«‹شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى› نىڭ ئاشكارىلىنىشى، لاگېرلاردىكى مەۋھۇم رەقەمنى ئادەمگە ئايلاندۇردى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.05.30
تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دە ئاشكارىلانغان رەسىملىرى
Yettesu

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ قالغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» بۇندىن ئىككى يىل ئاۋۋال، يەنى 2022-يىلى 24-ماي كۈنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلانغان ئىدى.

بۇ ھۆججەت، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغان 3000 غا يېقىن تۇتقۇننىڭ فوتو سۈرىتى، كىملىك مەلۇماتلىرى ۋە تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى قاتارلىقلار يەر ئالغان زور كۆلەملىك ئارخىپ بولۇپ، ئۇ يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ لاگېرلارنى باشقۇرۇشقا دائىر بەرگەن يوليورۇقلىرى، تۈرمە باشقۇرۇش قائىدىلىرى، لاگېرلارنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشلىرىگە ئائىت سۈرەتلەر قاتارلىق «مۇتلەق مەخپىي» دەپ مۆھۈرلەنگەن ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

 «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» دەپ ئىسىم بېرىلگەن بۇ ھۆججەتلىك دوكلات، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كىملىكى ئاشكارىلانمىغان تور خاككېرلىرى قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسىدىكى ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ كومپيۇتېرلىرىغا ھۇجۇم قوزغاش ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھۆججەتلەر بولۇپ، ئۇلار كېيىنچە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى مەسىلىدە تونۇلغان تەتقىقاتچى بولۇپ قالغان دوكتور ئادرىيان زېنزگە يەتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ ھۆججەتلەر كېيىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى مۇتەخەسسىسلەر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ بىر ئارىغا جەم بولۇشى بىلەن قۇرۇلغان بىر گۇرۇپپا تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ، رەتلىنىپ ۋە چىنلىقى دەلىللەنگەندىن كېيىن، رەسمىي ھالدا 2022-يىلى 5-ئايدا ئېلان قىلىنغان ئىدى.

بىز بۇ ھۆججەتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەم ھازىرغىچە ئوينىغان رولى ھەققىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئالدۇق.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋە ئانا تىل پائالىيەتچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، بۇ ھۆججەت ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىسپاتلاشتا مۇھىم پاكىتلىق رول ئويناپ، «رەقەمنى ئادەمگە ئايلاندۇرغان» .

ئابدۇۋەلى ئايۇپ مۇنداق دەيدۇ: « ‹ساقچى ھۆججەتلىرى› چىقىشتىن ئىلگىرى لاگېرغا قامالغانلار ھەققىدە بىر مىليون، بىر مىليون 800 مىڭ ۋە ئىككى مىليون دەيدىغان سانلار بار ئىدى. بىراق بۇ ھۆججەت چىققاندىن كېيىن، بۇ سانلار ھەقىقىي ئادەمگە ئايلاندى. ئىلگىرى بىز لاگېرلارنىڭ سانى ۋە ھەر بىر كامېردىكى ئادەم سانىغا ۋە ياكى خىتاي ئۆزى ئېلان قىلغان ‹كەسپىي ماھارەت بىلەن تەربىيەلەش› كە دائىر خەۋەرلەردىكى رەقەملەرگە ئاساسەن تۇتقۇن قىلىنغانلارنى ھېسابلاپ چىققان بولساق، بۇ ھۆججەتنىڭ ئاشكارىلىنىشى بىلەن، بۇ رەقەملەر يۈزى بار، ئۆتمۈشى بار، ھېكايىسى بار، ھەتتا سوراق خاتىرىسى بار ئادەملەرگە ئايلاندى» .

