يېڭى زېلاندىيە پۇقراسى شاۋۇدۇن: ئائىلەمنى يوق قىلىۋەتكەن خىتاي يەنە ماڭا تەھدىت سالماقتا

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019.05.28
shawudun.jpg شاۋۇدۇن ئابدۇغۇپۇر ئەپەندى.
Shawudun ependi teminligen

يېڭى زېلاندىيەگە كېلىپ ياشاۋاتقىنىغا 10 يىل بولاي دېگەن شاۋۇدۇن ئابدۇغۇپۇر ئىككى يىل ئىلگىرى ئانىسىنىڭ «ئەمدى بىزگە تېلېفون قىلمىغىن» دېگەن ئاخىرقى بىر ئېغىز سۆزىدىن كېيىن، ئۇنىڭ يۇرتى يەكەندىكى بارلىق ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلىدۇ، كېيىن ئۇ ئۇلارنىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپىدۇ. شۇندىن بۇيان ھەللىمۇ-مەھەللە كېزىپ تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ، يېڭى زېلاندىيە ئاخباراتلىرىغا چىقىپ گۇۋاھلىق بېرىپ، ئائىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنى ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان شاۋۇدۇن يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەھدىت تېلىفونلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشقا باشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

يېڭى زېلاندىيە ئۇيغۇرلار كۆچمەنلەر ئەڭ ئاز دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، يېقىندىن بۇيان لاگېرلار مەسىلىسى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان بىر مەزگىلدە يېڭى زېلاندىيە ئاخباراتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە خىتاي تەرىپىدىن لاگېرلارغا قامالغانلىقىدەك مەسىلە بىر قانچە قېتىم غۇلغۇلا قوزغىدى بۇنىڭدا

زېلاندىيەگە كۆچمەن بولۇپ ياشاۋاتقىنىغا 10 يىل بولۇپ قالغان ۋە بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ئۆتكەن ئۇيغۇرلاردىن شاۋۇدۇننىڭ لاگېرلارغا قامالغان ئائىلە تاۋابىئاتى ھەققىدە ئاخباراتلاردا سۆزلىشى بەلگىلىك رول ئوينىدى.

بۇلتۇردىن باشلاپ يېڭى زېلاندىيە دۆلەت رادىئوسى، يېڭى زېلاندىيە شۇئان بىر خەۋەر قانىلى قاتارلىق، بۇ دۆلەتتىكى ئاساسلىق رادىيو ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شاۋۇدۇن ئابدۇغۇپۇر، ئۆزىنىڭ 2016-يىلىدىن باشلاپ 77 ياشلىق ئانىسى تۇرسۇنگۈل قاسىم ۋە ئاكىلىرى ئابدۇمىجىت ئابدۇغۇپۇر، غەيرەت ئابدۇغۇپۇر ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، ئىنىسى ئالدۇلغەنى ئابدۇغۇپۇر ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى ھەم باشقا بارلىق قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى، تونۇشلىرى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا قامالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى ئاڭلاتقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، لاگېرلارغا قامالغانلار ئارىسىدا ئۇنىڭ ئاكىسىنىڭ بىر مەجرۇھ قىزىمۇ بار ئىكەن.

شاۋۇدۇن، شۇ چاغنىڭ ئۆزىدىمۇ خىتاينىڭ ۋاسىتىلىك ۋە بىۋاسىتە نامسىز تېلېفون ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، مۇخبىرلارنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يوشۇرۇپ تەخەللۇس ئىشلەتكەن ئىكەن.

شاۋۇدۇن 2018-يىلى، 3-ئايدىن باشلاپ، لاگېرغا قامالغان ئائىلىسى ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېڭى زېلاندىيەگە ئاڭلىتىش پائالىيىتىنى يالغۇز باشلىغان. ئۇ ئۆز ئائىلىسىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلەرنىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈرەتلىرى چاپلانغان، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ئىخچام چۈشەندۈرگەن ۋە ئۇ زېلاندىيە ئاممىسى ۋە ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىش مەزمۇنىدا مەخسۇس تەشۋىقات ۋاراقچىسىنى لايىھىلەپ بېسىپ تارقىتىشقا باشلىغان. ئۇنىڭ مەھەللىمۇ-مەھەللە، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تارقاتقان تەشۋىقات ۋاراقچىسىنىڭ سانى 40 مىڭغا يەتكەن. ئۇ يەنە بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار بىريۇسسېل ۋە بېلگىيە قاتارلىق جايلاردا تەشكىللىگەن خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلغان نامايىشلارغا بېرىپ قاتناشقان.

