە ئۇ يەردىكى تېررىتورىيەمۇ. . . كەچۈرىسىلەر، ۋە ئۇ يەردىكى شەمەي ۋە بىزنىڭ بارلىق ‹روساتوم› ئاتوم ئېنېرگىيەسى بويىچە دۆلەت بىرلەشمىسى ئۈچۈن كېرەك بولغان ئاتوم يېقىلغۇسىمۇ شۇ يەردە» دېگەن.
كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئورۇنباسارى رومان ۋاسىلېنكو بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قىلغان بىلدۈرۈشى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىندى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مۇنداق بىلدۈرۈشلەر ھەققىدە توختىلىدىغان بولساق، دۆلەت باشلىقىمۇ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رەھبەرلىكىمۇ، پارلامېنت پالاتالىرى رەھبەرلىرى قاتارلىق باشقىمۇ رەھبەرلەر بىر نەچچە قېتىم مۇنداق چۈشەندۈرۈشلەرگە، بىلدۈرۈشلەرگە ۋە ھەر خىل سۆزلەيدىغانلارغا جاۋاب قايتۇرغانىدى. بىز، بىرىنچىدىن، ئۇلار رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەسمىي پوزىتسىيەسىنى يورۇتمايدۇ، ئىككىنچىدىن، ئۇلار قازاقىستان ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئارىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، دەپ ھېسابلايمىز»
مىنىستىر ئورۇنباسارى رومان ۋاسىلېنكو رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ مۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان.
ئارىدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتمەيلا رۇسىيە پرېزىدېنتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوف تېلېۋىزىيەدە سۆز قىلىپ، سىياسەتشۇناسلارنىڭ مۇنداق پىكىرلىرىگە دىققەت قىلماسلىققا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ موسكۋانىڭ رەسمىي پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇ ھەقتە ئۇ قازاقىستاننىڭ «خابار 24» تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە خەۋەر قىلغان.
ئەمدى كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، شۇنداقلا رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن بىر ۋاقىتتا دۇنيا سەھنىسىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، غەرب ئەللىرى ۋە تۈركىيە بىلەنمۇ ئۆزئارا دىپلوماتىيەلىك، سودا-ئىقتىسادىي ھەم مەدەنىي ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
رۇسىيە ئەمەلدارلىرى قازاقىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە ئۇنى چۆچۈتىدىغان سۆزلەرنى ئېيتىپ قازاقىستاننىڭ جىددىي ئىنكاسلىرىنى قوزغىغاندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسى دېنىېل روزېنبليۇمنىڭ ئېيتقان بىلدۈرۈشى قازاقىستان ۋە رۇسىيەنىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. ئامېرىكا ئەلچىسى 25-نويابىردا قازاق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە ئامېرىكانىڭ قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
«قازاقىستان تېلېگراف ئاگېنتلىقى» ئېلان قىلغان «ئا ق ش قازاقىستاننىڭ تاشقى ئارىلىشىشسىز ئۆز يولىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنىڭ تەرەپدارى» ناملىق ماقالىدا دېنىېل روزېنبليۇمنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن. ئۇ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر مەيدانغا كەلگەندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە چوڭقۇر ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «91-يىلدىن باشلاپ مۇستەقىللىق ۋە ئىگىلىك پرىنسىپلىرى بۈگۈنكىدەك ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋە مۇھىم بولمىغان. بىز ئىلگىرىكىدەكلا قازاقىستاننىڭ تاشقى ئارىلىشىش ۋە چۆچۈتىشلەرسىز ئۆزىنىڭ شەخسىي يولىنى ئېنىقلاش ھوقۇقىنىڭ تەرەپدارى».
ئامېرىكا ئەلچىسى قازاقىستاننىڭ ئامېرىكانىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ۋە چوڭ مىقداردا ئامېرىكا تىجارىتى ۋە مەبلەغلىرىنى جەلپ قىلىشقا قادىر ئاكتىپ راۋاجلىنىۋاتقان مەملىكەت ئىكەنلىكىنى، قازاقىستاننىڭ ئۆز بايلىقلىرىنى ئۆزى پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكىگە ئىگە بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
سىياسەتشۇناس رىسبېك سەرسېنباي ئەپەندى رۇسىيە تەرەپتە ئوتتۇرىغا چىقىپ كەلگەن قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئىككى ئەل ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى بىر نەچچىگە بۆلۈپ قاراش كېرەك. بىرىنچى، مەملىكەتلىك مۇناسىۋەت، يەنى سىياسەت. ئىككىنچى، ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ مۇناسىۋىتى. ئۈچىنچى، ئىككى تەرەپ ئاخبارات قوراللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى. بۇ يەردە گەپ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقتىن، ئۆز ۋاقتىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم-ژومارت توقايېف ئۆز پىكىرىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەمما ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنى پۈتكۈل قازاقىستان جامائەتچىلىكنىڭ پوزىتسىيەسى دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئەسلىدە بۈگۈن ئۇكرائىنادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر دەل مۇشۇنداق تەخمىنچىلەرنىڭ، مۇشۇنداق پىكىر قىلغۇچىلارنىڭ، مۇشۇنداق ئاخبارات ئۇرۇشلىرىنىڭ سەۋەبلىرىدىن ئورۇن ئالدى. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق سۆزلەردىن ئۇرۇشنىڭمۇ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. مۇنداق سۆزلەر بىكار ئېيتىلمايدۇ. ئۇلارنى ئېيتىپ قويدى، ئەمدى باشقا ئېيتىلمايدۇ دېيىشكە بولمايدۇ. ئۆز ۋاقتىدا ژىرىنوۋسكىيلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدىن كېيىن بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئوچۇق دېيىلىۋاتىدۇ».
