يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان «شاڭرىلا ئاسىيا خەۋپسىزلىك دىيالوگى» كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئىككى يىل كەينىگە كېچىكتۈرۈپ، يېقىندا سىنگاپوردا چاقىرىلغان. 10-ئىيۇندىن 12-ئىيۇن كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىن، خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لويد ئوستىن ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان كەسكىن سۆز ئۇرۇشىغا سەھنە بولغان بولۇپ، خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىغان.
خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې 12-ئىيۇن كۈنى، يەنى يىغىننىڭ ئاخىرىقى كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا ئامېرىكانى «مۇشتۇمىزورلۇق» بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكادىكى بىر قىسىم كىشىلەر خىتاينى ھەر جەھەتتىن باستۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئەگەر نىيىتىڭلار قارشىلىشىش بولىدىغان بولسا، بىز ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىشتىن يانمايمىز. . . كىم بىزگە قارشى ئۇرۇش قوزغايدىكەن، ئارمىيەمىز قايتۇرما زەربە بېرىشتىن ھەرگىز چېكىنمەيدۇ.»
خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې يەنە مۇنداق دېگەن: «ئېنىق قىلىپ ئېيتاي: ئەگەر كىمكى تەيۋەننى خىتايدىن ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇنىدىكەن، بىز قىلچە ئىككىلەنمەي ئۇرۇش قىلىمىز. بىز ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىمىز!»
CNN تېلېۋىزىيەسى ۋە «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەسلىدە خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرىنىڭ بۇنچە قايناپ كېتىشى، ئۇنىڭ نۇتۇقىدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لويد ئوستىنىڭ تەيۋەن مەسىلىىسى ۋە رايون خاراكتېرلىق مەسىلىلەردە قىلغان نۇتۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. يەنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لويد ئوستىن 11-ئىيۇن كۈنى سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز ۋە جەنۇبىي دېڭىز رايونلىرىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشى ۋە ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كۈچەيىتىشى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى ئوچۇق تىلغا ئېلىپ ئەيىبلىگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «شەرقىي دېڭىزدا خىتاينىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بېلىقچىلىق كېمىلىرى قوشنا دۆلەتلەر ئارا جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا. خىتاي جەنۇبىي دېڭىزدا ئۆزىنىڭ قانۇنسىز دېڭىز-ئوكيان تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان سۈنئىي ئاراللاردىكى ھەربىي بازىلىرىنى قوللىنىۋاتىدۇ. بىز خىتاي پاراخوتلىرىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بۇزغانلىقىنى، ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. غەربتە تەرەپتە بولسا، بېيجىڭنىڭ ھىندىستان بىلەن چېگراداش رايونلاردىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. ھىندى-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى، مەيلى ئۇ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىياسىي تەھدىتكە، ئىقتىسادىي مەجبۇرلاشقا ياكى ھەربىي قۇدرىتى ئۈستۈن بولغان دۆلەتلەرنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.»
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنسىتىرى ئوستىن سۆزىدە تەيۋەننىڭ خەۋپسىزلىك مەسىلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ تەيۋەنگە پاراكەندىچىلىك سېلىشىنى كۆپەيتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: «دوستۇم ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېنمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، بىز بېيجىڭنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋاتىمىز. بىز تەيۋەن ئەتراپىدىكى دېگىز رايونلىرىدا ئىغۋاگەرچىلىك ۋە مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولدۇق. بۇ يېقىنقى ئايلاردا تەيۋەنگە يېقىن ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچقان خىتاي ئارمىيەسىگە تەۋە ئايروپىلانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىمىز. ئەمما خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يوقۇرىقىدەك ھەرىكەتلىرى ھىندى-تېنچ ئوكياننىڭ خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە تەھدىت سالماقتا. تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىدۇر.»