ئەنە شۇ سەۋەبلىك شاۋۇدۇنغا خىتايدىن كېلىدىغان تەھدىت تېلېفونلىرى يەنىمۇ كۆپەيگەن. گەرچە شاۋۇدۇن خىتاي دائىرىلىرى تەھدىت ئىشلىتىشتە قوللانغان بارلىق نامسىز تېلېفون نومۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى قايتا كىرمەس قىلىپ، ساقچىلارغا تەھدىت كەلگەن نومۇرلارنىڭ تىزىملىكىنى بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە دېلو مەلۇم قىلغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭغا تا بۈگۈنگە قەدەر ھەر تۈرلۈك تەھدىت تېلېفونلىرى كېلىپ توختىمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى خاتىرجەمسىز بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

شاۋۇدۇن ئابدۇغوپۇر، زېلاندىيەگە كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر بۆلۈمىنىڭ تېخنىك خادىمى بولۇپ، ئۇ شۇ جايدا 10 يىللارچە خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، يېڭى زېلاندىيەدە خىتاينىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، يېقىندا يېڭى زېلاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا، ھەر ساھەدە خىتاي بىلەن يېڭى زېلاندىيەنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ئىپادىلەنمەكتىكەن. ھەتتا ئۇ بۇنى ئۆزىنىڭ بىر يېڭى زېلاندىيە پۇقراسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن خىتايدىن توختىماي تەھدىت تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى يەرلىك ساقچى ۋە بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا بىر قانچە قېتىم مەلۇم قىلىش جەريانىدىكى ئالغان پەرۋاسىز ئىنكاسلاردىنمۇ ھېس قىلماقتىكەن. ئۇ ئاخىرقى قېتىم 2019-يىلى، 3-مارت كۈنى ئۆزى تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى ساقچى ئىدارىسىگە ئۆزىنىڭ تەھدىت تېلېفونى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ رەسمىي دېلو قوبۇل قىلىش رەسمىيىتىمۇ بېجىرگەن ئىكەن.

شاۋۇدۇن ئۆزىنىڭ بۇنداق بىخەتەرسىز، خاتىرجەمسىز بىر تۇيغۇغا كېلىپ قېلىشىغا، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ئۆزىنىڭ يەرلىك تەتقىقاتچىسىمۇ يېقىندا خىتاينىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ ماقالە يازغاندىن كېيىن، نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغاندىمۇ جىددىي بىر تەدبىر ئالمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ كۆرسەتتى. دەرۋەقە، يېڭى زېلاندىيە چانتېربۇري ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئاننې مارىئە براديس خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قارا-قويۇق قاماپ، ئائىلىلەرنى پارچىلاپ، بىگۇناھ بالىلارنىڭ تىرىك يېتىملەرگە ئايلىنىۋاتقانلىقىدەك خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 2017-يىلى دېكابىردا، ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا نامەلۇم كىشىلەر ئوغرىلىقچە كىرىپ ئاختۇرغان، كومپيۇتېر ۋە باشقا شەخسىي بۇيۇملىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان. ھەتتا ئۇ يەنە شۇ جايدىكى خىتاي جامائىتى نامىدا خىتايغا قارشى گەپ قىلىشنى توختىتىش ھەققىدە تەھدىت خېتى تاپشۇرۇپ ئالغان.

ئۇ يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنى خىتاي تەھدىتىدىن قوغداشنى تەلەپ قىلغان ھەتتا يېڭى زېلاندىيە باش مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. بۇ ھەقتە يېڭى زېلاندىيەدە چىقىدىغان «ستاف» ژۇرنىلىنىڭ 2019-يىلى 29-يانۋاردا ئېلان قىلغان «يېڭى زېلاندىيەلىك تەتقىقاتچى ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇپمۇ داۋاملىق خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىماقتا» دېگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تەتقىقاتچى پروفېسسور ئاننې مارىئە براديس خانىم ئۆزىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن تەھدىتكە ئۇچرىشىغا قارشى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا جىددىي بىر نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە ئۆزىنى قوغدىشى توغرۇلۇق تەلەپ سۇنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەلەپلىرى تا ھازىرغا قەدەر يېڭى زېلاندىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي ئىنكاسقا ئېرىشمىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئەپسۇسلانغان ھالدا ؛ «ناھايىتى ئەپسۇس، يېڭى زېلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداشتىنمۇ، بۇ دۆلەتنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتىنمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ئىپادىلەنمەكتە. ناھايىتى ئېنىقكى بۇ دۆلەت مەزكۇر ۋەقەنىڭ ئۇنتۇلۇپ كېتىلىشىنى خالىماقتا» دېگەن ئىكەن.

شاۋۇدۇن گەرچە ئۆزىنىڭمۇ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، بىراق بىگۇناھ ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى شۇنداقلا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازى بولۇشنى ھەرگىز توختاتمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.