رىسبېك سەرسېنباي بۇنىڭ بارلىقىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېغىر ئەھۋالغا قېلىۋاتقانلىقىدىن كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ رۇسىيەنىڭ ئۆز ھالىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن باشقا ھەر خىل ھەرىكەتلەرگە، ھەتتا ئىغۋالارغا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سىياسەتشۇناس جاسارال قاۇنىشالىن ئەپەندى بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك قازاقىستان ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىنىڭ ھەر خىل پىكىرلەر ئېيتىپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ بارلىقىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن بۇ ئەھۋالغا باشقىچە قاراش كېرەك. ھازىر ئەھۋالنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىلىدۇ. ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىمۇ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ. رۇسىيەلىك بەزى ئەمەلدارلار ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنى ئەمدى قازاقىستانغا تاقاپ قويغۇسى كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق ئاساسسىز بىلدۈرۈشلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، دېيىشكە بولمايدۇ. ھازىر موسكۋانىڭ پوزىتسىيەسى دۇنياغا ئاشكارا بولدى. رۇسىيە رەھبەرلىرى ئەنە شۇنداقلارنى سۆزلىتىپ قويۇپ، ئارقىسىدىن بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەخسىي مەن ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ سۆزلىرى، پوزىتسىيەسى دەپ ھېسابلايمەن».
جاسارال قۇانىشالىن يەنە رۇسىيەنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ قازاقىستان مۇستەقىللىقىغا ۋە ئۇنىڭ تېررىتورىيەسىگە نىسبەتەن ئىمپېرىيەلىك، باسقۇنچىلىق مەزمۇندىكى پىكىرلەرنى قىلىپ كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
سىياسەتشۇناس پيوتر سۋوىك ئەپەندى ئامېرىكا ئەلچىسىنىڭ بىر مەملىكەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئوچۇق پىكىر قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەل بولغانغا قەدەر قازاقىستان ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ناچارلىمايدۇ ھەم كۈچەيمەيدۇ، ئىلگىرىكىدەك بىر خىلدا بولىدۇ. قازاقىستان ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە بىتەرەپ پوزىتسىيە ئىگىلىمەكتە. ھازىر ھەقىقەتەنمۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسى ھەل بولمىغۇچە قازاقىستاننىڭ ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ باشقىمۇ مەملىكەتلىرىنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە بىرەر باھا بېرىش قىيىن».
«سىنوپسىس» خىتاي ۋە مەركىزىي ئاسىيانى تەتقىق قىلىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى رۇسلان ئىزىموف ئەپەندى مۇنداق دېدى: «بىرىنچى نۆۋەتتە، شۇنى ئېيتىش كېرەككى، ئومۇمەن ئەلچى ھېچ قانداق بىر يېڭىلىق ئېيتمىدى ھەم ئېلان قىلمىدى. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ قازاقىستاننىڭ زېمىن ۋە ئىگىلىك پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى ئۆزئارا دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلەر ئورنىتىلغاندىن بۇيان بىلدۈرۈپ كەلگەنىدى. كەڭرەك ئېيتقاندا، ئامېرىكا مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن بارلىق دۆلەتلەرگە نىسبەتەن شۇنداق پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ مەسىلىلەر مۇھىم بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ھازىر قىزغىن مۇنازىرىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بۇ يەردە بىر دەيدىغان گەپ، ئامېرىكانىڭ قازاقىستاندىكى يېڭى ئەلچىسى ھەقىقەتەنمۇ ئىنتايىن ئاكتىپ دىپلومات. ئۇ ئەمەلىي نەتىجە تەرەپدارى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ھەر خىل تاشقى ۋە ئىچكى كۈچلەر پەخەسلىك بىلەن قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. شەخسەن ئۆزۈم ئامېرىكا بىلەن بولۇپمۇ ئىقتىساد، تېخنولوگىيە ساھەلىرىدىكى زىچ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن. سەۋەبى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى قانداقلا قىلغان تەقدىردە ئىنتايىن چوڭ قۇدرەتكە ئىگە بىردىن-بىر مەملىكەت».
بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيەگە نوتا تاپشۇرغانىدى. شۇ چاغدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسى، يەنى پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى ۋياچېسلاۋ نىكونوف ھازىر قازاقىستان ئىگىلەپ تۇرغان تېررىتورىيەنى «رۇسىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سوۋغىسى» دەپ، ئېيتقانىدى. قازاقىستان تەرەپ مۇنداق ئىغۋالىق بىلدۈرۈشلەرنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى. بۇ خىلدىكى سۆزلەرنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيى قايتا ئوتتۇرىغا چىقىشى قازاقىستاندا جىددىي مۇئامىلىگە ئۇچرىدى.