خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ۋە خوتەندىكى 3 قاماقخانىسىدا بىر يىلچە يېتىپ چىققان سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان، ئۆزىنىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك قاماقخانىسىدا ياتقان مەزگىلىدىكى ئەسلىمىلىرىنى بايان قىلىپ، كامېردىشى ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ ئانىسىنى ھەرەمگە ئېلىپ بارغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا مىسىردا توختاپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرى داۋامىدا ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ قاراقاش ناھىيە ياۋا يېزا بازاربويى كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئىكەنلىكى دەلىللەندى.
سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسمان بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۇ كامېردىشى ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ ئانىسىنى ھەرەمگە ئاپىرىپ ئەكەلگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقى ۋە دىنىي ئۇستازىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە سوراققا تارتىلىپ، ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلدى. مەمەتتۇرسۇن ئوسمان ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ ناھىيە ۋە يېزا تەۋەلىكىنى ئەسلىيەلمىدى. ئەمما ئۇنىڭ نىيە ياكى قاراقاش ناھىيەسىدىن بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نىيە ناھىيەسىدىكى ساقچى خادىملىرى ئېلى ئابدۇقادىرنى تونۇمايدىغانلىقى ۋە تونۇغان تەقدىردىمۇ مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.
سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ ئېلى ئابدۇقادىر بىلەن ئۆزى ئۈچىنچى قېتىم يۆتكەلگەن قاماقخانا-خوتەن ۋىلايەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك قاماقخانىسىدىكى ب 2-نومۇرلۇق كامېردا 2017 -يىلى 5 -ئايدا بىللە ياتقان. ئۇ بۇ قاماقخانىنىڭ شارائىتلىرى ۋە ئىلگىرى ئۆزى ياتقان قاماقخانىدىن پەرقلىرى ھەققىدە مۇنۇلارنى بايان قىلىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ قاماقخانىغا مەخسۇس مىسىردىن قايتقان كىشىلەر قامالغان. ئېلى ئابدۇقادىر ئاپىسى بىلەن ھەج سەپىرىدە بىر مەزگىل مىسىردا تۇرغانلىقى ئۈچۈن بۇ قاماقخانىغا قامالغان.
ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى ۋە يارىسىنى تاڭغانلىقىنى بايان قىلغان مەمەتتۇرسۇن ئوسمان؛ ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ ئىككى كامېردىشىدا ئىچ ئاغرىقى پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆز جاراھىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ دېيىشىچە، ئېلى ئابدۇقدىر تەن جازاسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ساقچىلارنىڭ كۈتكىنى بويىچە ئاتالمىش بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق جىنايەتلىرىنى بوينىغا ئالغان.
مەمەتتۇرسۇن قاماقتىن چىققاندا، ئېلى ئابدۇقادىر تېخى قاماقتا قېپقالغان بولغاچقا ئۇنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلكىدىن خەۋەرسىز قالغان.
بىز، ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ جازا كېسىمى ۋە نوپۇس تەۋەلىكىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن قارىقاش ناھىيەسىگىمۇ تېلېفون قىلدۇق. قاراقاشنىڭ ياۋا يېزا ساقچى خادىمى مىسىردىن قايتىپ كەلگەن ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ ياۋا يېزا بازاربويى كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئەمما ئۇ ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ياۋا يېزىسىدىكى خادىملاردىن بىرى ئانىسىنى ھەرەمگە ئاپارغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ ياۋا يېزىسىنىڭ بازار بويى كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئەمما ئۇ ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ قانچە يىل كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە قايسى جازا لاگېرىدا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا، ئۆزىنىڭ بازاربويى كەنتىدىن 8 كىلومېتىرچە يىراقلىقتا ئولتۇرىدىغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ جازا مۇددىتىدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.
سابىق مەھبۇس مەمەتتۇرسۇن ئوسماننىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قاماقخانىدا تەن جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلار يالغۇز ئېلى ئابدۇقادىر ئەمەس. ئۇ بۇ قاماقخانىنىڭ بىر قەۋىتىدە 10 سوراقخانا بارلىقى، سوراق 24 سائەت داۋام قىلىدىغانلىقى، بۇ 24 سائەت داۋامىدا سوراقخانىلاردىن قىيا-چىيا ئاۋازلارنىڭ ئۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە ساقچىلارنىڭ ئۆزىنى: «ئىقرار قىلمىساڭ، بۇ قاماقخانىدىن مۇشۇ بىر ئاي ئىچىدە چىققان 24 -ئۆلۈك سەن بولىسەن» دەپ چۆچۈتۈۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 51 ياشقا كىرگەن ئېلى ئابدۇقادىر ياۋا يېزىسىدا يۈك توشۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان، يەنى شوپۇرلۇق كەسپى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان ۋە 4 بالىنىڭ دادىسى بولغان ئادەتتىكى بىر ئاھالىدۇر.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا، خوتەن قاراقاشلىق ئېلى ئابدۇقادىرنىڭ ئانىسىنى ھەرەمگە ئاپارغانلىقى ئۈچۈن دىنىي ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە قاماقخانىدا ئېغىر تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.
0:00 / 0:00