كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ جازالىنىشىدا رول ئوينىماسلىققا چاقىردى

0:00 / 0:00

2020-يىلى 11-ئايدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇتقۇن قىلىنغان ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىغان. نۇپۇزلۇق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى بولغان كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 10-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكىنى، سەئۇدى رەھبەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللىشى يېتەرلىك ناچارلىق ئىكەنلىكى، ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىشىدا بىۋاسىتە رول ئوينىماسلىقىنى تەلەپ قىلغان.

بۇ مەزكۇر خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ 2020-يىلى نويابىردىن بېرى مەزكۇر دېلو توغرىسىدا 2-قېتىم بۇ خىل چاقىرىقنى ئېلان قىلىشىدۇر. ئۇنىڭ 10-يانۋار ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا كۆرسىتىشىچە، سەئۇدى دائىرىلىرى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ياكى ئەيىبلىمەي ياكى سوتلىماي تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى جىددىي رەۋىشتە تۇتقۇن قىلىنىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچراش خەۋپى بولغان خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشكە تەييارلىق قىلماقتىكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، سەئۇدى دائىرىلىرى 3-يانۋار كۈنى ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزىغا ئۇلارنىڭ بىر قانچە كۈن ئىچىدە خىتايغا قايتۇرۇلىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئىدىيەدە تەييارلىق قىلىپ قويۇشىنى ئېيتقان. بىخەتەرلىك تۈپەيلى ئىسمىنى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ئۇچۇر مەنبەلىرىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، سەئۇدى سوراقچىلىرىنىڭ سوراق ئوبيېكتى نۇقتىلىق ھەمدۇللاغا قارىتىلغانلىقى، نۇرمۇھەممەت روزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىنى سۈرۈشتۈرگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

ئ‍ىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىدىكى ئەل-داھبان تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتىكەن. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى مايا ۋاڭ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بۇ ئىككىيلەننى ئۇيغۇرلارنى قارىتا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلىۋاتقان خىتايغا قايتۇرماسلىق مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.

مايا ۋاڭ 11-يانۋار بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا باستۇرۇشنى كۈچەيتتى. بىزنىڭ تەكشۈرۈشىمىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇڭا، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى ئۇيغۇرنى ئۇلار تەن جازاسى ۋە خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىشقا ئۇچرايدىغان شىنجاڭغا قايتۇرماسلىق خەلقئارا مەسئۇلىيىتى بار. بۇ بىزنىڭ ھازىرقى ئاساسلىق ئەندىشىمىز».

مايا ۋاڭ يەنە سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى ھازىرغا قەدەر ياكى ئەيىبلىمەي ياكى سوتلىماي تۇتۇپ تۇرغانلىقى، بۇنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

مايا ۋاڭ: «ئۇلارغا ئادىل سوت ئېچىلىشى كېرەك. ھازىرغا قەدەر ئۇلار ياكى ئەيىبلەنمىدى ياكى سوتلانمىدى. ئۇلارغا قارىتا ھېچقانداق قانۇن تەرتىپ بىلەن ئىش تۇتمىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىغىمۇ قانۇنى رەسمىيەت كۆرسىتىلمىدى. بۇنىڭ ئۆزى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا كىرىدۇ. چۈنكى، كىشىلەر قانۇنى رەسمىيەت بولمىغۇچە تۇتۇپ تۇرۇلماسلىقى كېرەك. ئۇلار ھازىر خالىغانچا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئۇلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك» دېدى.

بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 11-يانۋار كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نيۇ-يوركتىكى ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى تيۇفېل خانىمغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭدىن سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان ئىنكاسىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرمىدى. ئۇ بۈگۈن ئەتىگەن 1-قېتىم تېلېفون قىلغاندا سوئالىمىزغا بۈگۈن ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىز ئۇنىڭ جاۋابىنى كەچكىچە ساقلىغان بولساقمۇ، بىراق جاۋاب كەلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭغا قايتا تېلېفون قىلىپ سۈيلىسەك ئۇ ئالاقىدار دائىرلارنىڭ ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقى، ئۆزىنىڭ بۇ مەسىلىگە جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھەمدۇللانىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق قىزى سۈمەييە ھەمدۇللا 11-يانۋار رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتىشىچە، ھەمدۇللا ۋەلى ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىغان بولۇپ، سەئۇدى ھۆكۈمىتى دادىسىنى خىتايغا قايتۇرماسلىقى كېرەك ئىكەن. ئۇ يەنە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دادىسىنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ كېلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ھەمدۇللا ۋەلى بىلەن نۇرمۇھەممەت روزى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بىر ۋاقىتتا تۇتقۇن قىلىنغان. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەت بىن سالمان 2019-يىلى 2-ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار رايونىدىكى سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرلىرىنى ئېلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىمىز ۋە قوللايمىز» دېگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان يەنە 2019- ۋە 2020-يىللىرى ب د ت دا ئارقا-ئارقىدىن خىتاينىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى قوللاش توغرىسىدىكى بىرلەشمە ئىمزالىق خەتكە ئىمزا قويغانىدى. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى مايا ۋاڭنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قوغدىمايلا قالماستىن، خىتاينىڭ ‍چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا ياردەملەشمەكتىكەن.

مايا ۋاڭ مۇنداق دەيدۇ: «سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى مۇتلەق كۆپ قىسىم مۇسۇلمان ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىللە شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان تۈركىي خەلقلىرىنىڭ ھوقۇقى ئۈچۈن ئاساسەن سۆز قىلمىدى. بۇ كىشىنى بەكمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئەلۋەتتە بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلماسلىق مەسئۇلىيىتى بولۇشى كېرەك. بىراق بۇ دېلودا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تۈركىي مۇسۇلمانلىرىنى قوغدىمايلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمان بولغانلىقى ئ‍ۈچۈن قوغلاپ تۇتۇشىغا ياردەملەشتى».

مايا ۋاڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئ‍ۆزىنى ئىسلامنىڭ قوغدىغۇچىسى دەۋاتقان ۋە ئىسلام ئېتىقادىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلەۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتايغا ھەمكارلىشىشى ئۇنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىكى» كۆرسىتىپ بەرگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك دائىرىلىرى 2020-يىلى 20-نويابىر كۈنى مەككە-مۇكەررەمنىڭ مىسفىلە مەھەللىسىدىكى بىر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ ئۆيدە تۇرۇشلۇق نۇرمۇھەممەت روزى بىلەن ھەمدۇللا ۋەلىنى تۇتقۇن قىلغان. نۇرمۇھەممەت روزى 2006-يىلدىن بېرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىشلەش ۋە تىجارەت بىلەن قانۇنلۇق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، ھەمدۇللا ۋەلى شۇ يىلى 2-ئايدا تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئ‍ۆمرە ھەج ئۈچۈن كەلگەن. لېكىن كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك تۈركىيەگە قايتىپ كېتەلمەي سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇپ قالغان.

ھەمدۇللا ۋەلى تۇتقۇن قىلىنىشنىڭ ئالدىدا سەئۇدى ئەرەبىستان ئامانلىق دائىرىلىرى ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشقا باشلىغان. ئۇ چېگرادىن چىقىشتا تۇتقۇن قىلىنىشىدىن ۋە خىتاي ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشتىن قورقۇپ سەئۇدى ئەرەبىستاندا يوشۇرۇنۇپ يۈرگەنىدى.