سابىتجان باباجانوف: «مەن ئەسەرلىرىم ئارقىلىق ۋەتىنىمگە قايتتىم!»

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە ئۇيغۇر دىيارىغا بېغىشلانلغان مەخسۇس رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

«قايتىش» دەپ ئاتالغان مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسى 3-سېنتەبىردىن 17 سېنتەبىرغىچە داۋام قىلىدىكەن. پېشقەدەم رەسسام سابىتجان باباجانوف مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆزىنىڭ 80 يىللىق تەۋەللۇدىغا توغرا كەلتۈرگەن ھەم شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنى خاتىرىلىشكە بېغىشلىىغان.

رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رەسسام سابىتجان باباجانوف، ئۆزىنىڭ رەسىم ئىجادىيىتىدە كۆپرەك ئانا توپراق تېمىلىرى ھەم ئۆزىنىڭ ۋەتەن سېغىنىش تۇيغۇلىرىنى ئەكس-ئەتتۈرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ۋەتەنگە قايتىش ئارزۇسىنى ئىپادە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پېشقەدەم رەسسام سابىتجان باباجانوفنىڭ «قايتىش» دەپ ئاتالغان رەسىم كۆرگەزمىسى كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر. 2021-يىلى 3-سېنتەبىر، بىشكەك.
پېشقەدەم رەسسام سابىتجان باباجانوفنىڭ «قايتىش» دەپ ئاتالغان رەسىم كۆرگەزمىسى كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر. 2021-يىلى 3-سېنتەبىر، بىشكەك.

سابىتجان باباجانوف 1941-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان ئىكەن. ئۇنىڭ بوۋىسى سالىجانباي باباجانوف 1944-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقلابىقا ئاكتىپ قاتنىشىپ، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يەر-سۇ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىكەن. 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى نەتىجىسىدە، كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆچۈپ كېتىش مەجبۇرىيىتىدە قالغان ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ياش سابىتجان باباجانوف 1955-يىلى ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن بىللە قىرغىزىستاننىڭ تالاس ئوبلاستىغا كۆچۈپ چىقىپ، كىروۋ رايونىدىكى شېكەر يېزىسىغا ئورۇنلاشقان ئىكەن.

سابىتجان باباجانوف گەرچە گرافىك رەسسام دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىجادىيەت تېمىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئانا ۋەتەن تېمىلىرىغا بېغىشلانغانلىقى مەلۇم. بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرى، ئىجتىمائىي تۇرمۇشى ۋە ئۇيغۇر مەشھۇرلىرىنىڭ رەسىملىرى ئالاھىدە سالماقنى ئىگىلىگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇت قەشقەرى، لۇتپۇللا مۇتەللىپ، نۇزۇگۇم قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ پورتېرىتلىرى، «تۇرپان كارۋانلىرى»، «تۆگىلەر»، «كارىز» قاتارلىق تېمىلاردىكى رەسىملىرى مۇزېينىڭ تاملىرىنى زىننەتلەپ، كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلغان.

مەزكۇر كۆرگەزمە قىرغىزىستان دۆلەتلىك سەنئەت مۇزېيدا ئۇيۇشتۇرۇلغان.

مەزكۇر رەسىم كۆرگەزمىسىگە قىرغىزىستاننىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئەسقەر ئايتماتوۋ، سابىق مائارىپ ۋە ئىلىم-پەن مىنىستىرى، پروفېسسور ئىشەنگۈل بولجۇروۋا، قىرغىزىستان ۋە رۇسىيە سەنئىتىگە ئەمگەك سىڭدۈرگەن پائالىيەتچى ئاسسول مولدوكماتوۋا، تىببىي پەنلەر دوكتورى، پروفېسسور بەختىيار باقىيېۋ، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەسقەر قاسىموۋ، شۇنداقلا قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئەلچىخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، قىرغىزىستان سۈرەتچىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى، مۇخبىرلار ۋە كۆپ ساندا جەمئىيەت ئەزالىرى قاتناشقان.

كۆرگەزمىنىڭ رەسمىي قىسمىدا سۆز قىلغان پروفېسسور ئىشەنگۈل بولجۇروۋا، رەسسامنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋەتەن ھەسرىتىنىڭ ئېنىق تەسۋىرلەنگەنلىگىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ پىكرىمچە، ئىجاتكارلار ۋە رەسساملار تالانتلىق ئىنسانلاردۇر. ئۇلار ھاياتىنىڭ ئېغىر پەيتلەردە، بەخىتلىق بولغان چاغلىرىدا ياكى ئۆزىنىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرى بىلەن بىرگە بولغان ماكانلاردا ئىجادىيەت ئىلھامى ۋە كۈچ ئىزدەيدۇ. قېنى، قاراڭلارچۇ، سابىتجان ئاكىنىڭ رەسىملىرىگە! بۇ تۇرپان، ئوتلۇق تۇرپان! بۇ شېكەر يېزىسى! مەن ئويلايمەنكى، رەسسام ئۇيغۇر دۆلىتى قۇرۇلىدىغان بىر كېلەچەكنى سېغىنىپ، ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشلىرىنى ئۆز ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلىگەن. ئۇ نېمە سەۋەبتىن ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز رەسىملىرىدە جانلاندۇردى؟ بۇ پەقەت ئايتماتوۋنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ خىتايدىن كۆچۈپ چىققاندا ئايتماتوۋنىڭ ئازابىنى ئۆز كەچمىشلىرى ئارقىلىق ھېس قىلغان. ئۇنىڭدىكى شۇ ئېچىنىش ۋە ھەسرەت تۇيغۇلىرى ئۇنىڭ رەسىم ئەسەرلىرىدە ئۆز ئەىپادىسىنى تاپقان.»

مەزكۇر كۆرگەزمىگە قاتناشقان پروفېسسور بەختىيار باقىيېۋ، رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ سابىتجان باباجانوفنىڭ ئەسەرلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىگىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى رەسمىي دەرس قىلىپ ئۆتۈلمىگەن شارائىتتا، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۆز تارىخىي مەشھۇرلىرىنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئەنئەلىرىنى بىلىش ھەمدە ئۇلاردىن ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلىدىكەن. كۆرگەزمىنى زىيارەت قىلغان سەنئەت سۆيەر شائىر ئوسمانجان تۇردى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «سابىتجان باباجانوفنىڭ رەسىملىرى ياشلارغا ئۈمىد ۋە تارىختىن ئىبرەت بېرىدۇ،» دېدى.

سابىتجان باباجانوف قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سەنئەت بايرىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت مىراسلىرى ۋە ئەدەپ-ئەخلاق ئەنەنىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن، قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتى تەرىپىدىن «ئېھسان» مېدالى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.