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئوستىن يەنە مۇنداق دەپ تەكىتلىگەن: «بىزنىڭ سىياسىتىمىز ئۆزگەرمەيدۇ ھەم تەۋرەنمەيدۇ. بىز ئۇزۇندىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ‹بىر خىتاي سىياسىتى› دە ئىزچىل چىڭ تۇرىمىز. . . لېكىن ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ‹بىر خىتاي سىياسىتى› نىڭ پارچىسى سۈپىتىدە بىز ‹تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى› دىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ قالىمىز. بۇ تەيۋەننىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزىنى مۇداپىيە قىلىش ئىقتىدارىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»
بۇ قېتىملىق يىغىندا تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسى ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنغان بىر تېما بولغان بولۇپ، ھەتتا ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكيمۇ 11-ئىيۇن كۈنى تور ئارقىلىق بۇ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، پۈتۈن دۇنيانى خىتاي تەيۋەنگە قوراللىق مۇداخىلە قىلىشتىن ئاۋۋال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە ۋە تەيۋەنى قوغداشقا دەۋەت قىلغان.
تۈركىيەدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە تەيۋەن مەسىلىسى رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ مەركىزى نوقتىسى بولۇپ قالغان بولۇپ، ئەگەر خىتاي ھەقىقەتەنمۇ تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغاپ قالسا، دۇنيادا بەلگىلىك ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە باشقا ئۆزگىرىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «تەيۋەن مەسىلىسى ھەر قېتىملىق ‹شاڭرىلا دىيالوگى› دا تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم تەيۋەن مەسىلىسى بۇ يىغىننىڭ مەركىزى نوقتىسى بولدى. خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې سۆزىدە ئوچۇق قىلىپ، تەيۋەن ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. تەيۋەننى خىتايغا قوشۇۋېلىش پىكرىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان خىتاي، ئەگەر راستىنلا تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىپ قالسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۇنىڭغا ئارىلىشىپ قېلىشى ۋە ناھايىتى چوڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.»
مەلۇم بولۇشىچە، ئەسلىدە يىغىن باشلانغان كۈنى (10-ئىيۇن) ئامېرىكا ۋە خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنسىتىرلىرى ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ يىغىندا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىيە مىنىستىرلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى، ئىختىلاپنىڭ ھېچكىمگە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى، شۇڭا چوقۇم دىيالوگ قاناللىرىنى ئوچۇق قويۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشكەن. ئەمما يىغىننىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە كەيپىياتنىڭ جىددىيلىشىپ، سۆز ئۇرۇشىنىڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىشى، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى تولۇق نامايەن قىلىپ بەرگەن.
«ئامېرىكا تاشقىي سىياسەت كېڭىشى» (AMERICAN FOREIGN POLICY COUNCIL) نىڭ تەتقىقاتچىسى مايكىل سوبولىك بۇ ھەقتە رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ھازىر ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك تۇرىدىغان پەيتى ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ھازىر خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغداش ئىرادىسىنى سىناۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ بىزگە ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى قوغداش مەسىلىسىدىكى ئىرادىسىنى سىناۋاتىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا بېيجىڭنىڭ تەيۋەندىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىنى خىتايغا ناھايىتى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك. ئامېرىكا تەيۋەننى قوغدايدىغان ۋە شەرقىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقىنى قوغدايدىغان بىردىنبىر كۈچلۈك دۆلەت. ھازىر شى جىنپىڭغا يۇمشاق مۇئامىلە قىلىدىغان پەيت ئەمەس! ھازىر خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلاۋاتقان ۋاقىت بولغاچقا، خىتاي زىددىيەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.»
CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئۈچ كۈنلۈك يىغىن جەريانىدا خىتاي تەرەپ-تەرەپتىن تەنقىدكە ئۇچرىغان بولۇپ، ئاۋسترالىيە ۋە كانادامۇ بۇ يىغىندا خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى نۇتۇقىدا خىتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ئاسىيانىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى ھازىر توكيونىڭ دۆلەت مۇداپىيە خامچوتىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىشكە ۋە ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ يېڭى تىپتىكى مۇدپىيە ۋە زەربە بېرىش قوراللىرىنى سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ،» دېگەن.
ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «شاڭرىلا ئاسىيا خەۋپسىزلىك دىيالوگى» رايون بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى دىيالوگ بىلەن ھەل قىلىش، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى ئىختىلاپلارنى تېنچلىق بىلەن ھەل قىلىش نىشانى بىلەن باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ پوزىتسىيەسى بۇنداق بىر ئېھتىماللىقنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ئۇ مۇنداق دېدى: «20 يىلدىن بېرى، بۇ يىغىندا ئامېرىكا بىلەن خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىشلار بارغانسېرى شىددەتلىك تۈس ئېلىۋاتىدۇ. ھازىرقى خىتاي ئامېرىكاغا بارغانسېرى چوڭ سۆزلەيدىغان بولدى. خىتاينىڭ زورىيىشى رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى خىتاي ئەمەلدارى بىر قېتىملىق سۆزىدە ئوچۇق قىلىپ: سىلەر كىچىك دۆلەت، بىزگە بويسۇنۇڭلار، دېگەن. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە بۇنداق گەپلەر زوراۋانلىق دەپ قارىلىدۇ. خىتاينىڭ زورىيىشى بىلەن رايوندىكى تەڭپۇڭلۇقلار ئۆزگىرىپ، نۇرغۇن مەسىلىلەر بۇنىڭغا ئەگىشىپ چىقتى. رايوندىكى دۆلەتلەر بولسا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا ئۇرۇش بولۇپ قالسا، ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرىدا زىيان تارتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. بىر ھېسابتا سىنگاپور بۇ يىغىننى مانا مۇشۇ سەۋەبتىن ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئەمما بۇ يىللىق يىغىندىكى تالاش-تارتىشلارغا قارايدىغان بولساق، گەپلەر بارغانسېرى قاتتىقلىشىۋاتىدۇ. شۇڭا كىشىلەردە ئامېرىكا-خىتاي بۇ جېدەلنى ئۇرۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇرامۇ-قانداق، دەيدىغان ئەنسىرەشلەر كۈچىيىۋاتىدۇ.»
مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ئوستىن، ئامېرىكانىڭ ھىندى-تېنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا، دېڭىز ۋە ھاۋا يوللىرىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار ئاساسىدا ھەممىگە ئوچۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى؛ بۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋسترالىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن ھەر تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې ئۆزىنىڭ نۇتۇقىدا «بەزى چوڭ كۈچلەر ئوچۇق دېڭىزدىكى سۇ يولى ئەركىنلىكىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، زومىگەرلىك قىلىۋاتىدۇ. بىزنى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە يامان كۆرسىتىۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە زومىگەرنىڭ كىملىكى ھەممىگە ئايان،» دېگەن.
ئۇ يەنە «ئەگەر مەقسىتىڭلار ھەمكارلىشىش بولسا، بىز ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە تەڭ پايدا ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئەگەر مەقسىتىڭلار قارشىلىشىش بولسا، ئۇ ھالدا بىز ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىمىز،» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلغان.
مايكىل سوبولىك ئەپەندى رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكانىڭمۇ ئۆز مەيدانىنى ئوچۇق بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكانىڭمۇ خىتاينىڭ سۆزلىرىنى سىنايدىغان ۋە ئۇنىڭ بۇ تەھدىت ئويۇنلىرىنىڭ راست-يالغانلىقىنى سىناق قىلىپ باقىدىغان پۇرسىتى بار. بىزنىڭ ئىنكاسىمىز ئىنتايىن ئېنىق بولۇشى كېرەك، ئۇ بولسىمۇ-ئامېرىكا زومىگەرلەرگە ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈشى كېرەك!»
«شاڭرىلا ئاسىيا خەۋپسىزلىكلىك دىيالوگى» يىغىنى ھەر يىلى بىر قېتىم مۇستەقىل ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بولغان «خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى» (IISS) تەرىپىدىن سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھۆكۈمەتلەر ئارا خەۋپسىزلىكلىك يىغىنى بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئادەتتە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىرى، مىنىستىرلىقلارنىڭ دائىملىق باشلىقلىرى ۋە ھەربىي باشلىقلىرى قاتنىشىدىكەن. بۇ مۇنبەرنىڭ ئىسمى سىنگاپوردىكى «شاڭرىلا مېھمانخانىسى» دىن كەلگەن بولۇپ، 2002-يىلدىن باشلاپ ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.