«سالام تارىم!»: مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تور دۇنياسىدىكى ئاۋازى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020.07.01
minewwer-abdulla-bubur-ilchi-zupiqar-ablikim.jpg تور دۇنياسىدا ‹تارىم تورى› نى بەرپا قىلغان ئىلغار ياشلاردىن (سولدىن ئوڭغا) مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ، بابۇر ئىلچى ۋە زۇلپىقار ئابلىكىم. 2020-يىلى ئىيۇن.
Photo: RFA

چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ياشلارغا «سالام تارىم» (Hello Tarim)، «تارىم يۇلتۇزلىرى» (Tarim Stars)، «تارىم سۆھبىتى» (Tarim Talk) دېگەن ئىسىملار ناتونۇش ئەمەس. «تارىم تورى» (The Tarim Network) بېتىنىڭ بۇ سەھىپىلىرى مۇھاجىرەتتە چوڭ بولغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ھەر قايسى ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىنگلىز تىلى بىلەن دۇنياغا ھەم بىر-بىرىگە تونۇشتۇرىدىغان ئۈنۈملۈك سەھنە بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ تور بەتتە ھازىرغىچە «سالام تارىم» سەھىپىسىدە 59 نەپەر، «تارىم يۇلتۇزلىرى» سەھىپىسىدە 52 نەپەر تالانتلىق ياش تونۇشتۇرۇلغان. ھازىرغىچە توققۇز سان «تارىم سۆھبىتى» مەخسۇس پروگراممىسى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا «تارىم تورى» دا ئۈچ قېتىملىق تور ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيادىكى باشقا ئىلغار مەدەنىيەتلەر قاتارىدا قوغدىلىشقا، ساقلىنىشقا موھتاج ئىكەنلىكى ۋە ئاشۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى چۈشەندۈرۈلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسەتلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك مۇھىم ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگىيە تەتقىقاتچىسى دەررىن بايلېرمۇ «خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› سىياسىتى ئاددىيلا بىر مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى بولماستىن بەلكى، رەسمىي ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر›. بۇ ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش ئارقىلىق مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى، مىللىي ئېڭىنى يوق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ،» دېگەن ئىدى.

ئاۋستىرالىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ھازىر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەدرىجىي نېرۋا ئىلمى تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى ۋە تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان 26 ياشلىق مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ بىلەن ئالتە يېشىدا ئاپىسى بىلەن بىللە ئەنگلىيەگە كەلگەن، ھازىر 24 ياشلىق زۇلپىقار ئابلىكىم 2019-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئانا يۇرتىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان قورقۇنچلۇق رېئاللىقنى تونۇپ يەتكەن. ئۇلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئىلغار پىكىرلىك ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىر مۇنبەرگە يىغىشنى پىلانلىغان.

2019-يىلى مايدا ئۇلار ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جان تومۇرى ھېسابلىنىدىغان تارىم ۋادىسىنىڭ نامىنى قوللىنىپ، پۈتۈن دۇنيانى يەر شارى كەنتىگە ئايلاندۇرغان تور دۇنياسىدا ‹تارىم تورى› نى بەرپا قىلغان. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زۇلپىقار ئابلىكىم ۋە مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھنى زىيارەت قىلدۇق. بۇ ياشلار ئانا تىلىنى ياخشى چۈشەنسىمۇ، ئەمما «تارىم تورى» نىڭ ئىشتىراكچىلىرىغا دېمەكچى بولغان گەپلىرىنى تولۇق يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىدى.

زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ تور بەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ ئالدى بىلەن ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى: «مەن مۇنەۋۋەر، ‹تارىم تورى› نىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى تەدرىجىي نېرۋا ئىلمى تەجرىبىخانىسىنىڭ دىرېكتورى ۋە تەتقىقاتچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. ئادەتتە ‹تارىم تورى› دەك كىشىلەرگە ئىلھام بېرىدىغان تۈردىكى ئىشلارنى قىلىشنى ياخشى كۆرىمەن.»

بۇ تور بەتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن يەنە بىر بولغان زۇلپىقار ئابلىكىم ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن زۇلپىقار، لوندوندا تۇرىمەن. ئۆي-مۈلۈك شىركىتىدە ئىشلەيمەن، ‹تارىم تورى› نىڭ قۇرغۇچىلىرىنڭ بېرىمەن.»

مۇنەۋۋەر ئابدۇللاھ بۇ تور بەتكە «تارىم» دېگەن ئىسىمنىڭ تاللىنىشى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، مۇنداق دېدى: «تور بەتنىڭ ئىسمى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان تارىم ۋادىسى ۋە تارىم دەرياسىدىن كەلگەن. ئۇ پەقەت تەۋەلىكىمىزنىڭ ۋە كىملىكىمىزنىڭ سىمۋولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ۋەتىنىمىزنىڭ كۆپ قىسىم تۇپراقلىرى، ھەتتا ئۆزىگە خاس جەزىبىدارلىقى بولغان تەكلىماكان چۆلىمۇ تارىم ۋادىسىدا. ئۇ تارىختىن بۇيان ئانا دىيارىمىزغا ۋە ئاشۇ دەريا بويلىرىدا ياشاپ كەلگەن كىشىلەرگە ھاياتلىق بېرىپ كەلگەن، شۇڭا بىز مۇشۇ نام مۇۋاپىق دەپ ئويلىدۇق.»

