«ئاتا يۇرت پىدائىيلىرى» تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى، قازاق پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلى ئۈستىدىن 29-ئىيۇل نۇرسۇلتان شەھىرىدە ئېچىلغان سوتتا، سېرىكجاننىڭ مىرزا قاماق جازاسىنى بۇنىڭدىن كېيىن نۇرسۇلتان شەھىرىدە ئەمەس بەلكى ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە داۋام قىلىشىغا قارار بېرىلگەن ئىدى. ئارىدىن 2 ھەپتە ئۆتۈپ سېركجاننىڭ ئايالىدىن ئىگىلىشىمىزچە سېرىكجان تېخى ئۆيگە قايتۇرۇلمىغان ۋە بۇ ئارىلىقتا قازاقىستاندىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا سېركجاننىڭ خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇلۇش ئېھتىماللىقلىرى ھەققىدە غۇلغۇلا پەيدا بولۇپ، سېركجاننىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىدا بەلگىلىك ئەندىشە قوزغىغان ئىكەن.
«ئاتايۇرت پىدائىيلىرى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى سېرىكجان بىلەش ئوغلىنىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۇماروۋا، 6-ئاۋغۇست قازاقىستاندىكى بىر قىسىم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، سېركجاننىڭ ئائىلىسى ھەم قوللىغۇچىلىرىنىڭ، سېركجاننىڭ مەخپىي ھالدا قازاقىستاندىن خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ھەمدە پۈتكۈل دېموكراتىك دۆلەت ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن سېرىكجانغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان.
سېرىكجاننىڭ ئايالى لەيلا ئادىلجان 30-ئىيۇل كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېرىگە بېرىلگەن مىرزا قاماق جازاسىنىڭ ئالمۇتاغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى، يەنى سېرىكجاننىڭ مىرزا قاماقنى ئەمدى نۇر سۇلتاندا ئەمەس ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزسە بولىدىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن ئېيتقانىدى.
ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ، 13-ئاۋغۇست كۈنى لەيلاغا قايتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، ئۇ سېرىكجاننىڭ مىرزا قاماق جازاسىنى ئالمۇتادا داۋام قىلىش رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كەتكەنلىكى ۋە ئۇنىڭ ھازىرغىچە تېخى ئالمۇتاغا قايتىپ كېلەلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
لەيلا خانىم، ئادۋوكات ئايجان ئۇماروۋا 6-ئاۋغۇست كۈنى تارقاتقان باياناتىدا تەكىتلىگىنىدەك، ئۆزىنىڭمۇ سېركجاننىڭ خۇددى تۈركىيەدىن يېقىندا خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقى پاش بولغان زىننەتگۈل ۋەقەسىدە، يوشۇرۇن ھالدا قازاقىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۇخلىتىش ئوكۇلى ئۇرۇلۇپ، خىتايغا قايتۇرىۋېتىلەرمۇ دەپ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
سېرىكجان 20 يىلدىن بۇيان قازاقىستاندا ياشىماقتا شۇنداقلا ئۇ 2011-يىلى قازاقىستان گىراژدانلىقىغا ئۆتۈپ بولغان. بىز لەيلا خانىمدىن ئۇنىڭ قازاقىستاننىڭ ئۆز قانۇنلۇق پۇقراسى بولغان سېرىكجاننى خىتايغا قايتۇرۇۋېتەرمۇ دەپ ئەندىشىلىنىشىنىڭ قانداق بىر ئاساسى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنىڭغا مۇنداق 3 خىل سەۋەبنى كۆرسەتتى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئالدىنقى قېتىملىق سوتتىن كېيىنلا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بەزى خىتايپەرەس كىشىلەر سېركجاننى خىتاينىڭ ئىشپىيونى» دېگەندەك ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىشقا باشلاپ، غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. لەيلا ئەدلىيە تارماقلىرى جىنايەت بېكىتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا چىققان بۇ غۇلغۇلىنى مەقسەتلىك دەپ قارايدىكەن.
ئىككىنچىدىن، ھازىر قازاقىستاننىڭ ئىچكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىمۇ تۇراقسىز بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يېقىنقى نامايىشلاردا نۇرغۇن ئۆكتىچىلەرنى ۋە پائالىيەتچىلەرنى قولغا ئالغان ۋە بەزىلىرىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكىمۇ ئاشكارىلانغان. قازاقىستاننىڭ، سىياسىي مەيدانى ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنى قاتتىق باستۇرۇۋاتقانلىقىمۇ لەيلانىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سېرىكجاننىڭ خەتەردە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان.
ئۈچىنچىدىن، قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەن قازاقلارنى قايتۇرۇش مىساللىرىمۇ يوق ئەمەس بولۇپ، قازاقىستان ئەسقار ئازاتبېك ئىسىملىك، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن ۋە قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان بىر قازاق سودىگەرنى 2017-يىلى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە قايتۇرۇۋەتكەن. ئۇ قايتقاندىن كېيىن تۈرمىگە قامالغانلىقى ئاشكارىلانغانىكەن. بۇ مىسالنى ئۆتكەن ھەپتە ئادۋوكات ئايجان ئۇماروۋامۇ ئۆز باياناتىدا ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
لەيلا مۇشۇ بىر قانچە مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، گۇناھسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنىپ، مىرزاقاماق جازاسى بەش ئايدىن بۇيان 3 قېتىم ئۇزارتىلغان ئېرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش ئېھتىمالىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق ۋە بۇ ئەندىشىسىنى خەلقئارا جامائەتكە بىلدۈرۈش زۆرۈر دەپ بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
سېرىكجاننىڭ ئايالى لەيلا ئادىلجان سېرىكجاننىڭ مىرزاقاماق مۇددىتىنى سوت ئېچىلغانغا قەدەر ئەمدى ئالمۇتادىكى ئۆز ئۆيىدە ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى، رەسمىيەتلىرىنىڭ ئاخىرى پۈتكەنلىكىنى، ئەگەر باشقا ئۆزگىرىش بولمىسا 15-ئاۋغۇست سېرىكجاننىڭ نۇرسۇلتان شەھىرىدىن ئالمۇتاغا كېلىدىغانلىقىنى، ئەمما يەنە بىر قېتىملىق سوتنىڭ ۋاقتى ۋە قەيەردە ئېچىلىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ ئالدىدا مەتبۇئاتلاردا پائالىيەتچى سېرىكجان بىلاشئوغلىنىڭ 7 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك ئەندىشىلەر مەيدانغا كەلگەنىدى. سېرىكجاننىڭ ئادۋوكاتى ئايمان ئۇماروۋا 24-ئىيۇل كۈنى ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تەپتىش دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا ئەۋەتكەن ئەيىبنامىسىدە بىلاشئوغلىنى باشقىلارنى «جىھاد» قا چاقىرىش، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى. ئايمان ئۇماروۋا يەنە ئەگەر سوتتا سېرىكجانغا ئارتىلغان بۇ جىنايەتلەر بېكىتىلگەن تەقدىردە ئۇنىڭ 2 يىلدىن 7 يىلىغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
0:00 / 0:00