تۇتقۇندىكى ۋراچ دوختۇر سايىتاجى قاسىمنىڭ ئىنىسى: ئاكام دۆلەت تېررورىنىڭ ھەم ئادالەتسىز كەسپىي رىقابەتنىڭ قۇربانى

0:00 / 0:00

بىز تۇتقۇندىكى ۋراچ دوختۇر سايىتاجى قاسىمنىڭ 25 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدىمۇ مەلۇمات ئىگىلىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، سايىتاجى قاسىم خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكىنىدە يوپۇرغىدا بىر ئاتالمىش «تېررورچىلار» چۈشكەن مېھمانخانىدا يېتىپ قالغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلغان. 2013 ‏-يىللىرى ئۇيغۇر رايونىدا ساقاللىق ۋە ھىجابلىق كىشىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا كىرىشى چەكلەنگەن مەزگىلىدە، سايىتاجى قاسىم، ئۇلارنى ئۆيىگە بېرىپ داۋالىغانلىقى ئۈچۈن دۆلەتنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىكنى تازىلاش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئېغىرلىتىپ جازالانغان.

25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن، قەشقەر 2-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى، ۋراچ سايىتاجى قاسىم ئەپەندى ئوپېراتسىيە ئۈستىدە. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
25 يىللىق كېسىۋېتىلگەن، قەشقەر 2-دوختۇرخانىنىڭ تاشقى كېسەللەر دوختۇرى، ۋراچ سايىتاجى قاسىم ئەپەندى ئوپېراتسىيە ئۈستىدە. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)

بىز قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 ‏-دوختۇرخانىنىڭ ۋراچ دوختۇرى سايىتاجى قاسىمنىڭ 25 يىللىق كېسىلگەنلىكىنى ئېنىقلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تۇتۇلۇش ۋە كېسىلىش سەۋەبى ھەققىدىمۇ مەلۇمات سورىدۇق. قەشقەردىكى ئالاقىدار خادىملار بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، سايىتاجى قاسىمنىڭ ئامېرىكادىكى ئىنىسى ساۋۇتجان 2017 ‏-يىلى ئامېرىكاغا يولغا چىقىشنىڭ ئالدىدا، ئاكىسى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبىنى ساقچىخانا خادىملىرىدىن سۈرۈشتە قىلغان. ساقچى خادىملىرى ئۇنىڭغا، سايىتاجى قاسىمنىڭ يوپۇرغىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ئالدىدا ماشىنىسىنىڭ رەسىمگە چۈشۈپ قالغانلىقى، مەزكۇر مېھمانخانىدا شۇ كۈنلەردە ئاتالمىش «تېررورچىلار» ياتقانلىقى ئۈچۈن سايىتاجى قاسىمنىڭمۇ سوراق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ئاكىسىنىڭ بىر كەسىپ ئەھلى ئىكەنلىكى ئۆز كەسپىي ئارقىلىق ئۆزىمۇ، جەمئىيەتمۇ رازى بولغۇدەك خىزمەت قىلغانلىقى، شۇڭا ئۇنىڭ، مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئۈچۈن باشقا بىر يوللارنى تاللاش مۇمكىنچىلىكى يوقلۇقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ سايىتاجى قاسىمنىڭ تۇتۇلۇشىدا، ئۇيغۇر رايونىدا شۇ مەزگىلدە قايتىدىن باشلانغان سىياسىي جۇدۇننىڭ سەۋەب بولغانلىقى يەنى ئۇنىڭ خىتاي دۆلەت تېررورىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

سايىتاجى قاسىمنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى تىزىملىككە كىرگۈزگەن نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇريار فوندىنىڭ تۈركىيەدىكى ۋەكىلى باتۇر قاراخانلىنىڭ بايان قىلىشىچە، سايىتاجى قاسىمغا بىرقانچە خىل ئاتالمىش جىنايەت ئارتىلغان. بۇلاردىن بىرى، دۆلەتنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك سىياسىتىگە ئاستىرتىن قارشى تۇرۇش دەپ بېكىتىلگەن. سايىتاجىنىڭ، ئۇيغۇر رايونىدا ساقاللىق ۋە ھىجاپلىقلار دوختۇرخانىغا ئېلىنمىغان مەزگىللەردە، قېرىنداشلىق ۋە ئىنساندارچىلىق نۇقتىسىدىن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بېرىپ داۋالىشى بۇ ئاتالمىش جىنايەتكە پاكىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن.

ساۋۇتجان قاسىمنىڭ ئاكىسى سايىتاجى ھەققىدە بايان قىلىشىچە، سايىتاجى دەسلەپكى قېتىم تۇتۇلغاندا، ساقچىلار ئۇنىڭ خىزمەت ئورنىدىن كاپالەت خېتى تەلەپ قىلغان. ئەمما، ئەمما دوختۇرخانىنىڭ خىتاي رەھبىرى، بۇنداق بىر كاپالەتنامە يېزىپ بېرىشنى رەت قىلغان. ساۋۇتجاننىڭ دېيىشىچە، بۇنداق بولۇشىغا دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ خىتاي بولۇشىدىن باشقا، سايىتاجىنىڭ كەسىپتە ئالاھىدە نەتىجە قازانىشىمۇ سەۋەب بولغان. يەنى دوختۇرخانا رەھبەرلىرى سايىتاجىنىڭ ناھىيەلەرگە دەۋەت قىلىنىشى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن روناق تېشپىىدىنمۇ بىئارام بولغان.

تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، مەلۇم بىر ئىدارە خادىمى، سايىتاجى قاسىمنىڭ كومپيۇتېرىدىن ئاتالمىش قانۇنسىز ماتېرىياللار بايقالغانلىقى، بۇنىڭمۇ سايىتاجىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە باغلىنىپ جازالىنىشىغا يەنە بىر سەۋەب قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

باتۇر قاراخانلىنىڭ دېيىشىچە، سايىتاجى قاسىم ئانا تىلدىن باشقا ئىنگلىزچە ۋە خىتاي تىلىنىمۇ ياخشى بىلگەن زىيالىيلاردىن بولۇپ، مىللىتىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە دۇنيادا بولۇۋاتقان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئالاقىدار خەۋەر ماقالىلەرنى كۆرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدا، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2 ‏-دوختۇرخانىنىڭ ۋراچ دوختۇرى، سايىتاجى قاسىمنىڭ 25 يىللىق كېسلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.