«شېين» گۇرۇھىنىڭ لوندون پاي چېكى بازىرىغا كىرىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كەلدى
2024.07.03
ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە چېتىشلىق، دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان خىتاي مودا كىيىم شىركىتى- «شېين» (Shein) گۇرۇھىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىش پىلانى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خىرىسىغا دۇچ كەلگەن. ئەنگلىيەدىكى بىر داڭلىق ئادۋوكاتلىق ئورنى ئۆتكەن ھەپتە ئەنگلىيەنى بازا قىلغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» گە ۋاكالىتەن ئەنگلىيە مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىۋاتقان مەزكۇر ئەرزان باھالىق مودا كىيىم شىركىتىنىڭ لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىش يولىدىكى ھەرقانداق ئۇرۇنۇشىنى رەت قىلىش، شۇنداقلا ئۇنىڭ پاي چېكى تارقىتىشىغا يول قويماسلىقنى تەلەپ قىلغان.
لېيدەي ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ۋاكالەتلىك قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» ئەنگلىيە مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىگە «ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە ئوبوروت كومىتېتى» نىڭ «شېين» گۇرۇھىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە دائىر ئەندىشىلەر سەۋەبلىك ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىغا چىقىشىنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
«شېين» گۇرۇھى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىغا كىرىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، بىراق ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە ئوبوروت كومىتېتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ بېسىمىدا مەزكۇر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىدا پاي چېكى تارقىتىشىنى رەت قىلغان ئىدى. ئەنگلىيە لېيدەي ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى رىكاردو گاما (Ricardo Gama) 2-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئەنگلىيە مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىدىن «شېين» نىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى دەلىللىدى. رىكاردو گاما مۇنداق دىدى: «بىز مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىدىن ‹شېين› نىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىماسلىقنى تەلەپ قىلدۇق. ‹شېين› نىڭ ئىلتىماسى تەستىقلانمىسا، لوندون ئاكسىيە بازىرىدا پاي چېكى تارقىتالمايدۇ. »
ئادۋۇكات رىكاردو گامانىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار دېلودا تېخى قانۇنى دەۋا-دەستۇر باسقۇچىغا كەلمىگەن. ئۇلار پەقەت مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، «شېين» نىڭ ئۇلارغا يالغان سۆزلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نىڭ ئۇلارنى «شېين» نىڭ قىلمىشىغا ئائىت تېخىمۇ تەپسىلىي دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رىكاردو گاما مۇنداق دېدى: «بىز تېخى تەكشۈرۈش باسقۇچىغا، جۈملىدىن تېخى سوت باسقۇچىغا كەلمىدۇق. نۆۋەتتە، بىز پەقەت مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ، بىزنىڭ ۋاكالەتچىمىز ‹ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى› نىڭ ئۇلارنى تېخىمۇ تەپسىلىي دېتاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەلىللەر بىلەن تەمىنلەپ، مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ‹شېين› نىڭ ئىلتىماسىنى تەستىقلىماسلىقى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى، چۈنكى ‹شېين› نىڭ زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە يالغان سۆزلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردۇق. »
«شېين» گۇرۇھى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» 2022-يىلى 11-ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «شېين» نىڭ ئامېرىكىغا ئېكسپورت قىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەجرىبىخانىدا تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ «شىنجاڭ پاختىسى» دا ئىشلەپچىقىرىلغانلىقى مەلۇم بولغان. «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش بىرلەشمىسى» نىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ دىرېكتورى رەھىمە مەھمۇت ئامېرىكادا پاي چېكى بازىرىغا كىرىشى رەت قىلىنغان «شيېن» نىڭ ئەنگلىيەدىمۇ رەت قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
لېيدەي ئادۋوكاتلىق ئورنى ئەنگلىيە مالىيە ئىنتىزامىنى نازارەت قىلىش دائىرىلىرىگە مەكتۇپ يېزىپ ئارقىدىنلا، يەنى 26-ئىيۇن كۈنى ئەنگلىيە يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئەنگلىيەدىكى «دۇنياۋى قانۇن ھەرىكىتى تورى» نىڭ نارازىلىق ئەرزى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرمەسلىكى قانۇنسىزلىق، دەپ ئېلان قىلغان ئىدى. رەھىمە مەھمۇتنىڭ 2-ئىيۇل بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا قەيت قىلىشىچە، ئۇلار يۇقىرى سوتنىڭ قارارى «شيېن» نىڭ ئەنگلىيە پاي چېكى بازىرىغا كىرىشىگە تەسىر قىلىدۇ، دېگەن ئۈمىدتە ئىكەن.
ھالبۇكى، لېيدەي ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ ئادۋوكاتى رىكاردو گامانىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېتەرلىك دەلىللەر «شيېن» نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغان قىلمىشلاردىن پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن. رىكاردو گاما مۇنداق دېدى: «دەلىللەر ‹شيېن› نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى جىنايەت تەشكىل قىلىدىغان قىلمىشلاردىن پايدىغا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى يېتەرلىك نامايان قىلماقتا. ئەگەر ‹شيېن› نىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى جىنايى قىلمىشلار زامانىۋى قۇللار ئەمگىكى جىنايىتىنى تەشكىل قىلسا، ئۇ ھالدا ‹شيېن› جىنايى قىلمىشلاردىن پايدىغا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇ جىنايەت ۋە جىنايەتتىن كىرىم قىلىش قىلمىشىغا كىرىدۇ. »
لېكىن «شيېن» ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە. «شيېن» نىڭ باياناتچىسى ئۆتكەن ھەپتە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ « ‹شيېن› نىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە يول قويماسلىق سىياسىتى بار. بىز تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پۈتكۈل ھالقىلارنىڭ ئاشكارا بولۇشىغا جىددىي قارايمىز ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. بىز ھۆددىگەرلىرىمىزدىن بەلگىلەنگەن رايونلارنىڭ پاختىسىنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن. ھالبۇكى، ئۇلار ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدىكى ئېلان-سەنئەتلىرىدە مەھسۇلاتلىرىغا ئالىي سۈپەتلىك «شىنجاڭ پاختىسى» ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن. «شيېن» نىڭ لوندون پاي چېكى بازىرىغا كىرىشنى ئىلتىماس قىلىشى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتكەن بىر ۋاقىتتا سۇنۇلغان.
ئامېرىكا ۋەتەن خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قارا تىزىملىكىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئارقىدىنلا خىتاينىڭ 26 توقۇمىچىلىق شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نىڭ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن ئىدى.