سېرىكجاننى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئاتا يۇرت جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 13-مارت، ئالمۇتا.
«ئاتا يۇرت جەمئىيىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 13-مارت، ئالمۇتا.
REUTERS

قازاقىستاندىكى «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» دىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتاندا 14 ‏-ئىيۇن كۈنى ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۈچۈن قايتا سوت ئېچىلغان. سېرىكجان شۇ كۈنى-7 ئىيۇن كۈنىدىكى سوتنىڭ ئۆزىگە بېرىلگەن مىرزاقاماق جازاسىنىڭ يەنە بىر ئاي ئۇزارتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەرز سۇنۇشى بىلەن قايتا سوتقا چىققان بولۇپ، سوت يېپىق شەكىلدە ئېچىلغان ۋە سېرىكجاننىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ سوتقا قاتنىشىشى چەكلەنگەن. سوت يەنىلا سېرىكجاننىڭ مىرزاقاماق جازاسىنىڭ يەنە بىر ئاي ئۇزارتىلىشىدەك ئىلگىرىكى سوتنىڭ قارارىنى ساقلاپ قالغان.

سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتىدا يۈزگە يېقىن كىشى قوللىرىدا «بىلەشكە ئەركىنلىك، ئادالەت» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان قازاقلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن سېرىكجان بىلەشنىڭ مىرزاقاماقتىن بوشىتىلىشىنى داۋاملىق تەلەپ قىلغان. خىتايدىكى لاگېر مەسىلىسىنى غەرب مەتبۇئاتلىرىغا ئاكتىپلىق بىلەن ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان سېرىكجان بىلاشئوغلى بۇ يىل 3‏-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدە قولغا ئېلىنىپ، «ئېتنىك ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» دېگەندەك ئەيىبلەشلەرگە ئۇچرىغان ۋە قازاقىستان پايتەختى نۇرسۇلتان شەھىرىدە مىرزا قاماقتا تۇرماقتا.

قازاقىستاندىكى پرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە بۇ جەريانىدا مەيدانغا كەلگەن خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن تەڭ بىر ۋاقىتتا سېرىكجانغا بېرىلگەن مىرزا قاماقنىڭ ئۇزارتىلىشى خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قايتا دىققىتىنى قوزغىماقتا، دەل مۇشۇنداق بىر پەيتتە 16 ئىيۇن، شەنبە كۈنى، قازاقىستان پايتەختىگە سېرىكجان ئۈچۈن يىغىلغان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تۇتقۇندىكى قازاقلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە سېرىكجاننىڭ قوللىغۇچىلىرىنى تەشكىللەپ، شەھەر ئەتراپىدىكى ساھىلغا مەخسۇس سېرىكجان نامىدا ئاۋۇل ئۆيى قۇرغان ۋە بۇ ئۆيگە يىغىلىپ بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.

پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن بىرى جاكسىلىك توختاۋخون: «سېرىكجان ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتنىڭ قارارىغا ھەممىمىز نارازى. بىز بۈگۈن بۇ مەيدانغا يىغىلىپ سېرىكجاننى قوللاش پائالىيەتلىرىمىزنى سېرىكجان ئەركىنلىككە چىقمىغۇچە داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈۋاتىمىز، چۈنكى سېرىكجاننىڭ بىردىنبىر جىنايىتى خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇۋاتقان خەلقىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىش. شۇڭا بۇ جايغا يىغىلغان كۆچمەن ۋە يەرلىك قازاقلار بىرلىكتە ئۇنى خەلقئارا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش ئارقىلىق ئەمەلىي قوللىشىمىزنى ئىپادە قىلماقچى» دېدى.

سېرىكجانغا ئاتاپ تىكىلگەن كىگىز ئۆيگە يىغىلغان قازاقلارنىڭ ئاقساقاللىرى پائالىيەتتە يەنە سېرىكجاننىڭ بالدۇرراق ئەركىنلىككە چىقىشىغا، ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي لاگېرلىرىدا قامالغان قازاقلارنىڭ ئامانلىقىغا ئاتاپ دۇئا قىلغان. ئەر-ئايال، قېرى-ياش ۋە بالىلار بىرلىكتە ناخشىلار ئېيتىپ، بىر-بىرىگە ئىلھام بېرىشكەن.

جاكسىلىكنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سېرىكجاننى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش پىلانى دەسلەپ، موڭغۇلىيەدىن قازاقىستانغا سېرىكجان بىلەن ئوخشاش ۋاقىتلاردا كۆچۈپ كەلگەن قازاق شائىر شاماقان قۇۋان ئوغلىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ تەشەببۇس «ئاتا يۇرت» پىدائىيلىرى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققان كۆپ ساندىكى قازاقلارنىڭ ئورتاق قوللىشىغا ئېرىشكەن. بۈگۈنكى پائالىيەتتە بۇنىڭغا ئىمزا قويغان كىشىلەر قوللىغۇچىلارنىڭ ئاز قىسمى بولۇپ، ھازىرغىچە مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىمزا قويغان شۇنداقلا سېرىكجاننى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئىمزا قويۇشقا تەييار كىشىلەر بۇ خىلدىكى پائالىيەتنى يەنە چىمكەنت، ئالماتا ۋە باشقا جايلاردىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتىكەن. 

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» دىن بىرى، ئۆزلىرىنىڭ سېرىكجاننى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپتىن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» نىڭ توغرا يوللۇق پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىشى ۋە باستۇرۇشىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چۈنكى ئىلگىرى، سابىق قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان، ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىگەن. قازاقلار سېرىكجاننى بۇ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ، ئۇنىڭغا قىلىنىۋاتقان ئادالەتسىز دۆلەت سىياسىتىنى ۋاسىتىلىك ئۇسۇلدا ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىش ئىكەن.

سېرىكجان تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە قارشى شىكايەتتە بولغان قازاقىستاندىكى بىر قىسىم قازاق جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋە خىتاي تەرەپدارلىرى زىيالىيلارنىڭ، «ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەرىپىدىن تارقىتىلغان لاگېرلار ھەققىدىكى بارلىق گۇۋاھلىق ئۇچۇر ۋە ئىسپاتلارنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن، ئۇنى «قانۇنسىز تەشكىلات قۇرۇپ، يالغان ئۇچۇر تارقاتقان»، «خىتاي-قازاقىستان دوستلۇقىغا ۋە قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە يامان تەسىر پەيدا قىلغان»، «قازاق زىيالىيلار ئۈستىدىن ھاقارەت قىلغان» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەدلىيە باشقارمىسىغا ئىمزالىق شىكايەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇ سەۋەبلىك ئۇ فېۋرالدا ئالمۇتادا سوتقا چاقىرىلغان ۋە سوتتا ئۇنىڭغا مەمۇرىي جازا سۈپىتىدە 700 دوللار جەرىمانە قويۇلغانىدى. سېرىكجان مارتتا تۇيۇقسىز قولغا ئېلىندى ۋە ئۇنىڭغا مىرزا قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىپ قايت قايتا ئۇزارتىلدى.

ياۋرو-ئاسىيا تورىنىڭ ئىلگىرى بەرگەن خەۋىرىدە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا لاگېرلارغا قامالغان قازاقلارنىڭ دەۋاسىنى قىلىۋاتقان «ئاتا يۇرت» تەشكىلاتىنىڭ بۇ مەسىلىنى خەلقئارالاشتۇرماسلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ۋە شۇ سەۋەبلىك فېۋرالدا بۇ تەشكىلاتقا تىزىمغا ئېلىنمىغان تەشكىلات دەپ جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت