رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيسى شەرىپ ئەخمەدوف ۋاپات بولدى

0:00 / 0:00

رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ يىللىق ئاكتىپ تەشكىللىگۈچىسى شەرىپ ئەخمەدوف 2019-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى كەچتە موسكۋادا تۇيۇقسىز قوزغالغان يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي 82 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇ ئادەتتە رەسمىي تۈردە «شەرىپ ئەخمەدوف» دەپ ئاتالسىمۇ لېكىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شەرىپجان ئەخمىدى ياكى «شېرىپ ئاكا» دەپ تونۇلغانىدى. شەرىپجان ئەخمىدى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، 1992-يىلى موسكۋادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، باشقا بىر قىسىم ئالىملار ۋە زىيالىيلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرغان. كېيىن بۇ جەمئىيەت رۇسىيە خاراكتېرلىك جەمئىيەتكە ئايلىنىپ، ئۆزى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھەم رەئىسى بولغانىدى.

موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى رەپقەت سادىقوف شەرىپجان ئەخمىدى ئەپەندىنى «رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاكتىپ رەئىسى» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شەرىپ ئەپەندى، يەنى شەرىپ ئەخمەدوف نامى بىلەن تونۇلغان بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا لاگېرلارنى تاقاش ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىنى تەشكىللەش شۇنىڭدەك ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

شەرىپ ئەخمەدوف ئەپەندى كۆپ قېتىم قازاقىستان ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە سەپەرلەردە بولۇپ، چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنلارغا قاتناشقان. 2016-يىلى، موسكۋادا خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىشىغا كۈچ قوشقان شۇنىڭدەك يىغىندا ئىلمىي دوكلات بەرگەن. رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن «پولىتازىيا» تورى، بۇ يىل فېۋرالدا شەرىپ ئەخمەدوفنىڭ موسكۋادىكى مىللەتلەر سارىيىدا بىر قىسىم زىيالىيلار، سىياسەتچىلەر ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان تەقىبلەش سىياسىتى» ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى تەشكىللىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.

شەرىپ ئەپەندى رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش سىياسىتىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ رۇسىيە جامائىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشقان زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىدى.

سانكىتپېتېربۇرگدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە جامائەت ئەربابى ھەمراجان ئامراق ئەپەندى شېرىپ ئاكىنىڭ ۋاپاتىدىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى ئۇ موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ يېتەكچىسى ۋە تونۇلغان زىيالىيسى ئىدى. ئۇ، بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي قەھرىمانى غېنى باتۇر قاتارلىقلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلىغانىدى.

شەرىپجان ئەخمىدى 1937-يىلى، شىخودا تۇغۇلۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تەربىيىسىنى شۇ يەردە ئالغان. 1955-1961-يىللىرى موسكۋادىكى كانچىلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتقان، ئەمما 1962-يىلى، سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلۇپ، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئائىلىسى بىلەن بىرگە موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ، بىر قانچە يىل سىبىرىيەدىكى كانلاردا ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىگەن ۋە ئارقىدىن موسكۋادىكى يېنىك سانائەت مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى كۆمۈر كان تەتقىقات ئورنىدا كۆپ يىللار تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەپ، رۇسىيەدىكى كۆپلىگەن كۆمۈر كانلىرىنى پىلانلاش، لايىھىلەش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، كانچىلىق ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.

رەپقەت سادىقوفنىڭ ئېيتىشىچە، «شېرىپ ئاكا يەنە تارىخ ۋە سىياسىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى ھەم شائىر ئىدى». ئۇ «تارىم سەرگارى» تەخەللۇسى بىلەن رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن تارىخى ۋە پۇبلىستىكىلىق ماقالىلەر ھەمدە مەخسۇس ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسى ھەققىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلغان.

شەرىپجان ئەپەندى موسكۋادا ياشاپ ۋاپات بولغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تونۇلغان ئۇيغۇر ئەربابلىرى تۇرسۇن سادىقوف قاتارلىق زىيالىيلار بىلەن يېقىن سەپداش بولغان ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1960-1980-يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت سىياسەتلىرىدىن خەۋەردار كىشى ئىدى.

شەرىپجان ئەخمىدى ئۇيغۇرلارنىڭ 1950-1960-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ، ئاخىرىدا مۇھاجىرەت يولىنى تاللىغان زىيالىيلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ھەم موسكۋا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا جامائەت ئەربابى سۈپىتىدىمۇ تونۇلغان.