شەندوڭ بىرىنچى تۈرمىگە سولانغان ئۇيغۇرلاردىن 4 كىشىنىڭ ئىسمى ئاشكارىلاندى
2019.03.15
ئۇيغۇر رايونىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەن مەھبۇسلار ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا شەندوڭ بىرىنچى تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان مەھبۇسلاردىن 4 نەپىرىنىڭ ئىسىملىرى ئاشكارىلاندى. مۇخبىرىمىزغا قولىدىكى مەھبۇسلار تىزىملىكىدىن ئىليار، قاسىمجان، ئېلى ۋە مەمتىمىندىن ئىبارەت 4 كىشىنىڭ ئىسمىنى ئوقۇپ بەرگەن تۈرمە خادىمى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە سانىنىڭ كۆپلۈكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، مۇخبىرىمىزنىڭ مەھبۇسلار ھەققىدىكى باشقا سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۆتكەن ھەپتىلەردىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا شەندوڭدىكى بىرقانچىلىغان تۈرمىدە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ بارلىقى تۈرمە خادىملىرى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ئىدى. بىز بۇ ھەپتە شەندوڭ بىرىنچى تۈرمىسىگە ئۇيغۇر رايونىدىن يۆتكەلگەن مەھبۇسلارنىڭ كىملىكلىرى ۋە سانى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈرمە خادىمى بۇ تۈرمىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلمىدى. ئۇ بىزدىن سۈرۈشتە قىلماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى سورىدى. بىز ئارزۇگۈل ئىسىملىك بىر مەھبۇسنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ تۈرمىنىڭ ئەرلەر تۈرمىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق بىر مەھبۇس ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئاندىن ئۇنىڭدىن ئابدۇۋەلى ئىسىملىك بىر مەھبۇسنى سورىدۇق. قولىدىكى تىزىملىككە ئەستايىدىل قاراپ چىققان بۇ خادىم بۇنداق بىر ئىسىمنىڭ تىزىملىكتە يوقلۇقىنى بايان قىلدى. بىز ئارقىدىن ئالىمجان ئىسىملىك يەنە بىر كىشىنى سورىدۇق. ئۇ تىزىملىكتە بۇنداق بىر ئىسىمنىڭمۇ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. بىز ئالىمجان ئىسىملىك بىر كىشىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ تىزىملىكتە ئىسىملارنىڭ كۆپلۈكىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسىتىپ، سوئاللىرىمىزغا بۇ شەكىلدە بىر-بىرلەپ جاۋاب بېرىپ بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز سوئالىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ، تاھىر ئىسىملىك يەنە بىر كىشىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ چاغدا تىزىملىكتىكى ئىسىملارنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن شىكايەت قىلىپ، سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن چارچىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئۆزى بىلىدىغان ياكى قولىدىكى تىزىملىكتە مەۋجۇت بولغان ئىسىملاردىن بىر قانچىنى دەپ بېرىشىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
تۈرمە خادىمى: قاسىمجان، ئېلى، مەمەت، ئىليار. . . . . .
بىز ئۇنىڭدىن بۇ كىشىلەرنىڭ قايسى تۈرمە رايونىدا ئىكەنلىكىنى سورىدۇق. ئۇ تىزىملىككە قاراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان پۇرسەتتە بىز ئۇنىڭدىن بۇ تىزىملىكتە جەمئىي قانچە كىشىنىڭ بارلىقىنى سورىدۇق. بۇ چاغدا ئۇ سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشتىن ۋاز كەچتى. بىز ئۇنىڭدىن ئۇ ئۆزى تىلغا ئالغان ئىليار ئىسىملىك مەھبۇسنىڭ فامىلىسىنى سورىدۇق:
مۇخبىر: ئىليارنىڭ فامىلىسى نېمە؟ ئىليار شاۋكەتمۇ؟
بۇ تۈرمە خادىمى بۇ ھەقتە تېگىشلىك جاۋاب بېرىپ بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن ئارتۇق جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن قولىدىكى تىزىملىكتىكى مەھبۇسلار سانىنىڭ 100، 1000 ياكى 10 مىڭ ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېلېفونىمىزنى قويۇۋەتتى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەسلەپتە ئىنكار قىلىپ، ئاخىرىدا «كەسپىي تەربىيىلەش ئورنى» دېيىش ئارقىلىق لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ لاگېرلاردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىگەن ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر رەسمىي مەلۇمات بەرمىدى. گەرچە ئۈرۈمچىدىكى دائىرىلەر ئالدىنقى يىلى 10-ئايدا ئۈرۈمچىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە ماڭىدىغان يولۇچىلار پويىزىغا بىلەت سېتىشنىڭ بىر ئايچە توختايدىغانلىقىنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» دە ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇ مەزگىلدە پويىز يولىدا خۇپىيانە بىر زور يۆتكىلىشنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن ئىشارەت بېرىپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن لاگېر ياكى تۈرمىلەردىن قانچىلىك كىشىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن ئىدى. پەقەت ئىتالىيەدىكى «زىمىستان» خەۋەر تورى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يەر ئاستى مۇخبىرلىرى ئارقىلىق ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن 500 مىڭچە ئۇيغۇرنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يېتەرلىك تەپسىلاتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەن ئىدى. بىز ئۆتكەن يىلى يازدا قەشقەردىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدا بىر ساقچى خادىمى ئۆزىنىڭ قەشقەردىن 2000 چە كىشىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋىرى بارلىقىنى ئېيتقان ۋە بۇ يۆتكەشتە قايسى ساقچى خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىنىمۇ ئاشكارىلىغان ئىدى.