 «شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى» ئەينى چاغدا ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە، ياپونىيە، شىۋېتسىيە، ئىسپانىيە، دانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئائىت جەمئىي 14 خەلقئارالىق تاراتقۇدا بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھۆججەتلەردە ئاشكارىلانغىنىدەك، بۇ ئارخىپتا خاتىرىلەنگەن ئەڭ ياش تۇتقۇن 15 ياش، ئەڭ كىچىك تۇتقۇن ئاران 6 ياشلىق بالا، ئەڭ چوڭى 75 ياش ئىدى. بۇ تۇتقۇنلارنىڭ تولىسى «دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىدىن زەھەرلەنگەنلەر» دەپ قارالغانلار بولۇپ، لاگېرلارغا سولانغاندىن كېيىن ئىدىيەسى ئۆزگەرتىلگەن، دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇشقا مەجبۇرلانغان.

ھۆججەتتىكى رەسىملەردە، لاگېر ئىچىدىكى قىيىن-قىستاق، سوئال-سوراق ۋە قاتتىق نازارەت سىستېمىسى ئاشكارىلانغان بولۇپ، ئۇ بۇ لاگېرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندەك كىشىلەر ئۆزلۈكىدىن بېرىپ «كەسپىي ماھارەت» ئۆگىنىدىغان جاي ئەمەسلىكىنى يورۇتۇپ بەرگەن ئىدى. جۈملىدىن «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ قالغان.

چەت ئەللەردىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ھۆججەتلەردىكى رەسىملەر ئىچىدىن ئۆزلىرىگە تونۇشلۇق سىمالارنى بايقاپ، ئۆزلىرى نەچچە يىلدىن بېرى ئالاقە قىلالمايۋاتقان، ئىز-دېرىكىنى بىلەلمىگەن تونۇش-بىلىشلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى. ئامېرىكادا ياشايدىغان ئەنۋەر مەمەت ئەپەندىمۇ شۇلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ رەسىملەردىن ئۆزىنىڭ قەشقەر كوناشەھەردىكى نەۋرە سىڭلىسى ئارزۇگۈل ئابدۇرېھىمنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئىدى.

ئۇ بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ھازىرغىچە ئۆزىنىڭ نەۋرە سىڭلىسىنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئىشەنچلىك خەۋەر يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە خەلقئارا جامائەتنى تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىنىڭ نەۋرە سىڭلىسى، جۈملىدىن لاگېردىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز غۇرۇرى بىلەن ياشىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلىدى.

 «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» خەلقئارا ئاخباراتلاردا زور تەسىر تەسىر قوزغاپ، خەلقئارا جامائەتنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى، تەتقىقاتچىلار، پائالىيەتچىلەر ۋە تەشكىلاتلارنىڭ يېتەرلىك پاكىتقا ئېرىشىشىدە زور رول ئوينىغان بولسىمۇ، ئەمما كۆزەتكۈچىلەر ھۆكۈمەتلەرنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ھۆججەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان شەخس بولغان دوكتور ئادرىيان زېنز بۈگۈن رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە «پاكىتلار يېتەرلىك، ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇنىڭغا يېتەرلىك تەدبىر قوللانمىدى» دېدى. ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق ئەۋەتكەن ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن:

 «2022-يىلدىن باشلاپ دۇنيا بۇنىڭغا قارشى تەدبىر قوللىنىشتا مەغلۇپ بولدى. بۇ ۋەزىيەت ئۇيغۇرلارنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرى قاتلاملاردىكى چىرىكلىكتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى كونترول قىلدى، ياۋروپا دۆلەتلىرى بولسا خىتاينىڭ بۇ مەسىلىسىگە سۇس مۇئامىلە قىلماقتا. 2023-يىلى، ئامېرىكا بايدېن ھۆكۈمىتىمۇ خىتاي بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ.»

ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ سۆزىدە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ھازىر توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا كۈنتەرتىپى ھەم شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئىمكانىنى تولۇق قوللىنىپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇزۇنغا سوزۇلغان بۇ داۋا بىزنىڭ ئىرادىمىزنى، ۋىجدانىمىزنى سىنايدۇ. ئۇ پەقەت بىز ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، دۇنيانى سىنايدۇ. دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك دېگەن ئۇقۇملارنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى سىنايدۇ. بىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنىڭ داۋايىمىز ئارقىلىق خىتاينىڭ ئالقىنىغا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان دۇنيانى قۇتقۇزۇۋاتىمىز!»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.