زۇلپىقار «تارىم تورى» نىڭ نىشانى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۈچ ئاساسلىق نىشانىمىز بار، ئۇلار: ‹بىرلىك›، ‹ئىلھام› ۋە ‹ئىلگىرىلەش›. ‹بىرلىك› دېگىنىمىزدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى بىرلەشتۈرۈش ۋە بۇ بىرلىكنى كۈچەيتىش؛ ‹ئىلھام› دېگىنىمىزدە ھەرقايسى ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام بېرىش ۋە ئۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈش؛ ‹ئىلگىرىلەش› دېگەندە بىلىمىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش شۇنداقلا ھەر خىل بىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق دۇنيانى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ.»

بۇ ياشلاردا قىزغىنلىق بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ناھايىتى سىستېمىلىق ۋە پىلانلىق ئىش ئېلىپ بارىدىغان مېتود ھەمدە جانلىق تەپەككۇرمۇ بار ئىكەن.

مۇنەۋۋەر «تارىم تورى» نىڭ نۆۋەتتىكى بىر قىسىم پروگراممىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى: «‹سالام تارىم› سەھىپىمىز ئارقىلىق ياشلار ئۆزلىرىنى تونۇشتۇرالايدۇ. بىزنىڭ يەنە ھەپتىلىك ‹سۆھبەت› لىرىمىز بار. ئۇ يەردە ياشلار ئەركىن ھالدا ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدۇ، ھېچكىم يېتەكچىلىك قىلمايدۇ. خالىغانچە ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرچە ئۆگىنىۋاتقان چەتئەللىكلەرمۇ قاتنىشىدۇ. بىزنىڭ يەنە باشقا نۇرغۇن پىلانلىرىمىز بار، شۇڭا تور بېتىمىزگە دىققەت قىلىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇماڭلار.»

«تارىم تورى» نىڭ نۇرغۇن پروگراممىلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقىنى «تارىم سۆھبىتى» (تارىم تالك) رادىيو قانىلى ئىكەن. زۇلپىقار بۇ رادىيو قانىلىنىڭ رىياسەتچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ بۇ رادىيو قانىلى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «‹تارىم سۆھبىتى› قانىلىمىزنى ئەڭ كۆپ قارشى ئىلىنغان بىر مۇنبەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇ بىزنىڭ باشتا دەپ ئۆتكەن ‹ئىلھام› نىشانىمىزدىكى بىر تۈر. چۈنكى بىز بۇ پروگراممىمىزدا ئوخشىمىغان ساھەلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى زىيارەت قىلىمىز. مۇشۇ ئارقىلىق ھەرقايسى ساھەلەردە ئوقۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئىلھام بولسىكەن دەيمىز.»

بۇ رادىيو قانىلىنىڭ قاتتىق تاللاشتىن ئۆتكەن يەنە بىر ياش رىياسەتچىسى بار بولۇپ ئۇ 24 ياشلىق بابۇر ئىلچىدۇر. بابۇر ئۆزنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «3 ياش ۋاقتىمدا ئائىلەم بىلەن خوتەندىن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەنمىز. مەن كانادا كالگارى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سودا كەسپىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئاشۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا تور مۇتەخەسسىسى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن.»

ئۇ ئۆزىنىڭ «تارىم» گۇرۇپپىسىدىكى ياشلارغا قېتىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى شۇكى، ئانا يۇرتتىن يىراقتا ئۇزۇن مۇددەت ياشاش جەريانىدا ۋە ھازىرقىدەك ۋەتەن بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەن بىر قىيىن ۋاقىتتا ئۇيغۇر تىلىغا، مەدەنىيىتىمىزگە ۋە ئانا ۋەتىنىمىزدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا بولغان قىزىقىشىم كۈچەيدى. مېنىڭچە، چەتئەلدە چوڭ بولغان نۇرغۇن ياشلارنىڭ ماڭا ئوخشاش ئۆز مەدەنىيىتىنى بىلگۈسى كېلىدۇ. لېكىن پۇرسەت يوق. مۇنەۋۋەر ۋە زۇلپىقاردەك ئېسىل ياشلار ‹تارىم تورى› دەك مۇشۇنداق قالتىس سەھنىنى ھازىرلاپتۇ. بۇ تور بەت ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇتۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىز ياشاۋاتقان دۇنيانى چۈشىنىشىگىمۇ ياردىمى بولىدۇ. بىز بۇ تور بەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز.»

بابۇرنىڭ كانادا پارلامېنتىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تونۇشتۇرۇش پىلانى بار ئىكەن، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «مەن ئۆزۈمنى ‹پائالىيەتچى› دەپ قارايمەن، مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاشۇنداق. مەن ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمنى كانادا خەلقىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمەن. ئەڭ چوڭ نىشانىم بولسا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ كانادانىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا تىلغا ئىلىنىشى. ئەگەر كانادا پارلامېنتىدا بىر كىشى بولسىمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدە گەپ قىلسا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ جىددىي قارىلىشىغا تۈرتكە بولاتتى.»

ئاخىرىدا بۇ ئوت يۈرەك ياشلار «تارىم تورى» نىڭ ئەگەشكۈچىلىرىگە ئانا تىلىدا كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىشتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر سۆزى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ: «كېلىڭلار دوستلار، ‹تارىم› نى بىللە گۈللەندۈرەيلى!»

ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا «تارىم» ناخشىسى ناتونۇش بولمىسا كېرەك.

تارىم دەرياسى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسىدۇر. تارىم دەرياسىغا نەچچە ئونلىغان تارماق دەريالار قوشۇلۇپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى غايەت زور سۇ سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان. تارىم دەرياسى تارىختا لوپنۇر كۆلىگە قويۇلاتتى، ئەمما بۈگۈن بۇ ئانا دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنى لوپنۇرغا يېتىپ بارمايلا قۇرۇپ كەتمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.