سايراگۈل: «دۇنيا ئويغانمىسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى تراگېدىيە ئەتراپقا يامرايدۇ»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2022.12.27
sayragul-lager-guwahliq-mukapat.jpg ئامېرىكىنىڭ «بىرىنچى خانىمى» مېلانىيە ترامپ بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىمغا مۇكاپات تەقدىم قىلماقتا. 2020-يىلى 4-مارت، ۋاشىنگتون.
AFP

21-دېكابىر شۋېتسارىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «زوفىنگېر» كۈندىلىك گېزىتى «شىنجاڭدىكى لاگېردىن قېچىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتباي ‹دۇنيا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرۈشى كېرەك› دەپ ئاگاھلاندۇردى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدە شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي زىيارەت ئوبيېكتى قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا ئۆز بېشىدىن كۆچۈرگەن قىسمەتلىرىگە ھەمدە ئۇنىڭ دۇنياغا قارىتا قىلغان كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا كەڭ ئورۇن بەرگەن ئىدى.

ماقالە مۇنداق باشلىنىدۇ: «خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشلار، ۋەھشىيلەرچە قىيناشلار ۋە ئۈزلۈكسىز نازارەتلەر: خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭدا مۇسۇلمان خەلقلەرگە قانداق رەھىمسىزلىك بىلەن زۇلۇم سېلىۋاتقانلىقىغا ئۇ يەردە ھايات كەچۈرگەن سايراگۈل ساۋۇتباي گۇۋاھىدۇر. ئۇ قازاق مىللىتىدىن بولۇپ، 2018-يىلى ئاپرېلدا قېچىپ چىقىشتىن ئىلگىرى سابىق شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان، بۇ تۇپراق ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ ۋەتىنى ئىدى».

ئاپتور ماقالىدە سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ جازا لاگېرىدىكى كەچمىشلىرى بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا «سىز شىۋېتسىيەدە ئۆزىڭىزنى بىخەتەر ھېس قىلامسىز؟» دېگەن سوئالنى قويىدۇ. سايراگۈل ساۋۇتباي بولسا «شەرقىي تۈركىستاندىن قېچىپ چىققان ھېچبىر ئادەم ئۆزىنى بىخەتەر ھېس قىلالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى بۇ يەردىمۇ نازارەت قىلىدۇ، بىزنىڭ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرىدۇ. مەن داۋاملىق مېنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇرلاپ ھاياتىمغا تەھدىت سالىدىغان تېلېفونلارنى تاپشۇرۇپ ئالىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

«شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سىز كەچمىشلىرىڭىزنى ئاشكارىلاپ كېلىۋاتىسىز؟» دېگەن سوئالغا سايراگۈل مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «شاھىت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دۇنيانىڭ دىققىتىنى خىتايدىكى زىيانكەشلىكلەرگە تارتىش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قارايمەن. مېنىڭچە، ماڭا قارىتىلغان تەھدىتلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ دۇنيا خىتاينىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرۈپ يېتىشى كېرەك، گەرچە كېچىككەن بولسىمۇ. مەن ھەقىقەت يولىدا كۈرەش قىلىمەن. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى يالغۇز ئۇنىڭ شەخسىي مەسىلىسى ئەمەس، بۇ ئاقىۋەتتە دۇنيا تىنچلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدۇر. چۈنكى، خىتاينىڭ دۇنيانى ئۆزىنىڭ دۆلەت چېگراسىغا قوشۇۋېلىش پىلانى بار. خىتاي ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول›، يەنى ‹يېڭى يىپەك يولى› قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەلگۈسى ئون نەچچە يىلدا ئۆزىنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتىش نىيىتىدە بولماقتا. غەرب ئەللىرى بۇنى چوقۇم بىلىشلىرى كېرەك».

ماقالىدە «ھەممە يەرنى ساقچى تەھدىتى، نارەسىدە بالىلارنىڭ ئېچىنىشلىق يىغىسى قاپلىغان، ھېچكىم ئۆزىنىڭ بۈگۈن كېچە تۇتۇپ كېتىلىدىغانلىقىنى، سوراق قىلىنىدىغانلىقىنى، نەلەرگىدۇر قامىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. مەن بۇ كۈنلەردە ئۇخلاش كىيىمى بىلەن ئەمەس، نورمال ئىش كىيىمى بىلەن ئۇخلايتتىم. دائىم ئۆزۈمگە ‹ماڭا نۆۋەت قاچان كېلىدۇ؟› دېگەن سوئالنى سورايتتىم» دەپ بايان قىلغان لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي 23-دېكابىر مەزكۇر ماقالە مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ «پۈتۈن دۇنيانى خىتاي تەھدىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇش» ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە يەنە «شەرقىي تۈركىستانغا قىلىنغان ياردەم، پۈتۈن دۇنياغا قىلىنغان ياردەمدۇر» دېگەنلەرنى تىلغا ئالدى.

ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2016-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دىنى، مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇپ كەلگەن ۋەھشىي سىياسەتلىرى ئەتراپلىق شەرھلەنگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ بىر جۈملىسى: بىر ئائىلىدىكى ۋە بىر مەھەللىدىكى ئىنسانلارنى بىر بىرىگە دۈشمەن ۋە جاسۇسقا ئايلاندۇرۇش بولغان.

سايراگۈل ساۋۇتباي گېرمانىيەلىك يازغۇچى ئالىكساندېر كاۋىلىيۇس بىلەن بىرگە يېزىپ چىققان «تاجدار گۇۋاھچى» ناملىق كىتابىدا بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەتراپلىق توختالغان. ماقالىدە «سىز كىتابىڭىزدا ‹مەڭگۈلۈك روھىي قىرغىنچىلىق› دېگەن ئىبارىنى قوللىنىپسىز. بۇ قانداق مەنىگە ئىگە؟» دېگەن سوئال قويۇلىدۇ. سايراگۈل ساۋۇتباي بۇنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: «خىتاي ھاكىمىيىتى ئەتراپىمىزدىكى ھەممە ئىنسان بىر بىرىگە مۇتلەق ئىشەنمەيدىغان بىر مۇھىتنى بەرپا قىلىپ چىقتى. جاسۇسلار ھەممىلا يەردە بار، بارلىق پائالىيەتلەر ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىنىدۇ، بىر ئائىلىدىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىشەنچىمۇ يوقالدى، ئىنسانلار ھېچكىمگە ئىشەنمەس بولۇپ قالدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ھەتتا بىر تۇغقان قېرىنداشلارنىمۇ بىر بىرىگە ئىشپىيونلۇق قىلىشقا سالدى».

ماقالىدە سايراگۈل ساۋۇتباينىڭ تىلى ئارقىلىق جازا لاگېرلىرىدىكى جىنسىي زوراۋانلىقلارغا كەڭ ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، شىۋېيىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندېلى مەمەتكەرىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ماقالىدىن يەر ئالغان ئېچىنىشلىق ۋەقەلەر شىۋېيىتسارىيە خەلقىنىڭ غەزەپلىرىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.